11- ئاينىڭ 30- كۈنى، چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى ئالتاي جياڭجۈن تېغى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش ئىستىراھەت رايونىدا چاڭغا تېيىلىشقا تەييارلانماقتا. ئارداق بېيىسقان فوتوسى
چاڭغا تېيىلىش قىشقىلا خاس خۇشاللىق
ئاپئاق قار بىلەن قاپلانغان تاغلار، سۈزۈك ھەم پاكىز قارلىق دالا، مۇزلار چاقناپ تۇرغان كۆل يۈزى − مانا بۇ قىش پەسلىدىكى شىنجاڭ، چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك جايى.
قىش پەسلىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى چاڭغا تېيىلىش مەيدانلىرىدا بىر پارچە ھەيۋەتلىك ۋە كۆركەم كۈمۈش رەڭلىك يۆگىمە رەسىم كەڭ يېيىلىپ، چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىنىڭ كېلىشىنى كۈتمەكتە.
11- ئاينىڭ 29- كۈنى، نارات قىيىنساي چاڭغا تېيىلىش ئىستىراھەت رايونىدا، نارات بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئۇچىسىغا قېلىن چاڭغا تېيىلىش كىيىملىرىنى كىيىپ، رەڭگارەڭ قالپاقلارنى كىيىپ، چاڭغا تېيىلىش تىرېنېرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە چاڭغا تېيىلىش مەشىقىنى باشلىدى. جاڭ ۋېنتىڭ فوتوسى
شىنجاڭ ئەۋزەل تەبىئىي شارائىت ۋە مول چاڭغا تېيىلىش بايلىقىغا ئىگە.
ئالتايدىكى قۇم جېكبېلىڭ خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش ئىستىراھەت رايونىدىن ئۈرۈمچىدىكى يىپەك يولى تاغلىق ئىستىراھەت رايونى چاڭغا تېيىلىش مەيدانىغىچە، تىيانشان بوغدا كۆلىدىن ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى چۈەنيۈ شىڭكۇڭ چاڭغا تېيىلىش مەيدانىغىچە، شىمالىي شىنجاڭدىن جەنۇبىي شىنجاڭغىچە، شىنجاڭ تۇپرىقى قار- مۇز باغچىسىغا ئايلىنىپ، چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىنى تېخىمۇ كۆپ تاللاش بىلەن تەمىنلىدى.
12- ئاينىڭ 1- كۈنى، فۇكاڭ شەھىرى تىيانشان بوغدا كۆلى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا ساياھەتچىلەر قار ئۈستىدىكى قىزىقارلىق تەنھەرىكەت تۈرلىرىدىن ھۇزۇرلانماقتا. خې لۇڭ فوتوسى
بۇ يىل قىشتا، شىنجاڭنىڭ چاڭغا تېيىلىش مەيدانلىرى سىزنى كۈتمەكتە.
مەيلى سىز ئېگىز تاغدا چاڭغا تېيىلىشنى ياكى قار مەنزىرىسىدىن بەخىرامان ھۇزۇرلىنىشنى ئويلاڭ، بۇ يەر سىزنىڭ ئېھتىياجىڭىزنى قاندۇرالايدۇ.
ئەمدى ئىككىلەنمەڭ، چاڭغا تېيىلىش جابدۇقلىرىڭىزنى ئېلىپ شىنجاڭغا كېلىپ قار- مۇزنىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلىڭ!
بۇ بىپايان قارلىق دالىدا، سىز چوقۇم ئۆزىڭىزگە تەۋە بولغان قىشتىكى خۇشاللىقنى تاپالايسىز.
