قەلبنى ئىللىتقان دەملەر | دەقىقىلىك ئىللىقلىقنى ئەستە ساقلاش
14:44:08 2024-12-13 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

فېڭ جۈنفېن

 يازغۇچى جاڭ مەنجۈەن مۇنداق دېگەن: «ئادەم بىلەن دۇنيانىڭ نۇرغۇن باغلىنىشى ئەمەلىيەتتە دائىم ناتونۇش كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلىش ھەم بۇ كىشىلەرگە نىسبەتەن ھېچقانداق تەلەپ قويماسلىقتۇر، بۇنداق بولغاندا ئەكسىچە ھەقىقىي ياخشى نىيەتنى ئىپادىلىگىلى بولىدۇ، ھەر قېتىملىق ئۇچرىشىش، خۇددى نېلۇپەرنىڭ سۇدىكى شولىسىغا ئوخشاش، بۇ دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك ھەم گۈزەل ھېسسىيات ھېسابلىنىدۇ». جاڭ يىخېمۇ مۇنداق دېگەن: «ئادەم خۇددى چاڭ- توزانغا ئوخشاش، كىشىلىك دۇنيادا سەيلى- ساياھەت قىلىپ يۈرىدۇ، پەقەت ھېسسىيات بولغاچقىلا،  جەم بولۇش،  بېقىنىش مەۋجۇت بولىدۇ».

 «گۈلدۈر!» قىلغان ئاۋاز بىلەن گۈلدۈرماما ئۇپۇقتا ياڭرىدى، چاقماقنىڭ ۋاللىدە چېقىشىغا ئەگىشىپ، قارا بۇلۇت بېسىپ كېلىپ، ھەش- پەش دېگۈچە يەر- جاھاننى قاراڭغۇلۇق قاپلىدى، پۇرچاقتەك- پۇرچاقتەك يامغۇر تامچىسى شارىلداپ قۇيۇلۇپ، ئەينەككە ئۇدۇل چۈشۈپ، ئەينەكنى قاتتىق جىغىلدىتىۋەتتى، ئارقىدىنلا يەنە بىر پەس بوغۇق گۈلدۈرماما ئاۋازى ئاڭلاندى. مەن ئۆيدە ئولتۇرۇپ، تېڭىرقىغىنىمچە دېرىزە سىرتىغا قارىدىم، سىرت سۇ پەردىسى غارىدەك بولۇپ كەتكەن بولۇپ، تۇماندا يىراقنى ئېنىق كۆرگىلى بولمايتتى، مەن بۈگۈن يەتكۈزۈلىدىغان ھۆججەت ۋاقتىدا يەتكۈزۈلمىگۈدەك، دەپ پەرەز قىلدىم.

 دەل شۇ چاغدا، تېلېفون قوڭغۇرىقى جىرىڭلىدى، مەن تېلېفوننى ئېلىپ: «ياخشىمۇ سىز، ئۆزىڭىز؟» دەپ سورىدىم. «ياخشىمۇسىز، بۇ يەردە سىزنىڭ تېز يوللانمىڭىز باركەن، مەن ئولتۇراق رايوننىڭ ئالدىدا، كېلىپ ئېلىۋالالامسىز؟» تېلېفوننىڭ قارشى تەرىپىدىكى ئاۋاز ئادەتتىكىگە ئوخشاش سالماق بولۇپ، ھاۋارايىنىڭ تەسىرىگە قىلچە ئۇچرىمىغاندەك قىلاتتى، مەن سەل ھەيران بولغان ھالدا: «تېز يوللانما كەلدىمۇ؟ سەل ساقلاپ تۇرۇڭ، مەن ھازىرلا چىقاي»، دېدىم. ئىشىك ئالدىغا كېلەي دېگىنىمدە، مەن خىزمەت كىيىمى كىيگەن بىر تېز يوللانما يەتكۈزگۈچى يىگىتنىڭ تېز يوللانمىلارنى تەرتىپلىك رەتلەپ، يوللانما تاپشۇرۇۋالغۇچىلارنىڭ يوللانمىلىرىنىڭ قاتتىق يامغۇردا ھۆل بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، يامغۇرلۇق كىيىمى بىلەن تېز يوللانما قەغەز ساندۇقىنى يېپىپ قويۇۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇ مەھەللىمىزدىكى مەخسۇس تېز يوللانما يەشىكى قويىدىغان لاپاسنى كۆرۈپ، ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن تېز يوللانمىنى لاپاسنىڭ ئاستىغا يۆتكىدى. دەرۋازىۋەن بۇنى كۆرگەندىن كېيىن ياردەم قىلماقچى بولۇپ: «سىز قايتىپ كېتىۋېرىڭ، بۇ تېز يوللانما يەشىكىگە مەن قاراپ تۇراي!»، دېدى. تېز يوللانما يەتكۈزگۈچى تەمكىنلىك بىلەن: «بۇنداق قىلساق قانداق بولىدۇ؟ مېنىڭ خىزمىتىم تېز يوللانمىنى خېرىدارلارنىڭ قولىغا بىخەتەر يەتكۈزۈش، مەن ئۇنىڭغا مەسئۇل بولۇشۇم كېرەك!» دېدى. دەرۋازىۋەن: «ھېچقىسى يوق، مەن قاراپ تۇرۇپ، ئۆي ئىگىلىرى چۈشكەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەرسەملا بولىدىغۇ!» دېدى. «ھېچقىسى يوق، رەھمەت سىزگە، مەن ئۆزۈم قىلاي». «ئۇنداقتا سىز مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ يامغۇردىن دالدىلىنىڭ!» «ھېچقىسى يوق، خېرىدارىم ھازىرلا كېلىدۇ». بۇنى ئاڭلاپ قەدىمىمنى تېزلىتىپ: «كەچۈرۈڭ، سىزنى ساقلىتىپ قويدۇم»، دېدىم. «ھېچقىسى يوق، بۇ سىزنىڭ تېز يوللانمىڭىز، ئېلىۋېلىڭ». «رەھمەت سىزگە». «ئەرزىمەيدۇ. مەن كەتتىم!»

 مۇشۇنداق ھاۋارايىدا، مەن مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىدىغان مۇشۇنداق بىر تېز يوللانما يەتكۈزگۈچىنى كۆردۈم، ئۇنىڭ قىزىل فورمىسى قاتتىق يامغۇردا ئادەتتىن تاشقىرى ئىللىق كۆرۈندى، خىزمەتنىڭ ئىنچىكە ھالقىلىرىغا بولغان بۇ خىل ئىنتىلىشى، خىزمەت ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇشى مېنى ناھايىتى تەسىرلەندۈردى.

 ئىللىق دەقىقىلەر خۇددى ئىللىق ئېقىمغا ئوخشاش ۋۇجۇدىمىزغا سىڭىپ كىرىپ، تۇرمۇشتىكى ھەر بىر ئىللىق دەقىقىلەرنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلىتىپ، قول تۇتۇشۇپ بېسىپ ئۆتكەن مەڭگۈلۈك ئەسلىمىلەرنى شەكىللەندۈرۈپ، گۈزەل، ئىناق جەمئىيەتنى ئىللىتىدۇ.

 (ئاپتونىڭ ئادرېسى: خېبېي ئۆلكىسى خەندەن شەھىرى گۇاڭپىڭ ناھىيەسى مىڭدې باشلانغۇچ مەكتىپى)

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125