جاۋ چېنخاۋ
ۋاقىتنىڭ چاقىنى توختاتقىلى بولمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن مەن ھاياتلىق سەپىرىمدىكى ئاشۇ دەقىقىلەرنى قەلبىمدە چىڭ ساقلاپ، ئۇلارنى مەڭگۈلۈككە ئايلاندۇرۇشنى تاللاپ، دېرىزە تۈۋىدە تۇرۇپ، ئاشۇ سۇدەك ئۆتكەن يىللارنى توختىماي ھېس قىلدىم.
سەھەردە، ئاسمان خۇنۈك ئىدى، كەچ كۈز كىرىپ قالغان بولۇپ، يىنشىڭ دەرىخىنىڭ يوپۇرماقلىرى شامالنىڭ ئىلھامى بىلەن ئارقا- ئارقىدىن تۆكۈلۈپ، يەر يۈزىگە ئالتۇن رەڭلىك گىلەم يايغانىدى. مەن مۇسابىقە ۋېلىسىپىتىمنى مىنىپ مەكتەپكە ماڭدىم، جاندىن ئۆتىدىغان سوغۇق شامالدا ئىختىيارسىز شارپامنى تارتىپ قويدۇم، دەرەخ يوپۇرماقلىرى شامالدا شىلدىرلىشىپ، خۇددى پەس ئاۋازدا پىچىرلىشىۋاتقاندەك قىلاتتى. ۋېلىسىپىتنىڭ بېشىنى بۇرۇشۇمغا، ئانچە يىراق بولمىغان جايدا غۇۋا قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك چىراغ نۇرى كۆرۈندى، مەن ۋېلىسىپىتنى مىنىپ، قاتمۇقات تۇمانلارنى يېرىپ ئۆتۈپ، ئاندىن كۆز ئالدىمدىكى مەنزىرىنى ئېنىق كۆردۈم، ئامانلىق ساقلاش ئۆيىدىكى بوۋاي بىر ياتما ئورۇندۇقتا ئۇخلاپ قالغانىدى، ھېلىقى چىراغ نۇرى تۇمان ئىچىدە تەۋرىنىپ تۇراتتى، قۇلىقىمغا خۇددى گېنېرال جەڭگاھتا چېپىپ كېتىۋاتقاندەك جىڭجۈ تىياتىرىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. مۇسابىقە ۋېلىسىپىتىمنىڭ چاقى يەر يۈزىنى يېنىك سىيپاپ ئۆتۈشىگە، تۇيۇقسىز بوۋاي كۆزىنى ئېچىپ، تۆت ئەتراپقا ھوشيارلىق بىلەن قارىدى، مېنىڭ بوخچا يۈدۈۋالغانلىقىمنى كۆرۈپ، يەنە ئورنىغا ياتتى. مەن ۋېلسىپىت مىنىپ ئۆتۈپ كېتىۋاتقان دەقىقە ئىچىدىمۇ، بىر كېچە قاراۋۇللۇق قىلغان بوۋاينىڭ قۇلىقىنىڭ يەنىلا شۇنداق سەزگۈر ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن. مەن كۈلۈمسىرىگىنىمچە داۋاملىق ئالدىمغا ماڭدىم، ئەمما قەلبىم جۈزە رەڭلىك چىراغ نۇرىنىڭ ئىللىقلىقىغا چۆمدى، مەھەللە بوۋاينىڭ قاراۋۇللۇقىدا ئادەتتىن تاشقىرى جىمجىت بولۇپ كەتكەنىدى.
