ھەپتە ئاخىرىدا ئۈرۈمچىدە قار قىزغىنلىقى ئەۋجىگە چىقتى
12:12:36 2024-12-11 «ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى


نۇرغۇن ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى ۋە ساياھەتچى 12- ئاينىڭ 8- كۈنى شەھەر رايونىغا ئەڭ يېقىن قار تېيىلىش مەيدانى − ۋېيسىتې چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا قار- مۇز تەنھەرىكىتى شادلىقىغا چۆمدى. ئۈستىدىكى سۈرەتتە: چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدىن كۆرۈنۈش. ئاستىدىكى سۈرەتتە: چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى توكلۇق سىيرىلما يولدا باش نۇقتىغا قاراپ يۈرمەكتە. (دىلنار جارقىن فوتوسى)

 شىئەندىن كەلگەن ساياھەتچى ساۋ جۈندا 12- ئاينىڭ 7- كۈنى بەييۈن چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا مۇنداق دېدى: «بەك پەيزى بولدى! بايا ئىككى قېتىم تېيىلدىم، قارنىڭ سۈپىتى ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەن، بالدۇرراق كەلمىگىنىمگە پۇشايمان قىلدىم».

 شۇ كۈنى دەل شەنبە بولۇپ، 22- نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يىپەك يولى قار- مۇز مەنزىرە بايرىمى ئۈرۈمچى ناھىيەسى شۈيشىگوۋ بازىرىدىكى بەييۈن چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا داغدۇغىلىق باشلاندى، ئاممىنىڭ قار- مۇز قىزغىنلىقى تېز ئاشتى، ئۈرۈمچىدە قىشلىق قار- مۇز ساياھەت دولقۇنى كۆتۈرۈلدى.

 بەييۈن چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدىكى قار يولىدا چاڭغا تېيىلىش ماھىرلىرى شامالدەك غۇيۇلداپ تېيىلىۋاتاتتى؛ بىر چەتتە ھور چىقىرىپ قايناۋاتقان ئاچچىق- چۈچۈك خوگو قىشتىكى سوغۇقنى ھەيدەۋاتاتتى.

 شاڭخەيدىن كەلگەن چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارى يې چېن مۇنداق دېدى: «پارلاپ چىققان قۇياش ئۈرۈمچىدىكى چاڭغا تېيىلىش مەيدانىنى ئىللىتقاچقا، ئازراقمۇ سوغۇق ھېس قىلمىدىم».

 ئۈرۈمچىنىڭ ئىللىق قۇياش نۇرى يې چېننىلا ئەمەس، داڭلىق چاڭغا تېيىلىش رايونى بولغان خېيلۇڭجياڭدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىمۇ جەلپ قىلدى.

 خېيلۇڭجياڭلىق چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارى لى لېيۈن مۇنداق دېدى: «ئۈرۈمچىدىكى چاڭغا تېيىلىش مەيدانلىرىغا ئالاھىدە مۇھەببىتىم بار، بۇ يەرنىڭ ھاۋاسى ناھايىتى ياخشى، چاڭغا تېيىلغاندا كىشى ھاۋا تېمپېراتۇرىسىدىن راھەتلىك ھېس قىلالايدۇ، يەنە بۇ يەرنىڭ ئۆزگىچە تائاملىرىنىمۇ بەك ياخشى كۆرىمەن».

 قار سۈپىتى يۇمشاق، ھاۋا تېمپېراتۇرىسى مۇۋاپىق، قار مەزگىلى بىرقەدەر ئۇزاق بولۇشتىن ئىبارەت ئالاھىدىلىكتىن پايدىلىنىپ، ئۈرۈمچى شەھىرى يې چېن، لى لېيۈنگە ئوخشاش ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىنى قالتىس چاڭغا تېيىلىش تەسىراتىغا ئىگە قىلدى.