12- ئاينىڭ 8- كۈنى، ساياھەتچىلەر ئۇچتۇرپان ناھىيەسى چۈەنيۈ شىڭكۇڭ خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا قار- مۇز شادلىقىدىن بەھرىمەن بولماقتا. ۋەلى قېيۇم فوتوسى
12- ئاينىڭ 8- كۈنى، ساياھەتچىلەر قومۇل شەھىرىدىكى خېنەن- قومۇل سۇڭشۇتاڭ چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا قار تېيىلىش چاقى ئوينىماقتا. داۋۇت رىشات فوتوسى
12- ئاينىڭ 6- كۈنى، تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئومۇمىي خەلق ساغلاملىق مۇسابىقىسى (غەربىي شىمال مۇسابىقە رايونى) چاڭغا تېيىلىش شۆبە بېكەت مۇسابىقىسى (شىنجاڭ بېكىتى)نىڭ دالىدا چاڭغا تېيىلىش مۇسابىقىسى ئالتاي شەھىرىنىڭ سارقوبۇ دالىدا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا باشلاندى. ئارداق بېيىسقان فوتوسى
12- ئاينىڭ 6- كۈنى، تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئومۇمىي خەلق ساغلاملىق مۇسابىقىسى (غەربىي شىمال مۇسابىقە رايونى) چاڭغا تېيىلىش شۆبە بېكەت مۇسابىقىسى (شىنجاڭ بېكىتى)نىڭ دالىدا چاڭغا تېيىلىش مۇسابىقىسى ئالتاي شەھىرىنىڭ سارقوبۇ دالىدا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا باشلاندى. ئارداق بېيىسقان فوتوسى
12- ئاينىڭ 6- كۈنى، تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئومۇمىي خەلق ساغلاملىق مۇسابىقىسى (غەربىي شىمال مۇسابىقە رايونى) چاڭغا تېيىلىش شۆبە بېكەت مۇسابىقىسى (شىنجاڭ بېكىتى)نىڭ دالىدا چاڭغا تېيىلىش مۇسابىقىسى ئالتاي شەھىرىنىڭ سارقوبۇ دالىدا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا باشلاندى. ئارداق بېيىسقان فوتوسى
12- ئاينىڭ 8- كۈنى، چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارى قومۇل شەھىرىنىڭ خېنەن- قومۇل سۇڭشۇتاڭ چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا چاڭغا تېيىلماقتا. داۋۇت رىشات فوتوسى
11- ئاينىڭ 29- كۈنى، 2024-، 2025-يىللىق قار پەسلىدە نارات قېيىنساي چاڭغا تېيىلىش ئىستىراھەت رايونىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا چاڭغا تېيىلىش ماھارىتى كۆرسىتىلدى. جاڭ ۋېنتىڭ فوتوسى
12- ئاينىڭ 1- كۈنى، ساياھەتچىلەر فۇكاڭ شەھىرىدىكى تىيانشان بوغدا كۆلى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا چاڭغا تېيىلماقتا. خې لۇڭ فوتوسى
11- ئاينىڭ 26- كۈنى، ئالتاي جياڭجۈن تېغى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى كەچكى شەپەق نۇرىدا گۈزەل تۈسكە كىردى. فۇ خاۋدۇڭ فوتوسى
12- ئاينىڭ 5- كۈنى، قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى ئالتاي جياڭجۈن تېغى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش ئىستىراھەت رايونىنىڭ كېچىلىك مەيدانىدا چاڭغا تېيىلماقتا. ئارداق بېيىسقان فوتوسى
12- ئاينىڭ 5- كۈنى كەچتە، چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى ئالتاي جياڭجۈن تېغى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش ئىستىراھەت رايونىنىڭ كېچىلىك مەيدانىدا چاڭغا تېيىلماقتا. ئارداق بېيىسقان فوتوسى
كۆكتوقاي خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى ئېگىز تاغ دەسلەپكى دەرىجىلىكلەر چاڭغا تېيىلىش يولى (12- ئاينىڭ 1- كۈنى تارتىلغان). ئايدوس ئاقىنبېك فوتوسى
كۆكتوقايدىكى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش ئىستىراھەت رايونىنىڭ ئەڭ ئېگىز يېرىگە بوشلۇقتىن نەزەر، بۇ جاينىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3100 مېتىر كېلىدۇ (12- ئاينىڭ 1- كۈنى تارتىلغان). ئايدوس ئاقىنبېك فوتوسى
11- ئاينىڭ 26- كۈنى، ساياھەتچىلەر ئالتاي جياڭجۈن تېغى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش ئىستىراھەت رايونىدا كەچكى شەپەق مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلانماقتا. فۇ خاۋدۇڭ فوتوسى
پايدىلانغان مەنبە: «كۆرۈش سېزىمىدىكى شىنجاڭ» ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى