گۈللەنگەن دەۋرنىڭ داستانىدا سىزمۇ بار، مەنمۇ بار
11:19:21 2024-12-15 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ليۇ خەنلىن

ئەسلىمەمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا، «شىنجاڭ گېزىتى» خۇددى قەدىناس دوستۇمغا ئوخشاش مېنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش مۇساپەمگە سىڭىپ كەتكەن.

كىچىك ۋاقىتلىرىمدا، ئۇچۇرغا ئېرىشىش ھازىرقىدەك بۇنچە قولايلىق ئەمەس ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېرىشىش يوللىرىمۇ چەكلىك ئىدى. ئۆيۈمدىكى مۇشتەرى بولغان «شىنجاڭ گېزىتى» مېنىڭ دۇنياغا نەزەر سېلىشىمدىكى بىر كۆزنەك ئىدى. باسما مېيى ھىدى تارىلىپ تۇرىدىغان گېزىتلەر ئۆيدىكى كونا ياغاچ ساندۇققا توشۇپ كېتەتتى. دەرستىن سىرتقى بوش ۋاقىتلاردا، مەن دائىم تاقەتسىزلىك بىلەن گېزىتنى ۋاراقلاپ كۆرەتتىم، سىياسىي ۋەزىيەت مۇھىم خەۋەرلىرى، خەلق تۇرمۇشىغا دائىر تۈرلۈك ئىشلار، مەدەنىيەت كاتتا ئىشلىرىنى تولۇق چۈشىنىپ كېتەلمىسەممۇ، لېكىن ئىشتىياق بىلەن ئوقۇيتتىم. ئۇ مېنى باشلاپ يۇرتۇمنىڭ كۈندىن- كۈنگە يېڭىلىنىۋاتقان ئۆزگىرىشلىرىنى تونۇتاتتى، سىرتتىكى بىپايان تۇپراقنىڭ قالتىسلىقىنى بىلدۈرەتتى. سانسىزلىغان جىمجىتلىققا چۆمگەن چۈشتىن كېيىنلەردە، ئۇ مېنىڭ مەنىلىك بولغان ماتېرىيال كۆرۈش ۋاقىتلىرىنى ئۆتكۈزۈشۈمگە ھەمراھ بولۇپ، گۆدەك ئۆسمۈرلۈك قەلبىمگە بىلىم ئېلىش ۋە ئىزدىنىش ئۇرۇقىنى ئۈن- تىنسىز چاچقانىدى.

ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، مەن مۇزىكا ئارزۇسىغا ئىنتىلىش يولىغا قەدەم قويۇپ، شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنى مۇزىكا شۆيۈەنىنىڭ گوبوي كەسپى ئوقۇتقۇچىسى بولدۇم. 2023- يىلى، شىنجاڭ گېزىتى بىلەن 1- قېتىم ھەقىقىي مەنىدە قويۇق مۇئامىلىدە بولدۇم. شۇ چاغدا، مەن شۆيۈەندىكى بەش ئوقۇغۇچىنى باشلاپ ئاپتونوم رايونلۇق تۇنجى نۆۋەتلىك مەدەنىيەت- سەنئەت بايرىمى مۇزىكا مۇسابىقىسىگە قاتناشقانىدىم. مۇسابىقە مەيدانىدا، ئوقۇغۇچىلار پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلاندى، گوبوينىڭ لەرزان مېلودىيەسى بوشلۇقتا ياڭرىدى، ئاخىرىدا بۇ بەش ئوقۇغۇچى پۇختا ماھارىتى بىلەن گوبوي كەسپىدە 2-، 3- لىكنىڭ ھەممىنى قولغا كەلتۈرۈشتەك ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتى. مۇسابىقىدىن كېيىن، ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زىيارەت قىلغىلى كەلدى، كامېرا ۋە مىكروفون بىزگە توغرىلاندى، شۇ مىنۇتلاردىكى تولۇپ تاشقان ئىپتىخارلىق ۋە خۇشاللىقىمنى تىل بىلەن ئىپادىلەپ بېرەلمەيمەن. زىيارەت جەريانىدا، مەن ئوقۇتۇش جەريانىدىكى ئاز- تولا ئىشلار، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈندىلىك تىرىشچانلىقلىرىنى تەپسىلىي ھەمبەھرىلىدىم، مۇخبىرنىڭ كۆڭۈل قويۇپ خاتىرىلەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، كىچىك ۋاقتىمدىكى گېزىت ئوقۇغان كۆرۈنۈشلەر بىردىنلا كۆز ئالدىمدا غۇۋا نامايان بولۇشقا باشلىدى، ئىلگىرى ماڭا تولىمۇ يىراقتا بىلىنىدىغان گېزىتخانا بۈگۈنكى كۈندە دىققەتنى مەن ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇزىكا مۇساپىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، گويا بىر مەيدان ۋاقىت ھالقىغان قالتىس ماسلىشىشنى نامايان قىلىۋاتاتتى.

