خۇڭشۇلىن چاڭغا تېيىلىش ئىستىراھەت رايونىدا مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا تىجارەت باشلاش پىلانلاندى
17:50:05 2024-12-13 «ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى


ئاساسىي جەھەتتىن پۈتكەن خۇڭشۇلىن چاڭغا تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدىكى چاڭغا تېيىلىش سايمانلىرى زالى. («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لېي تىڭ فوتوسى)

 شىنجاڭ خۇڭشۇلىن خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى پات ئارىدا قار ھاسىل قىلىش باسقۇچىغا كىرىدۇ، 12- ئاينىڭ 31- كۈنى تىجارەت باشلاپ ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش پىلانلاندى.

 مۇخبىرنىڭ 12- ئاينىڭ 11- كۈنى ئىگىلىشىچە، ھازىر قار ھاسىل قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇ بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبا لىنىيەسى ئورنىتىلىپ بولغان، قار ھاسىل قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇ ساقلاش كۆلچىكىنىڭ سۇ ساقلاش مىقدارى 16 مىڭ كۇب مېتىرغا يەتكۈزۈلگەن بولۇپ، 12- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن باشلاپ قار ھاسىل قىلىنىدىكەن، 12- ئاينىڭ 28- كۈنىدىن بۇرۇن سۈنئىي قار ھاسىل قىلىش ۋە چاڭغا تېيىلىش سايمانلىرى زالىنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىنى بېزەش، مۇكەممەللەشتۈرۈش خىزمىتى تاماملىنىدىكەن.

 بۇ يىل 8- ئايدا قۇرۇلۇش باشلانغان شىنجاڭ خۇڭشۇلىن خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى شىرېنزىگوۋغا جايلاشقان بولۇپ، «جۇڭگو- شىنجاڭ خۇڭشۇلىن كەلگۈسى شەھەر خەلقئارا ئىستىراھەت كەنتى»نىڭ 1- قارارلىق تۈر قۇرۇلۇشى ھېسابلىنىدۇ. بۇ تۈر قۇرۇلۇشى A ،B ئىككى رايوندىن تەركىب تاپقان، پىلانلانغان يەر كۆلىمى 3100 مو بولۇپ، ئۈرۈمچىنىڭ يېقىن شەھەر ئەتراپىدىكى چاڭغا تېيىلىش، ئارام ئېلىش، ئىستىراھەت، كۆڭۈل ئېچىش بىر گەۋدىلەشكەن ئارام ئېلىش- كۆڭۈل ئېچىش ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى ھېسابلىنىدۇ.

 ھازىر 1- قارارلىق قۇرۇلۇش تۈرىدىكى دەسلەپكى سەۋىيەدىكىلەر چاڭغا تېيىلىش يولىدىن تۆتى، چاڭغا تېيىلىش چاقى يولىدىن ئالتىسى ئاساسىي جەھەتتىن پۈتتى، چاڭغا تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدا ئوچۇق رەڭدە سىرلانغان 600 كىۋادرات مېتىرلىق چاڭغا تېيىلىش سايمانلىرى زالى بار، 270 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى دەسلەپكى سەۋىيەدىكىلەر چاڭغا تېيىلىش يولىدىن تۆتى، 200 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى چاڭغا تېيىلىش چاقى يولىدىن ئالتىسى ياسىلىپ بولغان بولۇپ، قېزىش ماشىنىسى باغچە ئىچىدىكى مەيدانلارنى تۈزلەۋاتىدۇ. 320 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى توكلۇق يول، بىخەتەرلىك تورى قاتارلىق بىخەتەرلىك مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى ۋە يورۇتۇش ئەسلىھەلىرى 12- ئاينىڭ 25- كۈنىدىن بۇرۇن قۇراشتۇرۇلۇپ بولۇنىدۇ.

 شىنجاڭ خۇڭشۇلىن خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى چاڭغا تېيىلىش ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ليۇ يۈ مۇنداق دېدى: چاڭغا تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى پۈتكەندىن كېيىن بىرلا ۋاقىتتا 1500 چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارىنىڭ قار- مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتنىشىش ئېھتىياجىنى ھەم ساياھەتچىلەرنىڭ قارلىق موتوسىكلىتى، ئات قېتىلىدىغان چانا قاتارلىق قار- مۇز كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرىدىن بەھرىلىنىش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ. 

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125