2024- يىللىق شىنجاڭ ئىللىق قار بايرىمى قىزغىن باشلاندى
يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەردىكى ئويناش ئۇسۇلىغا يەنە بىر يېڭىلىق قوشۇلدى
12- ئاينىڭ 10- كۈنى
2024- يىللىق شىنجاڭ ئىللىق قار بايرىمى
ھەم ئىلى موڭغۇلكۈرە تۇلپار قار- مۇز ساياھەت پەسلى تونۇشتۇرۇش يىغىنى
ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى
شىنجاڭنىڭ قىشلىق ئويناش ئۇسۇلىغا يەنە يېڭىلىق قوشۇلدى
ئىلى موڭغۇلكۈرە تۇلپار قار- مۇز ساياھەت پەسلى
12- ئاينىڭ 28- كۈنى
موڭغۇلكۈرە سۇلۇق يەر باغچىسى مەنزىرە رايونىدا باشلىنىدۇ
موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇزاق قىش پەسلى 11- ئايدىن كېيىنكى يىلى 4- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە داۋاملىشىدۇ، «قار پەسلى بالدۇر، قار مەزگىلى ئۇزاق، قار سۈپىتى ياخشى، چۈشۈش پەرقى چوڭ، قار يولى ئۇزۇن، شامال كۈچى ئاجىز، تېمپېراتۇرىسى مۇۋاپىق، ھېس قىلدۇرۇش تۇيغۇسى ياخشى، ئېكولوگىيەسى ياخشى، مۇھىتى گۈزەل» بولۇشتەك ئون چوڭ ئالاھىدىلىك يۇغۇرۇلغان، ئۇ جۇڭگودىكى ئەڭ ئەلا سۈپەتلىك تەبىئىي قار تېيىلىش رايونلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك ئورنى ۋە كىلىمات شارائىتى ئاز ئۇچرايدىغان قار- مۇز ئىستىراھىتى ۋە قار- مۇز تەنھەرىكىتى مۇھىتىنى شەكىللەندۈرگەن.
«موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ قار- مۇز بايلىقى ناھايىتى مول، بىز ئالدىنقى مەزگىلدە نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغانىدۇق، بۇ يىل ساياھەت كوپىراتىپىمىز تەتقىقات- ئۆگىنىش ساياھىتى سالمىقىنى زورايتىپ، بالىلارنى موڭغۇلكۈرەدىكى قار- مۇزنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى ھېس قىلىشقا يېتەكلەيمىز»، دېدى شىنجاڭ خۇاشيا خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى سۈن يۆ.
شىنجاڭدا بۇ قىشتا
ئويناش ئۇسۇللىرى چوقۇم ئاددىي ئەمەس
يەنە نېمىگە ئىككىلىنىسىز؟
ھازىرلا يولغا چىقىڭ
پايدىلانغان مەنبە: «شىنجاڭ ياخشى جاي» ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى