خەلق گېزىتى باش ماقالىسى
ھەممە بىر مەقسەتتە بولدى، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى ئاساسلىق نىشان- ۋەزىپىلەر پات ئارىدا ئوڭۇشلۇق تاماملىنىدۇ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا يېڭى پۇختا قەدەم تاشلاندى! 12- ئاينىڭ 11- كۈنىدىن 12- كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى چوڭ ۋەزىيەتنى ئىگىلەپ، پىلان تۈزۈپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، قەلبلەرنى ئىلھاملاندۇردى، كىشىنى جاسارەتلىك بولۇشقا ئۈندىدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتنىشىپ ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، 2024- يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلىدى، ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى چوڭقۇر تەھلىل قىلدى، 2025- يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش، «15- بەش يىل»نىڭ ياخشى باشلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پۇختا ئاساس سېلىش ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.
ئاچقۇچلۇق مەزگىل، ئاچقۇچلۇق بىر يىل. بىر يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىدى، ئالدىنقى مەزگىلدە يۇقىرى بولۇش، ئوتتۇرا مەزگىلدە تۆۋەن بولۇش، ئاخىرقى مەزگىلدە ئۆرلەش ۋەزىيىتى نامايان بولدى، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى پۇختا قەدەم بىلەن راۋاجلاندى، ئىسلاھات- ئېچىۋېتىش سىجىل چوڭقۇرلاشتى، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ- خەتەرنى تۈگىتىش تەرتىپلىك، ئۈنۈملۈك بولدى، خەلق تۇرمۇشى كاپالىتى پۇختا، كۈچلۈك بولدى. ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەرنىڭ ئايلىنىشىنىڭ مۇقىم بولۇشىدىن ئالغا ئىلگىرىلىگەن- ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن ئاكتىپ ئامىللارنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىشىگىچە، يەنە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ پۇختا ئالغا سىلجىتىلىشىغىچە، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىدىكى «مۇقىم» ۋەزىيەت ئۈنۈملۈك داۋاملىشىپ، «ئىلگىرىلەش» قەدىمى قەتئىي، كۈچلۈك بولۇپ، «ياخشى» ئامىللار تەدرىجىي جۇغلىنىپ، ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن- تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى سىجىل كۈچەيدى. دۆلىتىمىز تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەر كىشىلەرنى ئىلھاملاندۇردى، بىزنىڭ يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە يول ئېچىپ ئىلگىرىلەش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش ئىرادىمىز ۋە ئىشەنچىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتتى.
بىر يىلدىن بۇيانقى نەتىجىلەر تەستە قولغا كەلدى. تاشقى بېسىم كۈچەيدى، خەلقئارا ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتتى، خەلقئارا مۇھىتتا چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولدى؛ ئىچكى قىيىنچىلىق كۆپەيدى، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىدا بەزى يېڭى ئەھۋال ۋە مەسىلىلەر كۆرۈلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېسىمغا بەرداشلىق بېرىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، سالماقلىق بىلەن ۋەزىيەتكە ماسلىشىپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللاندى. بىر يىلدىن بۇيانقى نەتىجىلەر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان ۋەزىيەتتە ئىقتىساد خىزمىتىنى تىزگىنلەشتىكى يۈكسەك ئەقىل- پاراسىتى ۋە پىشقان ئىقتىدارىنى نامايان قىلدى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكى ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۈپ كاپالىتى، ئاچقۇچلۇق پەيت، مۇھىم تۈگۈنلەردە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋەزىيەتكە دەل ۋاقتىدا ھۆكۈم قىلىپ، تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چىقىرىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد پاراخوتىنىڭ دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلىشى، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.
كېلەر يىلى «14- بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل. كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش «14- بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان- ۋەزىپىلەرنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورۇنداپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىدىكى ئومۇمىي تەلەپ، سىياسەت يۈزلىنىشى ۋە نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، بۇ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىش، پۇرسەت ۋە خىرىسنى دەل جايىدا ئىگىلەش ئاساسىدا چىقىرىلغان ئىلمىي پىلان، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما. بىز ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ۋەزىيەت توغرىسىدىكى ھۆكۈمىگە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىش روھىي ھالىتىمىز ئارقىلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشىمىز كېرەك.
كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى چىڭىتىش كېرەك. دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئاساسى مۇقىم، ئەۋزەللىكى كۆپ، ئەۋرىشىملىكى كۈچلۈك، يوشۇرۇن ئىقتىدارى زور، ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشتىكى تىرەك شارائىت ۋە ئاساسىي يۈزلىنىش ئۆزگەرمىدى. 40 نەچچە يىللىق سىجىل تېز تەرەققىياتنى باشتىن كەچۈرگەن جۇڭگو ئىقتىسادى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويدى. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ تۈزۈلمە ئەۋزەللىكى، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازار ئېھتىياجى ئەۋزەللىكى، كەسىپ سىستېمىسى يۈرۈشلەشكەن، مۇكەممەل تەمىنلەش ئەۋزەللىكى، زور مىقداردىكى يۇقىرى ساپالىق ئەمگەكچىلەر ۋە كارخانىچىلار بار بولۇشتەك ئىختىساسلىقلار ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرساقلا، خەۋپ- خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش، خىرىسلار ئۈستىدىن غالىب كېلىشتە پۇختا تىرەككە ئىگە بولالايمىز، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشتا يېتەرلىك جاسارەتكە ئىگە بولالايمىز. قىيىنچىلىقلارغا توغرا قاراپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تىرىشىپ ھەرقايسى جەھەتتىكى ئاكتىپ ئامىللارنى تەرەققىيات ئەمەلىي نەتىجىسىگە ئايلاندۇرساقلا، چوقۇم كېلەر يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز.
كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئىلگىرىلەش ئارقىلىق مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئاۋۋال ئورنىتىپ ئاندىن بىكار قىلىپ، سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇپ، ماسلىشىپ ھەمكارلىشىش كېرەك. ھازىر، تاشقى مۇھىت ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلگەن پايدىسىز تەسىر چوڭقۇرلاشماقتا، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشى يەنىلا ئاز بولمىغان قىيىنچىلىق ۋە خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە، جەزمەن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ھەقىقىي ھەل قىلىش كېرەك. جۇڭگو ئىقتىسادى ئەزەلدىن بوران- چاپقۇنلاردا چېنىقىش داۋامىدا تەرەققىي قىلغان، سىناقلارنى باشتىن كەچۈرۈش داۋامىدا زورايغان. بىز مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىشتىن ئىبارەت بۇ ئىلمىي ئۇسۇلنى ياخشى قوللىنىپ، ئۈنۈملۈك بازار بىلەن ياراملىق ھۆكۈمەتنىڭ، ئومۇمىي تەمىنات بىلەن ئومۇمىي ئېھتىياجنىڭ، يېڭى قۇۋۋەت يېتىلدۈرۈش بىلەن كونا قۇۋۋەتنى يېڭىلاشنىڭ، ئاشۇرۇلما مىقدارنى ئەلالاشتۇرۇش بىلەن ساقلانما مىقدارنى جانلاندۇرۇشنىڭ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش بىلەن ئومۇمىي مىقدارنى زورايتىشنىڭ مۇھىم مۇناسىۋىتىنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماددىي ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلىشىمىز كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھات- ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ئاشۇرۇش، ھاياتىي كۈچنى ئاشۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ ئاكتىپ، ئۈنۈملۈك بولغان ماكرولۇق سىياسەتنى يولغا قويۇپ، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ- خەتەر ۋە تاشقى خىرىسنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.
ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىش كېرەك. مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە قانچە دۇچ كەلگەنسېرى، چوڭ ۋەزىيەتنى شۇنچە ئىگىلەپ، پائال نەتىجىلەرنى شۇنچە يارىتىپ، ئېغىر يۈكنى بىلىپ تۇرۇپ زىممىگە ئالىدىغان، خىرىسقا بىۋاسىتە يۈزلىنىدىغان كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسىنى ساقلاپ، داۋاملىق داۋانلاردىن ئېشىپ، جىلغىلاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئۆز ئىشىنى ياخشى قىلىش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىجادىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، كونكرېت مەسىلىلەردىن قول سېلىپ، تىرىشىپ تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، تەرەققىيات ئەۋزەللىكىنى چوڭقۇر يېتىلدۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش ئۈنۈمىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈش كېرەك. راستچىل- ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىيەت قارىشىنى كۈچەيتىپ، سىياسەت تۈزۈش ۋە ئىجرا قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىنىڭ ماسلىقىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقىنى قوزغاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان بىرىكمە كۈچنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەش كېرەك.
كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىگە دائىر مۇھىم سىياسەت- فاڭجېن بېكىتىلدى، جەزمەن ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم- كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشان- ۋەزىپىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاپ، «14- بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشايلى.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12- ئاينىڭ 13- كۈنى تېلېگراممىسى)