ئۈرۈمچى شىنتى مەھەللىسى «ئانار دانىسى» مۇلازىمەت پونكىتىدا ئاھالىلەر مەھەللە ئۆتكۈزگەن ئەدەبىيات- سەنئەت + لېكسىيە سۆزلەشنى ئاساسىي شەكىل قىلغان بىر مەيدان «ئاساسىي قانۇن، قانۇن مۇلازىمىتى ئېيى» پائالىيىتىگە قاتناشماقتا. («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى مۇ مىن خەۋىرى، فوتوسى)
مەھەللە ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسىي بىرلىكى، شۇنداقلا ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرى شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەڭ مەھەللە كادىرلىرىنى تېخىمۇ كۆپ ۋاقتى ۋە زېھنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىشقا سەرپ قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، بىر قاتار ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى يولغا قويدى.
«بىر جەدۋەل» ئارقىلىق ئاساسىي قاتلام خىزمىتىنىڭ «1000 لىنىيە»سى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى
12- ئاينىڭ 4- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) چاڭچۇن ئوتتۇرا يولى كوچا باشقارمىسى تيەنجىن يولى مەھەللىسىدە، مەھەللە خىزمەتچىسى ساۋ چياۋجى «جىگاۋشىن» رەقەملىك ئەمەلىي قوللىنىش سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى تېخى تاپشۇرمىغان ئاھالىلەرگە ئەسكەرتىش ئۇچۇرىنى يوللاۋاتاتتى.
ساۋ چياۋجى مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى بىر- بىرلەپ تېلېفون بېرىپ، مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، ئەڭ ئاخىرىدا جەملەپ جەدۋەل ھاسىل قىلىشقا توغرا كېلەتتى. <جىگاۋشىن> سۇپىسىنى ئىشلەتكەندىن بۇيان، پەقەت بىر كۇنۇپكا بىلەنلا ئۇچۇر يوللىغىلى بولىدۇ، كىمنىڭ ھەق تاپشۇرغان- تاپشۇرمىغانلىقى سۇپىدا ئېنىق كۆرۈنىدۇ، مەھەللە كادىرلىرى جەملەش جەدۋىلىنى تۈزمىسىمۇ بولىدۇ، چۈنكى سۇپىدا ئاپتوماتىك ھاسىل بولىدۇ».
بۇلتۇر يىل ئاخىرىدىن باشلاپ يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)دا ئىشلىتىلىۋاتقان «جىگاۋشىن» سۇپىسىنىڭ سانلىق مەلۇمات تەگلىكى ئېلېكتىرونلۇق «تولۇق مىقدارلىق ئۇچۇر جەدۋىلى» بولۇپ، ئادەم، ئۆي، ئىش، نەرسىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇ، مائارىپ، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت، خەلق ئىشلىرى، سەھىيە- ساغلاملىق قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۇچۇرلارغا چېتىلىدۇ. يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)دا «جىگاۋشىن» سۇپىسى دەل مۇشۇ «بىر جەدۋەل» ئارقىلىق ئاساسىي قاتلام خىزمىتىدىكى «مىڭ لىنىيە»نى ئېنىق ئايرىپ، تەرتىپنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، ئۈنۈمنى ئۆستۈردى.
ساۋ چياۋجى مۇنداق دېدى: «جىگاۋشىن» سۇپىسى تورغا ئۇلانغاندىن كېيىن، مەھەللىلەرنىڭ ئىستاتىستىكىلاپ كىرگۈزۈش خىزمەت مىقدارى %60كە يېقىن ئازايدى. سۇپا مەھەللىنى ئىدارە قىلىش سانلىق مەلۇماتلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرغاچقا، خادىملارنىڭ ئىش ئورنىدا ئۆزگىرىش بولغان تەقدىردىمۇ، سانلىق مەلۇماتلار ئۆتكۈزۈپ بېرىش- ئۆتكۈزۈۋېلىش جەريانىدا چۈشۈپ قالمايدۇ، يېڭى خادىملارمۇ تېز سۈرئەتتە ئىشقا كىرىشەلەيدۇ. ئىلگىرى مەھەللە ئاھالىلەرنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنى بېجىرىپ بېرىش ئۈچۈن سەككىز خىزمەتچى ئاجراتمىسا بولمايتتى، ھازىر «جىگاۋشىن» سۇپىسىنىڭ ياردىمىدە، پەقەت ئىككى خىزمەتچى بولسىلا بولىدۇ، ئادەم ئازايدى، خىزمەتمۇ يېنىكلىدى، بۇ بىزگە نىسبەتەن ھەقىقىي «يۈكنى يېنىكلىتىش» ھېسابلىنىدۇ.
