ئۈرۈمچى قىشلىق مەدەنىيەت- ساياھىتىنىڭ IPسى − قار ئادەم «شۆبو»
11:42:13 2024-12-10 «ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى 12- ئاينىڭ 7- كۈنى بەييۈن چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدىكى «شۆبو» يوقلىمىدىن ئۆتۈش نۇقتىسىدا سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرماقتا. («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چېن يەن فوتوسى)

 بېشىغا ئۆزگىچە پوسما كىيگەن، ئەتلەس شارپا ئورىۋالغان، بەدىنى يۇمىلاق، قاش- كۆزى جانلىق تەسىر بېرىدىغان بۇ ئوماق قار ئادەم دەل ئۈرۈمچى قىشلىق مەدەنىيەت- ساياھىتىنىڭ IPسى بولغان قار ئادەم «شۆبو».
 12- ئاينىڭ 7- كۈنى، 22- نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يىپەك يولى قار- مۇز مەنزىرە بايرىمى ۋە داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى چاڭغا تېيىلىش تەكلىپ مۇسابىقىسى نەق مەيدانىدا چوڭ تىپتىكى «شۆبو» مودېلى، «شۆبو» شەكلىدىكى يوقلىمىدىن ئۆتۈش  تاختىسى، «شۆبو» قونچاق ئارتىسلىرى قاتارلىقلارنى ھەممىلا جايدا كۆرگىلى بولىدىغان بولۇپ، بۇ نۇرغۇن ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى ۋە ساياھەتچىنى سۈرەتكە چۈشۈپ يوقلىمىدىن ئۆتۈشكە جەلپ قىلدى.

 قار- مۇز پەسلىدىكى ئۈرۈمچىنىڭ يېڭى ھەمراھى بولۇش سۈپىتى بىلەن، «شۆبو» ئىجادىيىتى قانداق شەكىللەنگەن؟

 ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت- رادىيو- تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى (شەھەرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى) تەشۋىق قىلىش، كېڭەيتىش ۋە تاشقى ئالاقە بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خەي يەن مۇنداق دېدى: ئەمەلىيەتتە، «شۆبو»نىڭ ئىجادىيىتى شىنجاڭ شېۋىسى «削波儿» (سەل- پەل، ئازراق دېگەن مەنىدە)دىن كەلگەن ئاھاڭداش سۆز بولۇپ، بۇ ئۈرۈمچى قىشلىق مەدەنىيەت- ساياھىتىنىڭ IPسى بولغان قار ئادەمنىڭ نامى قىلىندى، بىز يەنە شېۋە ھېسابلىنىدىغان ئاھاڭداش سۆزلەرنىڭ تارقىلىش ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، قار ئادەمنى تارقىتىش ۋاسىتىسى قىلغان ماركىتېڭ ۋەزىيىتى يارىتىپ، ئۈرۈمچىنىڭ قار- مۇز ساياھەت پەسلى قىزغىنلىقىنى كۈتۈۋېلىشنى ئۈمىد قىلىمىز. مەيلى «شۆبو»نىڭ شەكلى ياكى ئىسمىدە بولسۇن، ھەممىسىدە قويۇق شىنجاڭ «ئۇسلۇبى» نامايان قىلىندى. (مۇخبىر لى كەي، گو جۈنگې)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125