«تارباغاتايدىكى قىش جىلۋىسى» يۈرۈشلۈك پائالىيىتى بۇ يىل قىشنى راسا قىزىتىدۇ
12:09:20 2024-12-12 تىيانشان تورى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر رايىدە) 12- ئاينىڭ 7- كۈنى، «تارباغاتايدىكى قىش جىلۋىسى، يارقىن خەلق ئۆرپ- ئادىتى» 2024- يىللىق تارباغاتاي قىشلىق قار-مۇز مەدەنىيىتى يۈرۈشلۈك پائالىيىتى دۆربىلجىن ناھىيەسىنىڭ ئېمىل مەدەنىيەت باغچىسىدا باشلاندى. «قار- مۇز + غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى» «قار- مۇز + تەنتەربىيە» «قار-مۇز + مەززىلىك تائاملار» قاتارلىق ئالتە چوڭ يۈرۈشلۈك پائالىيەت كۆپ خىل غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كۆرگەزمە قىلىنىپ ۋە ھېس قىلىنىپ، ساياھەتچىلەرگە قار-مۇز دۇنياسىدا تارباغاتاينىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇردى، شۇنىڭدەك سوغۇق بايلىقنىڭ ئىسسىق ئىقتىسادقا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.

 تارباغاتاي ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت- تەنتەربىيە- رادىيو- تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى گو شيۇخۇا مۇنداق تونۇشتۇردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تارباغاتاي ۋىلايىتى «ساياھەت ئارقىلىق ۋىلايەتنى گۈللەندۈرۈش» ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، مول قار-مۇز مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىدىن پايدىلىنىپ، ساياھەت قىزغىنلىقىنى سىجىل ئاشۇردى. دۆربىلجىن ناھىيەسىنى مىسالغا ئالساق، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 11 ئېيىدا كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى جەمئىي 4 مىليون 987 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19.6 ئاشتى، ساياھەت ئۇنىۋېرسال كىرىمى 3 مىليارد 496 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %32.7 ئاشتى.

 پائالىيەت نەق مەيدانىدا، ھاۋا ناھايىتى سوغۇق بولسىمۇ، ئېسىل نومۇرلار يەنىلا نۇرغۇن ساياھەتچىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى. ئالدى بىلەن دۆلەت بايرىقى ئاتلىق ئەترىتى ھەيۋەتلىك قىياپەتتە مەيدانغا كىردى، ئارقىدىن 20 ئاتتىن تەشكىللەنگەن رەڭلىك بايراق ئاتلىق ئەترىتى ئاتلارنى چاپتۇرغىنىچە مەيدانغا كىرىپ كەلدى، قازاقلارنىڭ يايلاق كۆچۈش تۇرمۇش مەنزىرىسى چاسا ئەترىتى ئوتلاق مەدەنىيىتىنى جانلىق نامايان قىلدى، بەل دۇمباق چاسا ئەترىتى، ھەر قايسى مىللەت كىيىم- كېچەك چاسا ئەترىتى ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، پۈتۈن مەيدان ھاياتىي كۈچكە تولدۇردى.

 غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىش، ھەمتۈرتكە بولۇش، ۋارىسلىق قىلىش رايونىدا، شىنجاڭ سىرتىدىن كەلگەن غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋارىسلىرى بىلەن تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت ۋارىسلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇش كۆرگەزمىسى كىشىلەرنى جەلپ قىلدى، يۈننەندىكى بەيزۇلارنىڭ ئۈچ خىل چېيى بىلەن قازاقلارنىڭ ئەتكەن چاي، چاي سەنئىتى نۆۋەت بىلەن كۆرۈمەنلەرنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇلدى؛ بەيزۇلارنىڭ بوياش سەنئىتى، قازاقلارنىڭ ئەنئەنىۋى كەشتىچىلىكى قاتارلىق ھۈنەر- سەنئەت ماھارىتى نۆۋەت بىلەن نامايان قىلىندى؛ خېنەن باۋفېڭنىڭ سېھىرگەرلىكى قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى، تاتارلارنىڭ ئەنئەنىۋى پېچىنە- پىرەنىكلىرى، قازاقلارنىڭ سۈت مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق ئېسىل تائاملىرى ساياھەتچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

 گو شيۇخۇا مۇنداق تونۇشتۇردى: تارباغاتاي ئېكولوگىيە، پورت قاتارلىق بايلىق ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، خاس مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ، قار- مۇز پائالىيىتىنى ۋاسىتە قىلىپ، مەدەنىيەت-ساياھەت بازىرىنى جانلاندۇرۇپ، مەدەنىيەت- ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىدۇ. بولۇپمۇ باقتۇ- باقتې پورتىدا كىشىلەرنىڭ چېگرادىن چىقىشى-كىرىشى ئەسلىگە كېلىپ، چېگرا ھالقىغان ساياھەت تارباغاتاي ساياھەتچىلىكىنىڭ يېڭى ئېشىش قۇتۇپىغا ئايلىنىدۇ. كېيىنكى قەدەمدە، تارباغاتاي ۋىلايىتى «ئېمىل قار-مۇز مەنزىرىسى» ساياھىتى، «شىخودىكى قىشلىق ساياھەت . قار- مۇزدىن ھوزۇرلىنىش» ساياھىتى، «قايناق ھېسىياتقا تولغان قار- مۇز . ئارشاڭ ھوزۇرى» ساياھىتى، «قار- مۇزدىكى تولى . خەلق ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىش» ساياھىتى، « قار- مۇز جەلپكارلىقى . چاغانتوقايدىكى كۆڭۈللۈك ساياھەت» ساياھىتى، «<جاڭغىر> داستانىنى ھېس قىلىش» ساياھىتى قاتارلىق بىر قاتار «تارباغاتايدىكى قىش جىلۋىسى» قار- مۇز مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى يولغا قويۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئېھتىياجىنى ھەر تەرەپلىمە قاندۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125