مەھەللە كادىرلىرىنىڭ يۈكى يېنىكلىتىلدى، ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىشىمۇ قولايلاشتى. تىجارەتچى جاڭ يالىڭ ئالدىنقى مەزگىلدە تيەنجىن يولى مەھەللىسىدە پولوخانا ئاچقان، ئۇ «جىگاۋشىن» سۇپىسى ئارقىلىق، تىجارەت كىنىشكىسىنى قاترىمايلا بېجىرىۋالدى.
ئاھالىلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى
ئۈرۈمچى ئەرگۇڭ كوچا باشقارمىسى شىنتى مەھەللىسى «ئانار دانىسى» مۇلازىمەت پونكىتىدا بىر مەيدان ئەدەبىيات- سەنئەت + لېكسىيە سۆزلەش ئاساسىي شەكىل قىلىنغان «ئاساسىي قانۇن، قانۇن مۇلازىمەت ئېيى» پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى، ھەرقايسى ئەدەبىيات- سەنئەت ئۆمەكلىرى بىر تەرەپتىن نومۇرلاردىن ھۇزۇرلانغاچ، بىر تەرەپتىن ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردى.
شىنتى مەھەللىسىنىڭ خىزمەتچىسى يۆ چېنرەن ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلەرنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. ئىلگىرى ئۇ كۆپ قىسىم ۋاقتىنى كومپيۇتېردا جەدۋەل تولدۇرۇش، ھېسابات دەپتىرى تۇرغۇزۇشقا سەرپ قىلاتتى، ھازىر ئۇنىڭ ئاھالىلەر ئارىسىغا بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىنى يۈزتۇرا ئىگىلەپ، ئاھالىلەرنى ئۇلار ئېھتىياجلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشكە تېخىمۇ كۆپ ۋاقتى بار بولدى.
«ۋەزىپە چۈشۈرۈش»تىن «تەلەپنى قوبۇل قىلىش»قىچە، شىنتى مەھەللىسى ئاھالىلەرنىڭ ئارزۇسىنى ئىگىلەش ئارقىلىق ھۆكۈمەت بىلەن جەمئىيەتنىڭ كۆپ تەرەپتىكى بايلىقىنى تۇتاشتۇرۇپ، ئۆسمۈرلەر دېكلاماتسىيەسى، ئۇسسۇل، ياشانغانلار خور ئۆمىكى قاتارلىق ئامما ياقتۇرىدىغان تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزدى، مەھەللە پائالىيەت ئۆيى ھەر كۈنى قاينام- تاشقىنلىققا چۆمدى.
پائالىيەتلا ئەمەس، ئەمەلىيەتتە بۇ يىل شىنتى مەھەللىسىنىڭ ئاساسلىق خىزمىتىنىڭ ھەممىسى ئاھالىلەرنىڭ ئارزۇسى ۋە ئېھتىياجىغا ئاساسەن قانات يايدۇرۇلدى: ئاھالىلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، جۇڭيى دوختۇرخانىسى، كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى، ئېغىز بوشلۇقى دوختۇرخانىسى قاتارلىق مەخسۇس دوختۇرخانىلاردىكى مۇتەخەسسىسلەر مەھەللىگە كېلىپ ھەقسىز كېسەل كۆرۈشكە تەكلىپ قىلىندى؛ مەھەللە كادىرلىرى ئاھالىلەر بىلەن بىرلىكتە قىسقا سىن ئىشلەپ، جانلىق، قىزىقارلىق ئىپادىلەش شەكلى ئارقىلىق كۆپچىلىكنى تۈرلۈك سىياسەت مۇلازىمىتى ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلىدى؛ يالغۇز تۇرىدىغان ياشانغانلارغا كۆڭۈل بۆلۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، بىرلىكتە كۆكتات سېتىۋېلىپ، تاماق ئېتىپ ياشانغانلارغا قويۇق مېھىر- مۇھەببەتنى ھېس قىلدۇردى.
تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت ۋە زېھنىي كۈچ ئاھالىلەرگە دەل جايىدا مۇلازىمەت قىلىشقا ئاجرىتىلدى
ئۈرۈمچى خېنەن شەرقىي يولىغا جايلاشقان مەكتەپ رايونى ئائىلىلىكلەر قورۇسى ئولتۇراق رايونىدا، ئەرگۇڭ كوچا باشقارمىسى خېنەن شەرقىي يولى مەھەللىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى بۇ شيەنرۇڭ موماينىڭ ئۆيىنى تازىلاپ بېرىۋاتاتتى.
بۇ يىل 85 ياشقا كىرگەن بۇ شيەنرۇڭ بۇلتۇر ئېرى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئىزچىل يالغۇز تۇردى، شۇڭا ئۇ خېنەن شەرقىي يولى مەھەللىسىنىڭ ئالاھىدە ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئوبيېكتىغا ئايلاندى.
بۇ شيەنرۇڭ مۇنداق دېدى: «مەھەللە خىزمەتچىلىرى دائىم ئۆيۈمگە كېلىپ مېنى يوقلاپ تۇرىدۇ، قىيىنچىلىقىم بار- يوقلۇقىنى سورايدۇ، ئۆيۈمنى تازىلاپ بېرىدۇ، مەن بىلەن مۇڭدىشىدۇ، بۇنىڭدىن مەن تولىمۇ ئىللىقلىق ھېس قىلدىم. مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ غەمخورلۇقى مېنىڭ پىسخىكا جەھەتتە ئەڭ قىينالغان ۋاقىتلاردىن ئۆتۈۋېلىشىمغا ياردەم بەردى، ھازىر مەن مەھەللە خىزمەتچىلىرى بىلەن بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇپ قالدىم. ھاۋا سوغۇق، يول تېيىلغاق بولغاچقا، مەھەللە خىزمەتچىلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تېلېفون بېرىپ ئېھتىياجىمنى سورايدۇ، بەزىدە كۆكتات، دورىلارنى ئۆيگىچە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ، بەزىدە ئىسسىق ھورى چىقىپ تۇرغان تاماقلارنى ئەكېلىپ بېرىدۇ، يەنە سالامەتلىكىمنى تەكشۈرتكىلى ئاپىرىدۇ».
خېنەن شەرقىي يولى مەھەللىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى دۇەن جىڭ مۇنداق دېدى: ھازىر تۈرلۈك يىغىنلار ئىخچاملىنىپلا قالماي، يەنە ئائىلىلەرگە كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەش قېتىم سانى تېخىمۇ ئىلمىي بىرىكتۈرۈلدى، «جىگاۋشېن» سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ ئۇچۇر توپلاش ئەلالاشتۇرۇلۇپ، توردا ئىش بېجىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ئاھالىلەرمۇ توردا كەسىپ بېجىرەلەيدىغان بولدى. بۇنىڭ پايدىسىدا، مەھەللە كادىرلىرىنىڭ كوچا- كويلارنى ئارىلايدىغان، ئائىلىلەرگە دەل جايىدا كىرىپ، ئىلتىماس- تەلەپلەرنى ئىگىلەيدىغان، ئاھالىلەرگە مۇلازىمەت قىلىدىغان ۋاقتى ۋە زېھنىى كۈچى تېخىمۇ كۆپ بولدى. ھازىر يۈكنى يېنىكلىتىش ئارقىلىق مەھەللە خىزمەتچىلىرى «ئىش بىلەن ئالدىراش بولۇش»تىن «مۇلازىمەتنى تۇتۇش»قا يۈزلەندۈرۈلدى، پۈتكۈل مەھەللە مېھىر- مۇھەببەت ۋە ئىللىقلىققا تولغان چوڭ ئائىلىگە ئايلاندى.