باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى يەتكۈزۈلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى
ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 12- ئاينىڭ 13- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئەستايىدىل ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مۇھاكىمە قىلىندى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 18- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە ۋە پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە 2024- يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى نەتىجىلەرنى سىستېمىلىق خۇلاسىلەپ، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى ئىقتىساد مۇھىتىنى ئىلمىي تەھلىل قىلىپ، 2025- يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، كېلەر يىلى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تۈپ قوللانما ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ۋەزىيەت توغرىسىدىكى ئىلمىي ھۆكۈمى ئارقىلىق ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىرادىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي ئاساسىنىڭ مۇقىم، ئەۋزەللىكىنىڭ كۆپ، ئەۋرىشىملىكىنىڭ كۈچلۈك، يوشۇرۇن ئىقتىدارىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى، ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشقا تىرەك بولۇش شارائىتى ۋە ئاساسىي يۈزلىنىشنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، تىرىشىپ ھەرقايسى جەھەتتىكى ئاكتىپ ئامىللارنى تەرەققىيات ئەمەلىي نەتىجىسىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە سىياسەت يۆنىلىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل قايتا ئۆرلەپ ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇملۇقى ئۈچۈن شىنجاڭنىڭ تېگىشلىك تۆھپىسىنى قوشۇش كېرەك. مەركەزنىڭ تەلىپىگە توغرىلىنىپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى كەم- كوتسىز ياخشى تۇتۇش كېرەك. مەركەزنىڭ ماكرولۇق ئىقتىساد سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر قاتار ئاشۇرۇلما مىقدار سىياسەتلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، تولۇق پايدىلىنىپ، سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش؛ ئىستېمالنى جانلاندۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، ئىستېمال بازىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش؛ «ئون چوڭ كەسىپ توپى»نى يۇقىرى سۈپەتلىك قۇرۇپ، زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىشنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، خاس، ئەۋزەل زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش؛ ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك، ئىجادىي، يېتەكچى خاراكتېرلىك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش؛ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەر تەرەپلىمە ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى سىجىل كېڭەيتىپ، تاشقى سودىنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش؛ نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ- خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، سىستېما خاراكتېرلىك خەۋپ- خەتەر كۆرۈلمەسلىك تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاش؛ يېڭىچە شەھەر- بازارلاشتۇرۇش ۋە يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، كېڭەيتىش، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى كۈچەيتىش؛ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەش، تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى، كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش قاتارلىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك، پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار جاسارەت بىلەن ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، پارتىيە سىرتىدىكى زاتلارنىڭ ئەقىل- پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. يىغىندا يەنە مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار بۇ يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشان- ۋەزىپىلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تاماملاپ، بۇ يىللىق خىزمەتلەرنى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش ئاساسىدا خۇلاسىلەپ، كېلەر يىللىق خىزمەتلەرنى ئىلمىي، ياخشى پىلانلاپ، بۇ يىلنىڭ ئاخىرى، كېلەر يىلنىڭ بېشىدىكى مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشكە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلىشى كېرەك، بولۇپمۇ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشقا دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى چىڭ تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، تۈرلۈك زىددىيەت- ماجىرالارنى چوڭقۇر بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل ئىناق ۋە مۇقىم بولۇشىنى قەتئىي ساقلىشى كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، دىققەتنى «ئىككىنى قوغداش»قا مەركەزلەشتۈرۈپ سىياسىي نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتى ۋە شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇملۇقىنى چۆرىدەپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 18- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم ھۆكۈمى، زور تەدبىرلىرىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئىگىلەپ، دىققەتنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش نىشان- ۋەزىپىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باشتىن- ئاخىر جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، ئۆز شارائىتى ۋە ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، سىجىل تۈردە ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، ناھىيە رايونلىرىنى مۇھىم باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ شەھەر- يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ ياخشى مەنپەئەت يەتكۈزۈش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشكە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھات روھى ۋە قاتتىق ئۆلچەم ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەش، روھنى تاۋلاشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، پارتىيەگە ئەزا تەرەققىي قىلدۇرۇش تەرتىپىنى چىڭىتىپ، پارتىيە ئەزالىرىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇشنى پۇختا تۇتۇپ، پارتىيە ئەزالىرىنى رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا يېتەكلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.