تۇرمۇش تەسىراتلىرى | بىزگە ھەقىقىي كۆيۈنىدىغانلارنى قەدىرلەيلى
13:12:17 2024-12-12 شىنجاڭ گېزىتى ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى
كۆيۈنۈشنى ھېس قىلايلى
 دۇنيا چەكسىز چوڭ، بىپايان ئادەم دېڭىزىدا بىزگە ھەقىقىي كۆيۈنىدىغانلارنى ئۇچرىتىش ئاسان ئەمەس، ھەر ۋاقىت غېمىمىزنى يەيدىغانلارنىڭ بولۇشى تېخىمۇ زور بەخت.
 بىزگە ھەقىقىي كۆيۈنىدىغانلار ئۆسۈپ يېتىلىش يولىمىزدىكى كۈچلۈك قالقاندۇر، يىقىلىپ چۈشكىنىمىزدە، ئۇلار قىلچە ئىككىلەنمەي قولىنى سۇنۇپ بىزنى يۆلەپ تۇرغۇزىدۇ؛ تېڭىرقاپ قالغىنىمىزدا، ئۇلار بىزگە مۇستەھكەم ئىشەنچ بېغىشلاپ، بىزنى كېيىنكى قەدەمنى دادىل بېسىشقا ئۈندەيدۇ؛ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكىنىمىزدە، ئۇلار بىزنى سەمىمىي ئالقىشلايدۇ، خۇشاللىقىمىزغا جور بولىدۇ.
 ئۇلارنىڭ بىزگە قىلغان ياردىمى، بىزگە بەرگەن تەسەللىسى ۋە بىزگە ھەمراھ بولغان ۋاقتى ئۈچۈن، ئۇلارغا چىن قەلبىمىزدىن «رەھمەت» ئېيتايلى، ئۇلارنىڭ بىزگە بىلدۈرگەن مۇھەببىتىگە، بىزگە قىلغان غەمخورلۇقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرەيلى، ئۇلارنىڭ بىزگە باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشنى ئۆگەتكەنلىكىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرەيلى، يەنە ئۇلارنىڭ بىزگە بۇ دۇنيانىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلدۇرغانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرەيلى.
ھەر بىر كۆيۈنۈشكە ھەسسىلەپ جاۋاب قايتۇرايلى
 بەزىلەر: «سىزگە باھاردەك ئىللىقلىق بەرسەم، سىز ماڭا پورەكلەپ گۈل ئېچىلدۇرۇپ قايتۇردىڭىز، مانا بۇ ھاياتلىقتىكى چىن رىشتە»، دېيىشىدۇ. ئادەملەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ھەممىسى ئۆزئارا بولىدۇ، ئەگەر بىر تەرەپلا ئۈنسىز بەدەل تۆلەپ، قارشى تەرەپ ھەمىشە قوبۇللا قىلسا، بۇنداق مۇناسىۋەت چوقۇم ئۇزاققا بارمايدۇ.
 ھەرقانداق ئادەمنىڭ چوقۇم بەدەل تۆلىشى زۆرۈر ئەمەس، مىننەتدارلىقنى بىلگەندىلا، ئىللىقلىققا ئېرىشەلەيمىز. چىن قەلب بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئاق كۆڭۈللىكىگە جاۋاب قايتۇرۇشىمىز كېرەك، مۇشۇنداق مېھىر- مۇھەببەتلا ۋاقىتنىڭ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرىپ، بارغانسېرى چىڭىيىدۇ.
 ھەربىر كۆيۈنۈشكە ھەسسىلەپ جاۋاب قايتۇرايلى. قەلبىمىز ھەر ۋاقىت مىننەتدارلىق تۇيغۇسىغا لىق تولسۇن، بىزگە كۆيۈنگەنلەرنىڭ كۆڭلىنى ھەرگىز ئاغرىتمايلى.
بىزگە كۆيۈنگەنلەرنى ئوبدان قەدىرلەيلى
 كىشىلىك ھايات مۇساپىسىدە، ھەر خىل كىشىلەرگە ئۇچرايمىز. بەزىلەر بىز ئۈچۈن پەقەتلا ئۆتكۈنچى مېھمان، ۋاھالەنكى، يەنە بەزىلەرنىڭ ئۇچرىشى ھاياتىمىزدا چوڭقۇر ئىزلارنى قالدۇرىدۇ.
 بىزگە ھەقىقىي كۆيۈنىدىغانلارنىڭ ھەر ۋاقىت يېنىمىزدا بولۇشى ناتايىن، ئەمما بىز ئېھتىياجلىق بولغاندا، ئۇلار ھەرقاچان ئەڭ ئاۋۋال يېنىمىزدا پەيدا بولىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھەر ۋاقىت بىزگە شېرىن- شېكەر سۆزلەرنى قىلىشى ناتايىن، ئەمما ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق، بىزگە ئۈنسىز غەمخورلۇق قىلىدۇ ۋە ياردەم بېرىدۇ.
 سىرداشلارغا ئۇچرىشىش قىيىن، سەمىمىيلىك تېخىمۇ قىممەتلىك. «بۇ دۇنيادا، بىر ئادەمنىڭ يەنە بىر ئادەمگە چوقۇم ياخشى مۇئامىلە قىلىشى شەرت ئەمەس. سىزگە كۆيۈنىدىغانلارنى يۈتتۈرۈپ قويماڭ، سىزگە چىن قەلبى بىلەن ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغانلارنى ئۈمىدسىز قالدۇرماڭ»، دەيدىغان گەپ بار.
 بىزگە ھەقىقىي كۆيۈنىدىغانلار ھاياتىمىزدىكى تېپىلغۇسىز بايلىقتۇر، ئەگەر تەلىيىمىزگە مۇشۇنداق ئادەملىرىمىز بولسا، ئۇلارنى چوقۇم ئوبدان قەدىرلەيلى.
مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125