ئەگەر تۇنجى قېتىملىق ئۇچرىشىشنى شان- شەرەپكە گۇۋاھ بولغان پەيت دېسەك، ئۇنداقتا 2- قېتىملىق ھەمكارلىق مەدەنىيەت ۋە سەنئەت سەۋەبلىك چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇش بولدى. خەلقئارا مۇزېي كۈنىدە، شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنى مۇزىكا شۆيۈەنى شىنجاڭ گېزىتى بىلەن قول تۇتۇشۇپ «مۇزېيدىكى كونسېرت» ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالدى. تەلىيىمگە مەن مەسئۇل كىشى بولۇپ، قەدىمىي كۆرگەزمە بۇيۇملىرى بىلەن نەپىس چالغۇلار ئارىسىدا يۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇردۇم. گېزىتخانا كوللېكتىپى پۈتۈن كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىش ۋە كېڭەيتىشكە ئاتلىنىپ، ئالدىن خەۋەر بېرىشتىن نەق مەيداندىكى قالتىس پەيتلەرنى تۇتۇشقىچە، ئاندىن كېيىنكى چوڭقۇرلاپ خەۋەر قىلىشقىچە، كونسېرتنىڭ ئۆزگىچە جەلپكارلىقىنى ھەر تەرەپلىمە نامايان قىلدى. ھەر خىل چالغۇلارنىڭ ئاۋازى مۇزېينىڭ جىمجىت بوشلۇقىدا لەرزان ياڭراپ، تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بىلەن پىچىرلاشقاندا، شىنجاڭ گېزىتى يېزىق ۋە سۈرەت ئارقىلىق مەڭگۈلۈك خاتىرىلەپ، سەنئەت دائىرىسىدىن ھالقىغان بۇ مەيدان كاتتا زىياپەتنى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە بىلدۈردى، شۇنداقلا مۇزىكىنىڭ ئارقىسىغا يۈكلەنگەن مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش بۇرچىنى تېخىمۇ روشەنلەشتۈردى.

بۇ گېزىت ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا، خۇددى ۋاقىتنىڭ ئىزاھاتىدەك، جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ ھەيۋەتلىك مېلودىيەسىگە گۇۋاھ بولماقتا، مەن مۇزىكا ئارزۇسىنى كۆڭلىگە پۈككەن گۆدەك بالىدىن قەدەممۇقەدەم كەسپىي ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىپ، سەنئەت مۇنبەت تۇپرىقىدا كۆڭۈل قويۇپ ئەجىر سىڭدۈردۈم. ئۇ ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ چاقناپ تۇرغان دەقىقىلىرىنى خاتىرىلىدى، ياشلىق باھارى بىلەن ئارزۇ گىرەلىشىپ كەتكەن ئاشۇ رەڭدار سەھىپىلەر يەرلىك مەدەنىيەت- سەنئەتنىڭ دەۋر دولقۇنىدا كۆزنى چاقنىتىشىغا تېخىمۇ كۆپ كۈچ قوشۇپ، جۇڭگو ئارزۇسى مەدەنىيەت خەرىتىسىدىكى ئۆزگىچە جەلپكار بولغان بىر يارقىن نۇقتا بولۇپ قالدى.

كەلگۈسىدىكى ئوقۇتۇش يولۇم ئۇزۇن، سەھنىمۇ كەڭ. شۇنىڭغا چوڭقۇر ئىشىنىمەنكى، مېنىڭ شىنجاڭ گېزىتى بىلەن بولغان ھېكايەم يەنە داۋاملىق يېزىلىدۇ. مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش سەپىرىدە، بىز قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ كۆپ سەھىپىلەرنى پۈتۈپ، شىنجاڭ سەنئىتىنىڭ ساداسىنى تېخىمۇ يىراقلارغا، تېخىمۇ كەڭ تارقىتىمىز.

(ئاپتور شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنى مۇزىكا شۆيۈەنىنىڭ ياش ئوقۇتقۇچىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125