ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر فەن چيۇڭيەن) 12- ئاينىڭ 9- كۈنى، مۇخبىرنىڭ دوۋيىن سۇپىسىدىن ئىگىلىشىچە، دوۋيىن ئېلېكتىرونلۇق سودىسى كۈندىلىك ئوتتۇرىچە زاكاز مىقدارى مىليوندىن ئاشىدىغان چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە يېرىمىدىن كۆپرەك زاكاز تالونى «يىغىپ توشۇش ئەندىزىسى» ئارقىلىق ئىستېمالچىلارنىڭ قولىغا يەتكۈزۈلگەن. بۇ نەتىجىنىڭ قولغا كېلىشى ئاساسلىقى دوۋيىن ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنىڭ شىنجاڭ رايونىغا قاراتقان پوچتا ھەققىنى كۆتۈرۈش مۇلازىمىتىدىن بولغان.
شىنجاڭ قاتارلىق چەت، يىراق رايونلاردىكى ئىستېمالچىلارنىڭ ئەشيا ئوبوروتى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، دوۋيىن ئېلېكتىرونلۇق سودىسى بۇ يىل 6- ئايدا «چەت، يىراق رايونلار ئەشيا ئوبوروت مۇلازىمىتى»نى رەسمىي يولغا قويۇپ، شىنجاڭدىكى خېرىدارلارغا ئەۋەتىدىغان تاۋارلارنىڭ سانى ھەم كۆلىمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى، شىنجاڭ رايونىدا پوچتا ھەققىنى كۆتۈرىدىغان ئەشيا ئوبوروتى ئىشقا ئاشۇردى.
نۆۋەتتە، دوۋيىن ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنىڭ شىنجاڭغا پوچتا ھەققىنى كۆتۈرۈش مۇلازىمىتى سۇپىدىكى 1200 خىلدىن ئارتۇق تۈرنى قاپلىدى، بۇ، ئاياللار كىيىم- كېچەكلىرى، گىرىم بۇيۇملىرى، ئۇششاق يېمەكلىكلەر، ئائىلە بۇيۇملىرى، دورا- دەرمەك قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ مۇلازىمەت شىنجاڭنىڭ ئىستېمال بازىرىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشۇپلا قالماي، يەنە سودىگەرلەرنىڭ سېتىش مىقدارىنى كېڭەيتىشىگە تۈرتكە بولدى. مودا زىننەت بۇيۇملىرى، ئۇششاق يېمەكلىكلەر، يۇيۇش- ئاسراش بۇيۇملىرى، تەنھەرىكەت بۇيۇملىرى قاتارلىقلارنى ساتىدىغان نۇرغۇن سودىگەر شىنجاڭغا پوچتا ھەققىنى كۆتۈرۈش مۇلازىمىتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، زاكاز تالونى ۋە يېڭى خېرىدارلارنىڭ قوش كۆپىيىشىنى كۈتۈۋالدى. تەنھەرىكەت، بەدەن چېنىقتۇرۇش بۇيۇملىرىنى ساتىدىغان بىر سودىگەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يېقىندىكى بىر مەيدان بىۋاستە كۆرسىتىشتە، %40 خېرىدار شىنجاڭدىن ئىكەن.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)