«قار كەنت»تە ئويمىچى ئۇستام قار ئويما ئەسىرى ئويماقتا. («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لېي تىڭ فوتوسى)
قار ئويما ئەسەرلىرىنى كۆرۈش، مۇز ئۆڭكۈرىنى تاماشا قىلىش، چاڭغا تېيىلىش چاقى ئويناش... ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرى 12- ئاينىڭ 14- كۈنى، يەنى مۇشۇ شەنبە كۈنى شىمىگۇ رايونى شىرېنزىگوۋ كوچا باشقارمىسى گېجياگوۋ كەنتىدىكى «قار كەنت»كە كېلىپ قار- مۇزنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلالايدۇ.
گېجياگوۋ كەنتىدىكى «قار كەنت» شىرېنزىگوۋ كوچا باشقارمىسى جىڭگوۋ يولى جەنۇبىي 1- كوچىسىغا جايلاشقان، شەھەر مەركىزىگە تەخمىنەن 11 كىلومېتىر كېلىدۇ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 103 مو بولۇپ، يېمەك- ئىچمەك، ئائىلىۋى مېھمانخانا، كۆڭۈل ئېچىش، «توردا ئالقىشلانغان يوقلىمىدىن ئۆتىدىغان جاي» بىر گەۋدە قىلىنغان قىشلىق قار- مۇز باغچىسى ھېسابلىنىدۇ.
مۇخبىر 12- ئاينىڭ 11- كۈنى «قار كەنت»تە خىزمەتچىلەرنىڭ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ مۇز ئۆڭكۈرى، مۇز كارىدورى ۋە قار ئويما ئەسەرلىرىنى ياساۋاتقانلىقىنى كۆردى.
لياۋنىڭ پەنجىندىن كەلگەن ئۇستام ۋۇ گوشەن خىزمەتداشلىرى بىلەن «ئاتا مېھرى تاغدۇر» ناملىق قار ئويما ئەسىرىنى ئويۇۋاتاتتى.
ۋۇ گوشەن مۇنداق دېدى: «ئويۇۋاتقىنىمىز ئىككى بالىسىنى ئېلىپ ماڭغان بىر شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقىنىڭ ھەيكىلى، بۇ، قار- مۇز بىلەن قاپلانغان دالىدا بالىلىرى ئۈچۈن مىننەتسىز بەدەل تۆلەۋاتقان ئاتىغا سىمۋول قىلىنغان. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە تۆگە، ئۈزۈم، قوغۇن، بايلىق ئىلاھى قاتارلىق قار ئويما ئەسەرلىرى، شۇنداقلا يەنە قاردا ياسالغان تام ۋە قاردا ياسالغان قەلئە مەنزىرىلىرى قوشۇلۇپ تەخمىنەن ئوندىن ئارتۇق قار ئويما ئەسىرى بار بولۇپ، بىر ھەپتىدە ھەممىنى ئويۇپ بولىمىز».
«قار كەنت» ساياھەتچىلەرنى چاڭغا تېيىلىش چاقى، قارلىق موتوسىكلىتى، چانا، قارلىق ۋېلىسىپىتى ۋە ئاپتوموبىل سۆرەيدىغان چاڭغا تېيىلىش چاقى قاتارلىق كۆپ خىل كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرى بىلەن تەمىنلەپ، ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپ خىل ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ.
گېجياگوۋ كەنتىدىكى «قار كەنت»نىڭ مەسئۇلى گو چاڭجى مۇنداق دېدى: «بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا، بۇ يىل نۇرغۇن مەزمۇن يېڭىلاندى. كەچتە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئويۇن تۈرلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، بۇلار تۆمۈردىن ئۇچقۇن چىقىرىش، ئوت چەينەك قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا 10 مىڭ كىشىلىك دىسكو، گۈلخان كېچىلىكى قاتارلىق مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى». (مۇخبىر ۋاڭ لېي)