سودا مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 12- ئاينىڭ 9- كۈنىگىچە، مەملىكەت بويىچە كونىسى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇلغان ئاپتوموبىللارنىڭ سانى جەمئىي 5 مىليوندىن ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە، بىراك قىلىپ يېڭىلانغان ئاپتوموبىل 2 مىليون 440 مىڭدىن، ئالماشتۇرۇپ يېڭىلانغان ئاپتوموبىل 2 مىليون 590 مىڭدىن ئاشقان.
ئاپتوموبىللارنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش كۈچلۈك، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلىپ، سىياسەتنىڭ ئۈنۈمى تېز گەۋدىلەنگەن. 11- ئايدا، دۆلەت ئىچىدە 2 مىليون 423 مىڭ يولۇچىلار ئاپتوموبىلى پارچە سېتىلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.5 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى 10- ئايدىكىدىن 5.2 پىرسەنت پوئېنت تېز بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە، 1 مىليون 268 مىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك يولۇچىلار ئاپتوموبىلى پارچە سېتىلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %50.5 ئېشىپ، دۆلەت ئىچىدىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلىنىڭ پارچە سېتىلىش مىقدارىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %52.3كە يەتكەن. 1- ئايدىن 11- ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە 20 مىليون 257 مىڭ يولۇچىلار ئاپتوموبىلى پارچە سېتىلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.7 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، 9 مىليون 594 مىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك يولۇچىلار ئاپتوموبىلى پارچە سېتىلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %41.2 ئاشقان. (باش ئىستانسا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرلىرى ليۇ يىڭ، سۇڭ ۋەن)
پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)