قەلبنى ئىللىتقان دەملەر | ئاپامنىڭ دۇفۇ قېقى
18:29:24 2024-12-14 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 گاۋ شياۋچيەن

 ھەر قېتىم ئۆيدىكىلەر دۇفۇنى كۆپ سېتىۋېلىپ قالغاندا، ئاپام ھەمىشە بۇزۇلۇپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ، دۇفۇ قېقى قىلىۋېتىشكە ئادەتلەنگەن، بۇنداق قىلغاندا نەچچە كۈنگىچە قويۇپ قويسىمۇ بۇزۇلۇپ قالمايتتى، سوغۇق سەي قىلسا ياكى باشقا كۆكتاتلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قورۇپ يېسە، ناھايىتى چايناشلىق، تەملىك بولاتتى.

 ئىلگىرى ئاپام مەخسۇس دۇفۇ سېتىۋېلىپ دۇفۇ قېقى قۇرۇتۇپ دادامغا ئالغاچ بارىدىكەن، ئاپام قۇرۇتقان دۇفۇ قېقى دادامغا ھەمراھ بولۇپ، خىزمەت ئورنى قەيەرگە يۆتكەلسە شۇ يەرگىچە بارىدىكەن؛ ئاپام قۇرۇتقان دۇفۇ قېقى خۇددى ئۈزۈلمەس تۇغقانلىق رىشتىگە ئوخشاش، دادامنىڭ خىزمەت ئىزنالىرىغا ئەگىشىپ يۈرىدىكەن، شىئەن، خۇاشەن، شاڭجوۋ، سەنيۈەن، يۇڭشوۋ، دالى قاتارلىق دادام خىزمەت قىلغان جايلارنىڭ ھەممىسىدە ئاپام قۇرۇتقان دۇفۇ قېقىنىڭ مەززىلىك پۇرىقى بار ئىكەن.

 دادام 1957- يىلى 6- ئايدا بېيجىڭ مېتېئورولوگىيە مەكتىپىنى پۈتكۈزۈپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن شەنشى ئۆلكىلىك مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىگە تەقسىم قىلىنىپتۇ، شۇنىڭدىن باشلاپ مېتېئورولوگىيە بىلەن باغلىنىپ، بىر ئۆمۈر مېتېئورولوگىيە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپتۇ.

 1958- يىلى باھار بايرىمىنىڭ 6- كۈنى ئاپام بىلەن دادام توي قىپتۇ، باھار بايرىمىنىڭ 9- كۈنى دادام ئىدارىگە ئىشقا چۈشۈپتۇ، ئاپام ئۆيدە ئەمگەك قىپتۇ، ئۇ يىللاردا خىزمەت قىلىدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئىدارىنى ئۆيدەك كۆرىدىكەن، يىل ئاخىرىدا باھار بايرىمى ئۆتكۈزگەندە دادام ئاندىن ئۆيگە قايتىدىكەن. 1959- يىلى دادام ياش، خىزمەتتە ئەستايىدىل بولغاچقا، ئۆلكىلىك مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى تەرىپىدىن ئورۇن تاللاپ شاڭلو مېتېئورولوگىيە پونكىتى قۇرۇش ئۈچۈن شاڭلوغا ئەۋەتىلىپتۇ، ئورۇن ئىزدەشتىن ئۆي سېلىشقىچە، ئاندىن كۆزىتىش مەيدانى قۇرۇشقىچە، ئۇنىڭ كەينىدىن پونكىتنىڭ ئىچىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقىچە، دادام شاڭلو مېتېئورولوگىيە پونكىتى قۇرۇشنى پۈتۈن كۈچىنى سەرپ قىلىپ تاماملاپتۇ.

 1960- يىلى دادام خۇاشەن مېتېئورولوگىيە پونكىتىغا يۆتكىلىپ خىزمەت قىپتۇ، خۇاشەن تېغىنىڭ شىمالىي چوققىسىدىكى جاپالىق مۇھىتتا دادام يەنىلا قىلچە بىخەستەلىك قىلماي ئىشلەپتۇ. 1961- يىلى دادام سەنيۈەن مېتېئورولوگىيە پونكىتىغا يۆتكىلىپتۇ، 1963- يىلى يۇڭشوۋ ناھىيەلىك مېتېئورولوگىيە پونكىتىغا پونكىت باشلىقى بولۇپ يۆتكىلىپ، ئۇ يەردە توققۇز يىل تۇرۇپتۇ.

