كۈندە بىر رەددىيە | چاچنى چۈشۈرۈپ بەرسە، چاچ تېخىمۇ قويۇق چىقىدۇ؟
13:25:40 2024-12-12 تىيانشان تورى

 چاچنى چۈشۈرۈپ بەرسە، چاچ تېخىمۇ قويۇق چىقىدۇ؟

 ئۇنداق ئەمەس.

 چاچنىڭ قويۇق بولۇش دەرىجىسى ئاساسلىقى تۈك خالتىسىنىڭ سانى ۋە سالامەتلىك ئەھۋالىغا باغلىق، ھالبۇكى، تۈك خالتىسىنىڭ سانى تۇغما بولغاچقا، چاچنى چۈشۈرۈۋېتىش تۈك خالتىسىنىڭ سانىنى كۆپەيتىۋەتمەيدۇ.

 چاچنى چۈشۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، چاچ ئۆسۈشنىڭ يېڭى باسقۇچىدا قىسقا چاچ قارىماققا بىر قەدەر توم ۋە يىرىك كۆرۈنىدۇ، بۇ كىشىگە «تېخىمۇ قويۇق» دېگەن خاتا تۇيغۇنى بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، چاچنىڭ ئۆسۈش جەريانى چاچ چۈشۈرۈشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ، چاچنىڭ توم- ئىنچىكىلىكى ۋە زىچلىقى يەنىلا چاچ چۈشۈرۈشتىن ئىلگىرىكىگە ئوخشاش بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە چاچنىڭ قويۇق بولۇش دەرىجىسى يەنە ئىرسىيەت، ھورمۇن سەۋىيەسىدىكى يېمەك- ئىچمەك، بېسىم قاتارلىق ئامىللار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، چاچنى چۈشۈرۈۋېتىش بۇ ئىچكى ئامىللارنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. چاچ مىقدارى ياكى چاچ سۈپىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، ساغلام ئوزۇقلىنىش، قانۇنىيەتلىك دەم ئېلىش، بېسىمنى ئازايتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق چاچنىڭ ساغلام ئۆسۈشىگە ياردەم بېرىش كېرەك.

 قىسقىسى، چاچنى چۈشۈرۈۋېتىش چاچنى تېخىمۇ قويۇق قىلالمايدۇ. بۇ خاتا چۈشەنچىنى پەقەت كۆرۈش سېزىمى جەھەتتىكى قىسقا ۋاقىتلىق ئۆزگىرىش كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، ئىلمىي ئاساسى يوق.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125