بىزنىڭ شىنجاڭ گېزىتى بىلەن ئورتاق بۇرچىمىز بار
10:55:26 2024-12-12 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

  ئابدۇۋەلى ئابدۇرىشىت

بۇ يىل 1- ئايدا، مېنى زىيارەت قىلىپ يېزىلغان بىر پارچە ماقالە ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى سۇپىسىدا ئېلان قىلىندى، بۇ «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىنىڭ باش مۇھەررىرى بولغان مېنى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە تونۇتتى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلگەن «شىنجاڭ نۇسخىسىدىكى دۇڭ يۈخۇي» دېگەن نامدىن مەن ناھايىتى خۇشال بولدۇم، مەن بۇنىڭ كۆپچىلىكنىڭ خىزمىتىمنى ياخشى كۆڭۈل بىلەن ئېتىراپ قىلغانلىق ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىمەن. مېنىڭ ھەقىقىي نىشانىم شىنجاڭ ھېكايىسىنى كۆڭۈل قويۇپ سۆزلەپ، بۇ مۇنبەت تۇپراقنىڭ جەلپكارلىقىنى نامايان قىلىش.

ئۆتكەن سەككىز يىلدا، «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» سۇپىسى ئەڭ دەسلەپكى بىر ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ نۇرغۇن ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇ سۇپىسىنى قاپلىغان پۈتۈن تاراتقۇ سېپىغا ئايلاندى. ئۆمىكىمىز 400دىن ئارتۇق شىنجاڭلىق كىشىنى زىيارەت قىلىپ ئۇلارنىڭ ھېكايىسىنى ھەمبەھرىلىدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى، ئوخشاش بولمىغان مىللەتتىكى كىشىلەر بار. پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق ياراتقۇچىلاردىن مەدەنىيەت ۋارىسلىرىغىچە، كارخانىچىلاردىن ئادەتتىكى ئىشچىلارغىچە، ئۇلار توغرىسىدىكى ھەربىر ھېكايە شىنجاڭ تەرەققىياتىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى. بىز ئېلان قىلغان مەزمۇنلار دۆلەت ئىچىدە كەڭ دىققەتنى قوزغاپلا قالماي، يەنە چەت ئەللىك ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى ھەقىقىي، ئىستېرېئولۇق شىنجاڭنى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

ئۆتۈپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان 2024- يىلنى ئەسلىگىنىمدە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىنى كېزىپ، خىلمۇخىل شىنجاڭلىق كىشىلەرنى زىيارەت قىلدىم. بۇنىڭ ئىچىدە يۇرتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان كارخانىچىلار، شۇنداقلا ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ ئىشلەۋاتقان ئادەتتىكى ئىشچىلار بار؛ مىللىي مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلغان ھۈنەرۋەن سەنئەتكارلار، شۇنداقلا زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا ئۆزىنى بېغىشلىغان پەن- تېخنىكا خىزمەتچىلىرى بار.

ئالتاي چارۋىچىلىق مەيدانىدا، مەن چارۋىچىلارنىڭ زامانىۋى تېخنىكىدىن قانداق پايدىلىنىپ چارۋىچىلىقنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرگەنلىكىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم؛ تۇرپاندىكى ئۈزۈمزارلىقتا، مەن شۇ جاينىڭ قانداق قىلىپ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئۈزۈمچىلىك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىنى ئىگىلىدىم؛ قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە، مەن غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلغۇچىلارنىڭ تەسىرلىك ھېكايىسىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدىم... بۇ كەچۈرمىشلەر ماڭا شىنجاڭدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئارقىسىدا ھەربىر شىنجاڭلىقنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە كۈرىشى بارلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى.

ھەر قېتىملىق زىيارەت، ھەربىر ھېكايە ماڭا شىنجاڭنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى ھېس قىلدۇردى. بۇ تەسىرلىك ئىشلاردىن ئۆزۈم يالغۇز بەھرىلىنىپلا قالماي، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى بەھرىلەندۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.

كوللېكتىپىمىز پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن نەچچە يۈز پىدائىيدىن تەشكىللەنگەن، بىز شىنجاڭدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئورتاق خاتىرىلەپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى، ياشلارنىڭ نەزەرى ۋە تىلى ئارقىلىق بۇ ھېكايىلەرنى تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ يىراققا تارقىتىشقا تىرىشىمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن بىز مەزمۇن، شەكىلدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، سۈرەت، يېزىقتىن سىنغىچە، بىۋاسىتە كۆرسىتىشتىن بوكېلارغىچە كۆپ مەنبەلىك ئۇسۇل ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ تاماشىبىننى جەلپ قىلىشقا تىرىشتۇق.

مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى بىلەن شىنجاڭ گېزىتىنىڭ گەرچە ئىشلەتكەن ۋاسىتىسى ۋە ئۇسۇلى ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن نىشانى بىردەك، يەنى تېخىمۇ كۆپ كىشىنى ھەقىقىي شىنجاڭنى چۈشىنىش، گۈزەل شىنجاڭنى ياقتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش. بىز خۇددى ئوخشاش يۆنىلىشتە ئېقىۋاتقان ئىككى دەرياغا ئوخشاش بىر مەنزىلگە قاراپ ئېقىپ، بۇ مۇنبەت تۇپراقنى بىرلىكتە ئوزۇقلاندۇرىمىز.

شىنجاڭ گېزىتىنىڭ 75 يىلدىن بۇيانقى چىڭ تۇرۇشى ۋە ئەجرىگە، شۇنداقلا ئۇنىڭ ماڭا مۇشۇنداق بىر سۇپا ھازىرلاپ بەرگەنلىكىگە، ھېكايىمىزنى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە بىلدۈرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن.

كەلگۈسىدە بىز ئىپادىلەش شەكلىدە تىرىشىپ يېڭىلىق يارىتىپ، شىنجاڭ ھېكايىسىنى تېخىمۇ جانلىق، قىزىقارلىق قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز يەنە شىنجاڭ ھېكايىسىنى سۆزلەيدىغان تېخىمۇ كۆپ ياشنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ يېڭى سادالارنى بۇ قوشۇنغا كىرگۈزىمىز.

شىنجاڭنىڭ ھېكايىلىرى تولىمۇ كۆپ، بىز بىرلىكتە شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ شانلىق ئەتىسىگە گۇۋاھ بولايلى!

(ئاپتور: «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىنىڭ باش مۇھەررىرى) 

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125