11- ئاينىڭ 23- كۈنى، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى تېكەس ناھىيەسىنىڭ قارادالا بازىرى چوڭقۇشتاي كەنتى كۈمۈش لىباس كىيىپ، خۇددى قار- مۇزدىكى چۆچەك دۇنياسىغا ئوخشاپ قالغانىدى. ئاپئاق قار بىلەن قاپلانغان كەنت، گىرەلىشىپ كەتكەن ياغاچ ئۆي، قارلىق تاغ، ئورمان، دالا، دەريا- ئېقىنلار بىر- بىرىنى جۇلالاندۇرۇپ، بىر پارچە سىياھ رەسىمنى ھاسىل قىلغانىدى.
بۇ ۋاقىتتا، ساياھەتچىلەرنىڭ خۇشال كۈلكە سادالىرى كەڭ كەتكەن قارلىق دالىدا ياڭراپ، قىشنىڭ جىمجىتلىقىنى بۇزۇپ، قار- مۇز دۇنياسىغا جانلىق تۈس قوشتى.
تېكەس ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىدىن تاھىر ئەنۋەر، جاۋ چىڭچىڭ