سودا مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 12- ئاينىڭ 9- كۈنىگىچە، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرغان ئاپتوموبىل جەمئىي 5 مىليوندىن ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە، بىراك قىلىنىپ يېڭىلانغىنى 2 مىليون 440 مىڭدىن ئاشقان، ئالماشتۇرۇپ يېڭىلانغىنى 2 مىليون 590 مىڭدىن ئاشقان.
ئاپتوموبىللارنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش كۈچلۈك، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلىپ، سىياسەت ئۈنۈمى تېز نامايان بولغان. 11- ئايدا، دۆلەت ئىچىدە سېتىلغان ئاپتوموبىل 2 مىليون 423 مىڭ بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.5 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى 10- ئايدىكىدىن 5.2 پىرسەنت پوئېنت تېز بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە، 1 مىليون 268 مىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل پارچە سېتىلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %50.5 ئېشىپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئاپتوموبىل پارچە سېتىلىش مىقدارىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %52.3كە يەتكەن. 1- ئايدىن 11- ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە پارچە سېتىلغان ئاپتوموبىل 20 مىليون 257 مىڭ بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.7 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، 9 مىليون 594 مىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل پارچە سېتىلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %41.2 ئاشقان.