دەم ئېلىش كۈنلىرى ھارغىنلىقنى تۈگىتىپ، زېھنىي كۈچنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى قىممەتلىك پۇرسەت، لېكىن دەم ئېلىش ئۇسۇلىڭىز مۇۋاپىق بولمىسا، تېخىمۇ چارچايسىز. يۇقىرى سۈپەتلىك دەم ئالماقچى بولسىڭىز، تۆۋەندىكىدەك قىلىپ بېقىڭ.
كۆرۈش سېزىمىڭىزنى قوزغىتىڭ: گۈزەل سەنئەت سارىيىغا بېرىپ ئايلىنىپ كېلىڭ. كۆرۈش سېزىمى سەنئىتىنىڭ غىدىقلىشى چوڭ مېڭىنىڭ كۆپلىگەن جايلىرىنى جانلاندۇرىدۇ. تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، كۆرۈش سېزىمى سەنئىتى كۈچلۈك ھېسسىيات ئىنكاسى پەيدا قىلىپ، كىشىلەرنىڭ خاتىرىسىنى ئويغىتىپ، ھېسسىياتنى قويۇپ بېرىش ۋە پىسخىك جەھەتتىن داۋالاشنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.
ئاڭلاش سېزىمىڭىزنى قوزغىتىڭ: باغچىغا بېرىپ قۇشلارنىڭ سايرىغان ئاۋازىنى ئاڭلاڭ. مۇھىت پىسخولوگىيە تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قۇشلارنىڭ سايرىشى قاتارلىق تەبىئىي ئاۋازلار تەشۋىشلىنىشنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىپ، ئۆزىنى ئازادە تۇتۇشقا ۋە بېسىمنى يېنىكلىتىشكە ياردەم بېرىدىكەن.
پۇراش سېزىمىڭىزنى قوزغىتىڭ: ئۆيىڭىزگە ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان خۇش پۇراق ماينى قويۇپ قويۇڭ. پۇراش سېزىمى يولى چوڭ مېڭىنىڭ ھېسسىيات بىر تەرەپ قىلىش رايونىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىپ، شۇ ئارقىلىق كەيپىياتنى ياخشىلايدۇ ۋە بېسىمنى يېنىكلىتىدۇ.
تېگىش سېزىمىڭىزنى قوزغىتىڭ: ئەتىگەندە بىر قېتىم يوگا ئويناڭ. تېگىش سېزىمىنى قوزغىتىش بەدەننى ئازادە قويۇپ بېرىشكە پايدىلىق بولۇپ، فىزىيولوگىيەلىك بېسىمنى يېنىكلىتىدۇ.