 دادام خىزمەت قىلغان جايلىرى ناھايىتى جاپالىق ئىكەن، ئاپام دائىم دۇفۇ سېتىۋېلىپ، يالپاقلاپ توغراپ، ئىككى يۈزىگە تۇز سۈركەپ، ئالدى بىلەن كورىغا سېلىپ 15 مىنۇت دۈملەپ، ئاندىن جىمبىل ئۈستىگە قويۇپ ئاپتاپقا سالىدىكەن، بىر كۈندە قانچە قېتىم ئۆرۈيدىغانلىقىنى بىلىپ بولغىلى بولمايدىكەن، ئاپام: «ئاپتاپتا ئوبدان قاقلاپ، ئوبدان قۇرۇتساق، ئاسان كۆكىرىپ قالمايدۇ»، دەيدىكەن، قۇرۇتۇپ بولغاندىن كېيىن ئاپام قەغەز بىلەن يۆگەپ، دادامغا ئالغاچ بارىدىكەن.

 «ئۆيدە ئالغاچ بارغىدەك نەرسە يوق، داداڭ دۇفۇ قېقىنى ياخشى كۆرىدۇ، پەقەت مۇشۇلا بار». ئاپام دائىم ماڭا شۇنداق دەيتتى.

 دادام دائىم ئاپام قۇرۇتقان دۇفۇ قېقىنى قەلەمچە قىلىپ ياكى يالپاقلاپ لازا، سۇڭپىياز سېلىپ، ئۈستىگە قىزىتىلغان ماي قۇيۇپ، ئاندىن جياڭيۇ، ئاچچىقسۇ قۇيۇپ ئارىلاشتۇرۇپ سوغۇق سەي قىلىپ، خىزمەتداشلىرى بىلەن بىللە يەيدىكەن، ئۇ خىلۋەت جايدا قويۇق دالى دۇفۇسىنىڭ پۇرىقى تارىلىدىكەن، ئۇ چاغلاردا كۆكتات ئاز بولغاچقا، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۇنى ناھايىتى يېيىشلىك، دېيىشىدىكەن.

 دادام ئائىلىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن، 1972- يىلى شەنشىنىڭ دالى ناھىيەسىگە يۆتكىلىپ قايتىپ كەپتۇ، ئۇ بىر ئۆمۈر يېزا ئىگىلىكى بىلەن مېتېئورولوگىيەنى تەتقىق قىپتۇ، ئەينى چاغدا تېرىلىدىغان بۇغداي، كېۋەز، كۆممىقوناق قاتارلىق زىرائەتلەرنى تەجرىبە ئوبيېكتى قىلىپ، ھەر يىلى تەجرىبە ئېتىزىدا تېرىپ، زىرائەتلەرنىڭ پۈتكۈل ئۆسۈش جەريانىنى خاتىرىلەپ، ئۆلكە، شەھەر، ناھىيەلەرنى ئەڭ دەسلەپكى سانلىق مەلۇمات ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلەپتۇ، ئىلگىرى ژۇرنال ۋە گېزىتلەردە نۇرغۇن ماقالە ئېلان قىپتۇ.

 دالى ناھىيەسىدە خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، ئاپام قۇرۇتقان دۇفۇ قېقى ئوخشاشلا دادامنىڭ ۋە يېقىن دوستلىرى، خىزمەتداشلىرىنىڭ ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن ھاراق ئىچكەچ يەيدىغان سوغۇق سېيى بوپتۇ، مۇشۇنداق ئاددىي «دۇفۇ قېقى» ئاتا- ئانامنىڭ ئاشۇ جاپالىق يىللاردىكى «مېھىر- مۇھەببىتى»نى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بولۇپ، ئۇ، دادامنىڭ خىزمەتتە ئەستايىدىل بولىدىغان، جاپا- مۇشەققەتكە چىداپ، ئاددىي- ساددا ياشايدىغان، تىرىشچان، پۇختا خىزمەت ئىستىلىنى مەڭگۈ ئېسىمدە ساقلىتىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلدۇرىدۇ.

 ئاپتورنىڭ ئادرېسى: شەنشى ئۆلكىسى ۋېينەن شەھىرى دالى ناھىيەلىك بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسى

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125