نېمىشقا بىر ئۇخلاپ ئويغانسام ئاغزىم مايماق بولۇپ قالدى؟ بۇ ھەقتىكى مۇھىم ئەسكەرتىش ←
17:11:21 2024-12-11 تىيانشان تورى

جاڭ ئەپەندى بىر ئۇخلاپ ئويغانغاندىن كېيىن

جاۋغىيى سول تەرەپكە قىيسىيىپ قالغان

دوختۇرغا كۆرۈنگەندىن كېيىن يۈز پارالىچى دەپ دىياگنوز قويۇلغان

12- ئاينىڭ 5- كۈنى

ئۈرۈمچى شەھەرلىك جۇڭيى دوختۇرخانىسى يىڭنە سانجىپ ۋە داغلاپ داۋالاش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى لى تاۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:

يېقىنقى مەزگىل يۈز پارالىچى كۆپ يۈز بېرىدىغان مەزگىل

 «مەن داۋالىغان يۈز پارالىچى ئاغرىقلىرى ئىچىدە، ئەڭ كىچىكى ئاران ئۈچ ئايلىق بولغان، چوڭى 90 ياش ئەتراپىدا»، لى تاۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «يۈز پارالىچىنىڭ تولۇق ئاتىلىشى يۈز نېرۋىسى پالەچلىنىش بولۇپ، يۈز نېرۋىسى زەخىملەنگەنلىكتىن يۈز مۇسكۇلى پالەچلەنگەن بىر خىل نېرۋا كەمتۈكلۈك ئالامىتى. يۈز پارالىچى ئاساسىي نېرۋا خاراكتېرلىك يۈز پارالىچى ۋە ئەتراپ خاراكتېرلىك يۈز پارالىچىدىن ئىبارەت ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ، باشنى خېسى (يادرو ماگنىتلىق رېزونانس) ياكى CTغا چۈشۈرۈپ پەرقلەندۈرۈش تەكلىپىنى بېرىمىز. ئادەتتە كۆپ قىسىم ئاغرىقنىڭ ھەممىسى ئەتراپ خاراكتېرلىك يۈز پارالىچىغا تەۋە. بۇ كېسەللىك كۈز، قىش ياكى قىش، ئەتىياز ئارىلىقىدا كۆپ يۈز بېرىدۇ، قاپلاش يېشى بىر قەدەر كەڭ. كېچىدە ئۇخلىماسلىق، چارچاش، شامالداپ قېلىش، سوغۇق ئۆتۈپ قېلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يوشۇرۇن ئامىل بولۇپ، قىزىش، ياللۇغلىنىشتىن كېيىنمۇ پەيدا بولىدۇ».

 «لېكىن بەك ئەنسىرەپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق، ئاكتىپ مۇنتىزىم داۋالىغاندىن كېيىن، كۆپ قىسىم ئاغرىق نورمال ئەسلىگە كېلىدۇ»، لى تاۋ مۇنداق دېدى: «يۈز پارالىچىنى داۋالاش ئۇسۇلى ياللۇغقا قارشى تۇرۇش، ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش، نېرۋىنى ئوزۇقلاندۇرۇش قاتارلىق ئاساسىي داۋالاش ئاساسىدا، يىڭنە سانجىش، ئەمەن بىلەن داغلاش، توكلۇق يىڭنە سانجىش، تومۇرلاردىن قان چىقىرىش، لوڭقا قويۇش، جۇڭيى دورىسى قايناتمىسى ئىچىش قاتارلىق جۇڭيى تېبابىتىدىكى ئالاھىدە داۋالاشنى ئاساس قىلىدۇ، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئوتتۇرىچە ۋاقتى ئىككى يېرىم ئايدىن ئۈچ ئايغىچە بولىدۇ، بىر قەدەر ياش، تېنى نىسبەتەن ساغلام ئاغرىقلار ئادەتتە بىر ئاي ئەتراپىدا ئەسلىگە كېلىدۇ».

 لى تاۋ مۇنداق ئەسكەرتتى: يېقىنقى مەزگىلدە ھاۋا سوغۇق، لېكىن ئۆي تېمپېراتۇرىسى بىر قەدەر يۇقىرى، شۇڭا سوغۇقتىن ساقلىنىپ ئۆزىنى ئىسسىق تۇتۇشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىش، بولۇپمۇ بورانلىق ھاۋارايىدا سىرتقا چىققاندا ماسكا تاقاش، ئەتىگەنلىك چېنىقىشقا ئادەتلەنگەن ياشانغانلار شامالغا قارشى يۆلىنىشتە تۇرۇپ چېنىقىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

 يېمەك- ئىچمەك جەھەتتە، مايسىز، ئاسان ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكلەرنى ئاساس قىلىش، تەبىئىتى سوغۇق، خام، سوغۇق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش، مەسىلەن، قىش پەسلىدە ئۈزۈم، تاۋۇز، كۇگۇا قاتارلىق تەبىئىتى سوغۇق مېۋىلەرنى ئاز يېيىش كېرەك. مۇۋاپىق مىقداردا زەنجىۋىل- قارا شېكەر چېيى، چىلان ئۇمىچى قاتارلىق ئاشقازاننى ئىللىتىدىغان دورىلىق غىزالارنى يەپ، ئورگانىزمنىڭ قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

 بۇنىڭدىن باشقا، ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشمۇ ئىنتايىن مۇھىم، دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئەگەر يۈز قىسمىدا نورمالسىزلىق بايقالسا، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ باشنى خېسى (يادرو ماگنىتلىق رېزونانس) ياكى CTغا چۈشۈرۈپ تەكشۈرۈپ، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغاندىن كېيىن مۇنتىزىم داۋالاشنى قوبۇل قىلىش، ئەڭ ياخشى داۋالاش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125