ئالدىنقى 11 ئايدا شىنجاڭ كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 291 مىليون ئادەم قېتىمغا يەتتى
10:15:59 2024-12-15 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.99 ئاشتى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى مۇخبىر ياۋ گاڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 11 ئېيىدا، شىنجاڭ بويىچە جەمئىي 291 مىليون ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋېلىنغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.99 ئاشقان؛ ساياھەتچىلەرنىڭ ئومۇمىي خىراجىتى 346 مىليارد 238 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %21.22 ئاشقان.

تۇڭچېڭ ساياھەت سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۈرۈمچى، جىلىن شەھىرى قاتارلىقلار قىشلىق قار- مۇز ساياھىتىدىكى ئەڭ ئالقىشلىق مەنزىلگاھ بولۇپ قالغان، قىشلىق ساياھەت قىزغىنلىقى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىردەك %60 ئاشقان. 11- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ۋە ئاخىرىلىرىدا، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى چوڭ قار تېيىلىش مەيدانلىرى ئارقا- ئارقىدىن ئېچىلىپ، شۇ جاينىڭ ساياھەت قىزغىنلىقىنى تېز سۈرئەتتە ئاشۇرغان، بۇنىڭ ئىچىدە جىكپۇلىن خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى 11- ئاينىڭ 17- كۈنىدىن 12- ئاينىڭ 9- كۈنىگىچە 67 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %32 ئاشقان.

بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتچىلىكنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ 2- نۆۋەتلىك شىنجاڭ مەدەنىيەت- سەنئەت بايرىمى، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلق ئىچى سەنئەت پەسلى، 2024- يىللىق جۇڭگو شىنجاڭ يىپەك يولى مۇزىكا پەسلى قاتارلىق تۈرلۈك مەدەنىيەت- ساياھەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، «مېنىڭ ئالتىيىم» «يۈز ياپقۇڭنى قايرىۋەت − شىنجاڭ ياخشى جاي» 2- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سەييارە ئويۇن قويۇش قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ، «ناخشا ساداسىغا ئەگىشىپ ساياھەت قىلىش» «ئويۇنغا ئەگىشىپ ساياھەت قىلىش» «مۇسابىقىگە ئەگىشىپ ساياھەت قىلىش» «قىزىق تىياتىرغا ئەگىشىپ ساياھەت قىلىش» داڭلىق ماركا ئۈنۈمىنى شەكىللەندۈرۈپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ جانلىنىشىغا سىجىل تۈرتكە بولدى، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ جەلپكارلىقىنى ئاشۇردى.

شىنجاڭ ئەتىيازلىق ساياھەت كۆرگەزمىسى، شىنجاڭ ئالاھىدە ساياھەت بايرىمى، 18- نۆۋەتلىك شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت كەسپى سودا كۆرگەزمىسى ھەم 2024- يىللىق شىنجاڭ ئىللىق قار بايرىمى قاتارلىق داڭلىق ماركا پائالىيەتلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈش، 2024- يىللىق لوندون دۇنيا ساياھەت سودا يەرمەنكىسى، 2024- يىللىق جۇڭگو خەلقئارا ساياھەت سودا يەرمەنكىسىگە قاتنىشىش، قاتار، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، كۇۋەيت، مالايسىيا، سىنگاپور قاتارلىق دۆلەتلەرگە بېرىپ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە ساياھەتچىلىكنى تونۇشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، «شىنجاڭ ياخشى جاي» داڭلىق ماركىسىنىڭ تەسىر كۈچى، خەلقئارا تارقىتىش كۈچى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلدى.

ساياھەت مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش يىلى ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، «مال باھاسى، ھاجەتخانا، ساياھەت ئۆمىكىگە ئىگە بولماسلىق»تىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ مەخسۇس تۈزەش ۋە «يېمەك- ئىچمەك، ياتاق، قاتناش، بىخەتەرلىك، مۇلازىمەت ماركىسى، چېگرادىن كىرىپ ساياھەت قىلىش»تىن ئىبارەت ئالتە چوڭ يۈكسەلدۈرۈش ھەرىكىتى چۆرىدىلىپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەت مۇلازىمەت سۈپىتى ھەر تەرەپلىمە ئۆستۈرۈلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125