ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى بېيجىڭدا ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى
20:33:23 2024-12-11 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز جۇڭگو تارىخ تەتقىقات ئورنىنى زىيارەت قىلدى ھەم گاۋ شياڭ، پېڭ جىنخۇي بىلەن بىللە كېلىشىم ئىمزالاشقا گۇۋاھ بولدى، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي)  12- ئاينىڭ 10- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى بېيجىڭدا ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، يېڭى دەۋردىكى ئاكادېمىيە- ئاپتونوم رايون ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشى ۋە چېگرا رايوندىكى مىللەتلەر رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ئورتاق مۇلازىمەت قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز جۇڭگو تارىخ تەتقىقات ئورنىنى زىيارەت قىلدى ھەم جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىيە باشلىقى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، جۇڭگو تارىخ تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى، پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى گاۋ شياڭ، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ئاكادېمىيە باشلىقى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى پېڭ جىنخۇي قاتارلىقلار بىلەن بىللە كېلىشىم ئىمزالاشقا گۇۋاھ بولدى.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ پائالىيەتكە قاتناشتى.

 بۇ قېتىمقى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاش شىنجاڭنىڭ ۋە جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى ۋە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىرى بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ شىنجاڭدا جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىككى تەرەپ «ئۆزئارا ھەمتۈرتكە بولىدىغان، ئۆزئارا تۇتاشقان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان» ئاكادېمىيە- ئاپتونوم رايون ھەمكارلىقى ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، مۇھىم مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىش، تەتقىقات سۇپىسى قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي پەنلەر ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش، ئىلىم ئالماشتۇرۇش، مۇھاكىمە قىلىش، ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش ۋە تەتقىق قىلىش، ئاقىللار ئامبىرىنىڭ مەسلىھەتچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئاقىللار ئامبىرى بىلەن چېگرا رايوندىكى مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ ئۆزئارا تۈرتكە بولۇش، ئۆزئارا ئىلگىرىلەش يېڭى ئۈلگىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئەقىل- پاراسەت ۋە كۈچ قوشىدۇ.

 زىيارەت مەزگىلىدە، ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز قاتارلىقلار جۇڭگو تارىخ تەتقىقات ئورنىنىڭ تارىخشۇناسلىق تەتقىقاتى، ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش، ئىلمىي نەتىجىلەر قاتارلىق خىزمەت تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى ھەم تەتقىقات ئورنىدىكى جۇڭگو ئارخېئولوگىيە مۇزېيىغا كىرىپ، مەدەنىيلىكنىڭ مەنبەسى، بۇ يەردە يىلتىز تارتقان جۇڭگو قاتارلىق كۆرگەزمىلەرنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، مۇھىم ئارخېئولوگىيە ۋە تەتقىقات خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش نەتىجىلىرىنى ئىگىلىدى. ما شىڭرۇي مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتماقتا. جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ شىنجاڭغا ئىلگىرىكىدەكلا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە مەدەت بېرىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى تارىخى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ خىللىق بىر گەۋدىلەشكەن ئەندىزىسى تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، ئارخېئولوگىيە خىزمىتى ۋە تارىخ تەتقىقاتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئورتاقلىقىنى، شىنجاڭ بىلەن ئىچكى رايونلاردىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش تارىخىي پاكىتلىرىنى نامايان قىلىدىغان سۆز سىستېمىسى ۋە ئۈنۈملۈك ۋاسىتىلەرنى كۆپ نۇقتىدىن، ھەر تەرەپلىمە بەرپا قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»ىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشىنى؛ چېگرا رايون تارىخى ۋە چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىشقا ئالاقىدار كۆپ پەن تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم نەزەرىيە ۋە رېئال مەسىلىلەر تەتقىقاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەسىر كۈچى، قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە تېخىمۇ كۆپ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىش ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ئورتاق كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى رەھبەرلىرىدىن جېن جەنمىن، ۋاڭ چاڭلىن، جاۋ جىمىن، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ جيەنشىن، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى، جۇڭگو تارىخ تەتقىقات ئورنىدىكى ئالاقىدار يولداشلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار پائالىيەتكە قاتناشتى. 

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125