شىنجاڭ 96 مىڭ 800 كارخانىغا ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش بويىچە قايتۇرىدىغان مەبلەغدىن 693 مىليون يۈەننى ئەمەلىيلەشتۈردى
11:37:55 2024-12-10 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 شىنجاڭ 96 مىڭ 800 كارخانىغا ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش بويىچە قايتۇرىدىغان مەبلەغدىن 693 مىليون يۈەننى ئەمەلىيلەشتۈردى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ چۇنخۇا، پىراكتىكانت فۇ شىنيىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا يار- يۆلەك بولۇش ئۈچۈن، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىش سالمىقىنى زورايتقان، ھازىرغا قەدەر، سۇغۇرتىغا قاتناشقان 180 مىڭ 600 ئورۇننىڭ ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ھەققىنىڭ نىسبىتى باسقۇچلۇق تۆۋەنلىتىلىپ، 2 مىليارد 516 مىليون يۈەن يۈكى يېنىكلىتىلگەن، 96 مىڭ 800 كارخانىغا ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش بويىچە قايتۇرۇلىدىغان مەبلەغدىن 693 مىليون يۈەن ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن.

 بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز ھەق نىسبىتىنى باسقۇچلۇق تۆۋەنلىتىش سىياسىتى ھەم ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنى ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش بويىچە قايتۇرۇش سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ يولغا قويۇپ، خادىم قىسقارتمىغان، ئاز قىسقارتقان كارخانىلارغا قارىتا، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق خاراكتېرىدىكى ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنى ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش بويىچە قايتۇرۇش سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىنى تولۇق، دەل جايىدا، پۇختا تولۇقلاپ كاپالەتلەندۈرۈشكە كۈچ قوشتى. «سىياسەت كارخانىنى ئىزدەش، ئىلتىماس قىلمىسىمۇ بەھرىمەن قىلىش» بېجىرىش ئەندىزىسىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋاسىتىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش بويىچە قايتۇرۇش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان كارخانىلارنى دەل جايىدا تاسقاپ تەكشۈرۈپ، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش بويىچە قايتۇرۇلىدىغان مەبلەغنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۆزنەك ئېچىپ ئۇقتۇرۇپ، جەزملەشتۈرۈلگەندىن كېيىن قايتۇرۇلىدىغان مەبلەغنى بىۋاسىتە كارخانا ھېساباتىغا كىرگۈزۈپ، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش پايدىسىدا «ئىلتىماس قىلىشنى كەچۈرۈم قىلىش، قاتراتماسلىق، تېز بەھرىمەن قىلىش»نى ئىشقا ئاشۇردى. 

 جۇڭگو شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار تورىغا تايىنىپ تەمىنلەش- ئېھتىياج ئالماشتۇرۇش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، پۇقراۋى كارخانىلار، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار، يەككە سودا- سانائەتچىلەرنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، پۇقراۋى كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئېيى مەخسۇس پائالىيىتى، 100 كۈندە 10 مىليون خىزمەتچى مەخسۇس تەكلىپ قىلىش پائالىيىتى قاتارلىقلارنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ ئادەم ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى تىرىشىپ ھەل قىلدى. ھەر دەرىجىلىك ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىغا تايىنىپ، كارخانىلارنىڭ تەكلىپ قىلىش پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئەمگەكچى ئىشلىتىشكە مەسلىھەت بېرىش، يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن پائال تەمىنلىدى. كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىختىساسلىقلار ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرى ۋە پۇقراۋى كەسپىي تەربىيەلەش مەكتەپلىرىگە تايىنىپ كەسپىي ماھارەت تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، كارخانىلاردىكى ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىقتىدار ساپاسىنى ئۆستۈردى. خىراجەت مەدىتى، ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، ئىختىساسلىقلارنى باھالاش قاتارلىق كۆپ تەرەپلەردىن يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنىڭ كارخانىغا بېرىپ تەرەققىي قىلىشىنى ھەر تەرەپلىمە مەدەت بىلەن تەمىنلىدى.

 «تىيانشان تالانتلىقلىرى»نى يېتىشتۈرۈش پىلانىنىڭ شىنجاڭ ھۈنەرۋەنلىرى تۈرىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، دىققەتنى ئاپتونوم رايوننىڭ خاس، ئەۋزەل كەسىپلەر توپىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭغا مايىللىشىش، بىرىنچى سەپتىكى ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىغا مايىللىشىش، ياش ئىختىساسلىقلارغا مايىللىشىش، ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش پىرىنسىپى بويىچە، تۈر باھالاش خىزمىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇردى. پۇقراۋى كارخانىلاردىكى كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئۇنۋان ئىلتىماس قىلىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئۇنۋان ئىلتىماس قىلىش- قوبۇل قىلىش مۇلازىمەت نۇقتىسى تەسىس قىلدى.

 ئېلېكتىرونلۇق ئەمگەك توختامىنى ئومۇملاشتۇرۇش، قوللىنىش مەخسۇس ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلدى. ئەمگەك توختامىنى قەغەزسىزلەشتۈرۈش، ئېلېكتىرونلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇنۇپ، ئەمگەك توختامى ئىمزالاش تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ قولايلاشتۇرۇلدى. مۇلازىمەت كوللېكتىپى تەشكىللىنىپ ۋە يېتىشتۈرۈلۈپ، كارخانىلارنىڭ كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى ياخشىلىشىغا ياردەم بېرىلىپ، كارخانىلارنىڭ ئادەم ئىشلىتىشىنى قېلىپلاشتۇرۇشى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125