چۈش، گەرچە كۈز كۈنلىرى بولسىمۇ، قۇياش نۇرى يەنىلا ئۆي ئىچىگە چۈشۈپ، ھۇجرامغا بىر قەۋەت ئالتۇن نۇر سەپتى. مەن ئۈستەلگە ئېڭىشىپ تاپشۇرۇق ئىشلەۋاتاتتىم، چەيدونىڭ «تاق- تاق» قىلىپ ئەمبەلگە رىتىملىق ئۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم، ئارقىدىنلا تۆمۈر چۆمۈچنىڭ تۆمۈر قازانغا تېگىشىدىن چىققان زىل ئاۋاز، ئۇنىڭ كەينىدىن كۆكتاتلارنىڭ قازاندا «گاژ- گۇژ» قىلىپ توختىماي ئۆرۈلۈۋاتقان ئاۋازى ئاڭلاندى. مەن ساپادا ئۇنتۇلۇپ قالغان كىتابىمنى ئېلىش ئۈچۈن ھوجرامدىن چىقتىم، كەينىمگە ئۆرۈلۈشۈمگىلا ئاپامنىڭ ئالدىراش سىيماسىنى كۆردۈم، مەززىلىك خۇش پۇراق ئاپامنىڭ قولىنىڭ ھەرىكىتىگە ئەگىشىپ تارقىلىۋاتاتتى. قۇياش نۇرى دېرىزىدىن چۈشۈپ، ئانامنىڭ سىيماسىنى غۇۋالاشتۇرۇپ قويغانىدى، ۋاقىتمۇ خۇددى مۇشۇ دەقىقىدە توختاپ قالغاندەك قىلاتتى. قاقاس كۈز كۈنلىرىدە، شامال دېرىزە سىرتىدىكى دەرەخ شاخلىرى ئارىسىدىن ئۆتۈپ ھۇشقىيتىپ تۇراتتى، ئاشخانا ئىللىق يۈرەك بولۇپ، ئۆيمۇ شاد- خۇراملىقنىڭ ھىدىغا چۆمگەن ئىدى.
كەچقۇرۇن، مەن ئالدىراش ۋېلىسىپىت مىنىپ ماڭدىم، كۈز يامغۇرى چاچلىرىمنى نەمدەپ قويغانىدى، سوغۇق شامال كەينىمدىن ئۈن- تىنسىز يېتىشىپ كېلىپ، بارماقلىرىمنىڭ ئارىسىدىن تىۋىشسىز ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. نېمىدېگەن سوغۇق، سوغۇق ئىچىمگە ئۆتۈپ كەتتى، خۇددى بىر توپ ياۋا غاز ئاسماندىن ئۇچۇپ ئۆتكەندەك، لېكىن ئاڭلىغىنىم ئۇلارنىڭ قانات قاققان ئاۋازى ئەمەس، بەلكى قەلبىمدىكى جىددىي تەقەززالىقتەك بىلىندى. ئۆيگە قايتىدىغان ۋاقتىم ھەمىشە گۇگۇم، ئاسماننى شەپەق قاپلىغان ۋاقىت ياكى كەچقۇرۇن بولاتتى. مېنىڭ ئەڭ جىددىي ئارزۇيۇم، ئۆيۈمنىڭ ئۆگزىسىدىن كۆتۈرۈلۈۋاتقان ئىسنى كۆرۈش ئىدى، ھەر قانچە يىراق بولسىمۇ، بۇ ئىس كۆز ئالدىمنى يورۇتۇپ، قەلبىمنى ئىللىتاتتى. شۇ تاپتا، ئانام چوقۇم ئاشخانىدىن چىقىپ، خۇددى چاڭگىسىنىڭ يېنىدا ساقلاۋاتقان ئانا قۇشقا ئوخشاش، مېنىڭ يولۇمغا قاراۋاتاتتى. شامال ئانامنىڭ بارغانسېرى ئاقىرىپ كېتىۋاتقان چاچلىرىنى ئۇچۇرتۇپ، ئىنتىزار بولۇۋاتقان قەلبىنى پەپىلەۋاتاتتى. خىرەلىك ئىچىدە، بىر تۇتام ئىس كۆتۈرۈلدى، ئەڭ ئاددىي- ساددا ھىد، ئىناقلىق ھەم خۇش پۇراقلىققا تولغان بولۇپ، بىر پارچە ئىللىق كۆرۈنۈشنى ھاسىل قىلدى.
مەن سېتىۋالغان ئاياغنىڭ سىز ئارزۇ قىلغان رەڭدە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، سىزگە تېلېفون بەرگىنىمدە دەل مېنى خىيال قىلىپ تۇرغان بولۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن، چىراغنى ئۆچۈرگىنىمدە ئۇيقۇڭىز كېلىپ تۇرغان بولۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن، مەن يازغان ھېكايىنىڭمۇ سىزنىڭ كونا ئەسلىمىلىرىڭىزنى قوزغىتىپ، ئاشۇ ئىللىق دەقىقىلىرىڭىزنى تەپسىلىي ساناپ، كەلگۈسىگە تۇتاشتۇرۇپ، ھاياتلىقتىكى تاشيول تاختىڭىزنى ساناپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
(ئاپتورنىڭ ئادرېسى: شەنشى ئۆلكىسى ۋېينەن شەھىرى چېڭچېڭ ناھىيەسى بېيگۇەن ئوتتۇرا مەكتىپى 8- يىللىق 6- سىنىپ)
پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)