 بەييۈن چاڭغا تېيىلىش مەيدانىغا ئانچە يىراق بولمىغان يىپەك يولى تاغلىق ئىستىراھەت رايونىدا، تاغ چوققىسىدىن ئۇچقاندەك چۈشۈۋاتقان چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى ماھارەت بىلەن چاڭغا تېيىلدى... ئۇلار ئىللىق قۇياش نۇرى ئاستىدىكى قار- مۇزدا ئۆزىنى ئەركىن قويۇۋېتىپ تېيىلىپ، ئازادىلىك ۋە سۈرئەتنىڭ لەززىتىدىن بەھرىمەن بولدى.

 گەنسۇلۇق ساياھەتچى ليۇ چىڭپىڭ مۇنداق دېدى: «مەن جۈمە كۈنى ئۈرۈمچىگە كەلدىم، بۇ يەردە ئادەم بەك كۆپكەن، كۆپچىلىكنىڭ چاڭغا تېيىلىش قىزغىنلىقى ناھايىتى يۇقىرى ئىكەن، مەندە ناھايىتى ياخشى تەسىر قالدۇردى».

 يىپەك يولى تاغلىق ئىستىراھەت رايونى ماركا مەركىزىنىڭ مەسئۇلى جۇاڭ خۇڭ مۇنداق دېدى: «ئىستىراھەت رايونىمىز شەنبە كۈنىلا 6000 (قېتىم)دىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى».

 چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا چاڭغا تېيىلىش، شيەنلەي كىچىك بازىرىغا بېرىپ ئادەم بېلىق ئويۇنىنى كۆرۈش، دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھىغا بېرىپ يەرلىك قورۇمىلارنى تېتىپ بېقىش، پارنىكقا كىرىپ ساۋمېي ئۈزۈش، ئۆزگىچە ئائىلىۋى مېھمانخانىدا ساليۇت كۆرۈش... گۇاڭجوۋدىن كەلگەن ساياھەتچى دېڭ مېي بۇ ئىككى كۈنلۈك ساياھەت كەچۈرمىشى ئۈستىدە توختالغاندا بۇ قېتىمقى سەپىرىنىڭ ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى ئېيتتى.

 دېڭ مېي مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى بۇ يەرنىڭ پەقەت قار مەنزىرىسى گۈزەل، ھاۋاسى ياخشى دەپ قارايتتىم، ھازىر شۇنى ھېس قىلدىمكى، ئۈرۈمچىدىكى چاڭغا تېيىلىش مەيدانلىرى بارغانسېرى ياخشى قۇرۇلۇپلا قالماي، ھەر خىل ساياھەت، ھېس قىلىش سورۇنلىرىمۇ كىشىنى جەلپ قىلىدىكەن».

 خۇددى دېڭ مېي ئېيتقاندەك، ساياھەت بايلىق ئۈستۈنلۈكىگە تايىنىپ، ئۈرۈمچى «ساياھەت +»نى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق كۆپ خىل كەسىپ ھالىتى ئارىسىدا ئۆزئارا تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر كۈنلۈك ساياھەتنى ئىككى كۈنلۈك ساياھەتكە، كۆپ كۈنلۈك ساياھەتكە ئۆزگەرتىپ، كۆپ خىل تاللاش بىلەن تەمىنلەش، ھېس- تۇيغۇنى موللاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۈرۈمچىنى تېخىمۇ زور جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە قىلدى.

 دېڭ مېي مۇنداق دېدى: «بۇ بىر قانچە يىلدا ھەر قېتىم قار پەسلى كەلگەندە، بىر ئائىلە كىشىلىرى ئۈرۈمچىگە كېلىپ چاڭغا تېيىلدۇق، ساياھەت تۈرلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرۇش ۋاقتىمىزمۇ ئەسلىدىكى ئىككى، ئۈچ كۈندىن ھازىرقى بىر ھەپتىگە، ھەتتا يېرىم ئايغا ئۇزاردى».

 نەزەرىمىزنى شەھەر ئىچىدىكى چاڭغا تېيىلىش مەيدانلىرىغا ئاغدۇرساق، بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا شىمىگۇ رايونىنىڭ ئارىشاڭ شەرقىي يولىغا جايلاشقان ۋېيسىتې چاڭغا تېيىلىش مەيدانىمۇ نۇرغۇن چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىنى كۈتۈۋالدى.

 ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى گاۋ جياۋېي مۇنداق دېدى: «بىز يېقىن ئەتراپتا تۇرىمىز، چۈشتە تاماق يەپ بولۇپلا بالىنى ئېلىپ كەلدۇق، <ئىشىك ئالدىمىزدىلا> خۇماردىن چىققۇچە چاڭغا تېيىلدۇق».

 قىش پەسلىدىكى مياۋئېرگوۋ لۇڭۋاڭ شارقىراتما مەنزىرە رايونىدا ئېگىز قارلىق چوققىلار قەد كۆتۈرۈپ، كۈمۈش لىباسقا ئورالغان بولۇپ، خۇددى چۆچەك دۇنياسىغا ئوخشايدۇ.

 مەنزىرە رايونىدا ئات مىنىپ ساياھەت قىلغان ساياھەتچى دۇەن شىنيەن مۇنداق دېدى: «بۇ يەردىكى گۈزەللىكلەرنى فوتو ئاپپارات بىلەن تارتىپ تۈگىتەلمىدىم، ناھايىتى ھەيۋەتلىك ئىكەن، تەبىئەت مەنزىرىسى ھەقىقەتەن قالتىس ئىكەن».

 مياۋئېرگوۋ لۇڭۋاڭ شارقىراتما مەنزىرە رايونىنىڭ مەسئۇلى ماكەن ئابكېن مۇنداق دېدى: «ھەپتە ئاخىرىدا مەنزىرە رايونىغا كېلىپ ئات مىنىدىغان، پىيادە ماڭىدىغان، قار- مۇز سەيلىسى قىلىدىغان، ئېسىل تائاملارنى تېتىيدىغان ساياھەتچى كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى».

 ئوخشاشلا، ئۈرۈمچى شەھەر رايونىدىكى ھەرقايسى چوڭ باغچىلاردىكى قار- مۇز دۇنياسىنىڭ ئارقا- ئارقىدىن ئېچىۋېتىلىشىگە ئەگىشىپ، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى ئۆيلىرىدىن چىقىپ، ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ، دوستلىرى بىلەن باغچىغا كېلىپ، يېقىن ئەتراپتا قار- مۇز سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدى.

 خۇڭسەن باغچىسىدا كانكى ئايىغى كىيگەن شەھەر ئاھالىلىرى مۇز ئۈستىدە «ئۇچقاندەك» تېيىلماقتا ئىدى. چاڭغا تېيىلىش چەمبىرىكى، مۇز ئۈستى ۋېلىسىپىتى قاتارلىق بىر قاتار كەسپىي ماھارەت تەلەپ قىلمايدىغان، ياشانغانلار، ياشلارنىڭ ھەممىسىگە ماس كېلىدىغان قار- مۇز كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

 ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى چېن جيې مۇنداق دېدى: «باغچە ئۆيىمىزگە يېقىن، بالاممۇ مۇز تېيىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ھەپتە ئاخىرىدا بالام بىلەن مۇز تېيىلغىلى كېلىمىز، بۇ يەردە ھەم ئارام ئالغىلى، ھەم بەدەن چېنىقتۇرغىلى بولىدۇ».

 ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئۆسۈملۈكلەر باغچىسىدا، كىچىككىنە قار- مۇز دۇنياسىمۇ كۈلكە سادالىرى بىلەن تولدى. چاڭغا تېيىلىش چەمبىرىكى، قارلىق موتوسىكلىتى، چانا... قار- مۇز دۇنياسىدىكى تۈرلۈك قار- مۇز كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرى كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

 ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئۆسۈملۈكلەر باغچىسى قار- مۇز دۇنياسىنىڭ مەسئۇلى ما جۈنتاۋ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ قار- مۇز دۇنياسىدىكى نەچچە ئون تۈرلۈك قار- مۇز كۆڭۈل ئېچىش تۈرىمىزنىڭ ھەممىسى ئېچىۋېتىلىپ، شەھەر ئاھالىلىرى ھەم ساياھەتچىلەرنىڭ قار- مۇز تەنھەرىكىتىدىن بەھرىلىنىشىگە قولايلىق يارىتىلدى». (مۇخبىر لى كەي، گو جۈنگې)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125