بىزنىڭ ياخشى دوستىمىز ۋە مەكتىپىمىز
ئادىل ئابدۇراخمان
مەن «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ سادىق ئوقۇرمىنى. 45 يىلدىن بۇيان، مەن «شىنجاڭ گېزىتى» (خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە ئۈچ خىل يېزىق نۇسخىسى) ۋە شىنجاڭ ئىچى- سىرتىدىكى 20 نەچچە خىل گېزىتكە مۇشتەرى بولۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدىم ھەم «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ گېزىت قىيمىسىنى ئاساس قىلىپ، «ئائىلە قامۇسى» تۈزۈپ چىقتىم، بۇنىڭدا جەمئىي 1 مىليوندىن ئارتۇق پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بىلىملىرى، 140 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق گېزىت قىيمىسى بار. 2015- يىلى 8- ئايدا پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، مەن بىر كارخانىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىدە، شىنجاڭدىكى تۇنجى گېزىت قىيمىسى مۇزېيىنى قۇردۇم، بۇ بىرقانچە يىلدا جەمئىي 100 نەچچە مىڭ ساياھەتچى كۈتۈۋېلىندى.
مېنىڭ شىنجاڭ گېزىتى بىلەن بولغان رىشتىم بالىلىق چاغلىرىمدىن باشلانغان. ئۇ چاغدا مەن بەش ياش ئەتراپىدا ئىدىم، دادام ھەر كۈنى ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتقاندا، ۋېلىسىپىتىنىڭ ئارقا ئورۇندۇقىغا ھەمىشە بىر باغلام «قەغەز» قىستۇرۇۋالاتتى. كەچلىك تاماقتىن كېيىن، ئۇ بۇ بىر باغلام «قەغەز»نى ئېچىپ، بىر ۋاراق- بىر ۋاراقتىن تەپسىلىي كۆرەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە، سانى ئەڭ كۆپ بولغىنى «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدى. بىر كۈنى دادام ماڭا: بۇ دېگەن گېزىت، بۇ بىر بىلىم تارقىتىدىغان قورال، دېدى.
شۇ كۈندىن باشلاپ، دادام ھەر كۈنى ماڭا گېزىتتىكى ھېكايە، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ساۋاتلىرى قاتارلىقلارنى ئوقۇپ بېرىدىغان بولدى. ئۇ يەنە گېزىت ئوقۇش خاتىرىسى يېزىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، مۇھىم خەۋەرلەر، ساغلاملىق ۋە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بىلىملىرى قاتارلىقلارنى قىيىپ كونا ژۇرناللارغا چاپلايتتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقىم.
باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 3- يىللىقىغا چىققىنىمدا، مەن ئۆزۈم گېزىت ئوقۇشقا، گېزىت ئوقۇش خاتىرىسى يېزىشقا باشلىدىم. 1971- يىلى 9- ئايدا، مەن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندا، سىنىپتا ئۆزىمىز «شىنجاڭ گېزىتى» ئۆگىنىش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ساۋاقداشلارنى تەكرار ۋاقتىدا يېرىم سائەت گېزىت ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدۇق، مەن باشلاپ ئوقۇغۇچى بولدۇم. كېيىن، بۇ ئۇسۇل پۈتۈن مەكتەپتە ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، ھەربىر سىنىپتا «شىنجاڭ گېزىتى» ئۆگىنىش گۇرۇپپىسى قۇرۇلدى. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغان چاغدا، مېنىڭ گېزىت ئوقۇش، كىتاب ئوقۇش خاتىرەم 30دىن ئېشىپ، «شىنجاڭ گېزىتى» مېنىڭ يولباشچىم بولۇپ قالدى. گېزىتتىكى بىلىملەر مېنىڭ ئۆگىنىشىم ۋە ئىلگىرىلىشىمدە ناھايىتى زور رول ئوينىدى، باشلانغۇچ مەكتەپتىن تولۇقسىز ئوتتۇرا، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكىچە، مەن ئىزچىل سىنىپنىڭ ئۆگىنىش ھەيئىتى بولدۇم.
1975- يىلى 10- ئايدا، مەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن يېزىغا بېرىپ ئەمگەك قىلدىم. جاپاغا چىداپ ئەمگەك قىلغان يىللاردا، «شىنجاڭ گېزىتى» ياخشى ھەمراھىم ۋە يېتەكچىم بولدى. دەم ئالغاندا، باشقىلار قارتا ئوينىغان، مۇڭدىشىپ ئولتۇرغاندا، مەن سالقىن جاينى تېپىپ، ئۆيۈمدىن ئېلىپ كەلگەن كىتاب ۋە «شىنجاڭ گېزىتى»نى ئېلىپ ئوقۇدۇم. بەزىلەر مېنىڭ گېزىتىمنى تۇيدۇرماي ئېلىپ كېتىپ تاماكا يۆگىگەندە، مېنىڭ بەكمۇ ئاچچىقىم كېلىپ، بىر ئامال ئويلاپ چىقىپ، كۆپچىلىككە: «دەم ئېلىش ۋاقتىدا مەن ئاۋۋال سىلەرگە گېزىتتىكى ھېكايىلەرنى ئوقۇپ بېرەي، ئوقۇپ بولغان گېزىتنى ئاندىن ئېلىپ كەتسەڭلار بولىدۇ» دېدىم. شۇنداق قىلىپ، مەن «شىنجاڭ گېزىتى»نى ئېتىز باشلىرىغىچە ئېلىپ كىردىم. مېنىڭ گېزىت ئوقۇپ بېرىشىمنى ئاڭلاشنى ياخشى كۆرىدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيدى، بولۇپمۇ قىشتا قومۇش ئورۇغاندا، كەچتە گەمىدە ئۇخلايتتۇق، كۆپچىلىك مېنى چۆرىدەپ ئولتۇراتتى، مەن گېزىت ئوقۇپ بېرەتتىم، ئەمدى ھېچكىم مېنىڭ رۇخسىتىمسىز گېزىتنى تۇيدۇرماي ئېلىپ كەتمەيدىغان بولدى.
1977- يىلى 12- ئاينىڭ 10- كۈنى، «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ باش بېتىگە بېسىلغان «بىر قىزىل قەلب، ئىككى خىل تەييارلىق، ۋەتەننىڭ تاللىشىغا بويسۇنۇش» دېگەن ماقالە مېنىڭ پۈتۈن ھاياتىمنى ئۆزگەرتتى. شۇ يىلى 12- ئاينىڭ ئاخىرىدا، مەن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىنكى مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش ئىمتىھانغا قاتناشتىم. كېيىنكى يىلى 3- ئايدا، مەن شىنجاڭ داشۆنىڭ قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالدىم. كەنتتىن ئايرىلىدىغان چاغدا، مېنىڭ گېزىت ئوقۇشۇمنى ئاڭلىغان يۇرتداشلارنىڭ مەندىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيمىدى. شۇ چاغدىكى كۆرۈنۈش ھېلىھەم ئېنىق ئېسىمدە.
مەن داشۆگە ئۆتۈپ، كىشىلىك ھاياتىمدىكى ئەڭ مۇھىم يولغا ماڭدىم، مېنىڭ قەلبىمدە بولسا، «شىنجاڭ گېزىتى» مېنىڭ تۇنجى داشۆيىم ئىدى. ئۇ چاغدا، ئىسلاھات- ئېچىۋېتىشنىڭ باھار شامىلى جۇڭگو زېمىنىنى قاپلاپ، قەدىناس دوستۇم «شىنجاڭ گېزىتى»مۇ يېڭى باھارنى كۈتۈۋالدى، مەزمۇنى بارغانسېرى بېيىدى، بەتلىرى، سەھىپىلىرى بارغانسېرى كۆپ خىللاشتى. داشۆنىڭ 2- يىللىقىدا، مەن گېزىت قىيىپ، ھەر خىل بىلىملەرنى توپلاشقا باشلىدىم، يەنە سىنىپتا «گېزىت قىيمىسى بىلىم كۆزنىكى» تام گېزىتى چىقاردىم ھەمدە ئۇيغۇر تىل- يېزىقىغا تەرجىمە قىلىپ تام گېزىتى تەييارلىدىم. داشۆنى پۈتكۈزىدىغان چاغدا، مەن «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە ئۈچ خىل يېزىق نۇسخىسىدىكى گېزىتتىن 30 مىڭدىن ئارتۇق پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بىلىملىرىنى توپلاپ، 10 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق گېزىت قىيمىسى چاپلاپ، كېيىنكى «ئائىلە قامۇسى»نى تۈزۈپ چىقىشىمغا ئاساس سالدىم.
1982- يىلى، مەن خىزمەتكە قاتناشتىم، لېكىن گېزىت بىلەن بولغان رىشتىم ئەزەلدىن ئۈزۈلۈپ قالمىدى. مەن بۇ يىل 68 ياشقا كىردىم، شىنجاڭ گېزىتى مېنىڭ 63 يىلنى بېسىپ ئۆتۈشۈمگە ھەمراھ بولدى. دادامنىڭ شىنجاڭ گېزىتى بىلەن دوست بولغان ۋاقتى تېخىمۇ ئۇزاق. ئۇ ئاخىرقى ئۆمرىدە كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشۈش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ ئىككى كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالدى، مەن تاكى ئۇ ئالەمدىن ئۆتۈشتىن ئىككى كۈن بۇرۇنغىچە يەنە ھەر كۈنى ئۇنىڭغا يېرىم سائەت «شىنجاڭ گېزىتى» ئوقۇپ بېرىشنى داۋاملاشتۇردۇم.
شىنجاڭ گېزىتى ئائىلىمىزدىكى ئۈچ ئەۋلاد كىشىگە ھەمراھ بولدى. بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدا، ئۇ مەڭگۈ ياخشى دوستىمىز ۋە مەكتىپىمىز.
(ئاپتور تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پورت باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ پېنسىيەگە چىققان كادىرى)
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)