ئەگەر كەچتە ياخشى ئارام ئالالمىسىڭىز، ئىككىنچى كۈنى توختىماي ئەسنەپ كېتىشىڭىز مۇمكىن.
بىز دائىم ئەسنەشنى ھېرىش، چارچاش بىلەن باغلىۋالىمىز، لېكىن بىر ئادەم ھەمىشە توختىماي ئەسنىسە، بۇ «ئۇيقۇسى كېلىش»تەك بۇنداق ئاددىي ئىش ئەمەس، بەزى ئەسنەشلەر كېسەللىك سىگنالى بولۇشى مۇمكىن.
ئادەم نېمىشقا ئەسنەيدۇ؟
ئادەم بەدىنى سۈمۈرىدىغان ئوكسىگېن ئاساسلىقى نەپەسلىنىش سىستېمىسى ئارقىلىق ئۆپكە پۈۋەكچىلىرى ئىچىدە قاندىكى ئوكسىگېن ئالماشتۇرۇشنى ئېلىپ بارىدۇ، قانغا كىرىپ قىزىل قان ئاقسىلى بىلەن بىرىكىپ ئوكسىگېن بىرىكمە قىزىل قان ئاقسىلىنى ھاسىل قىلىپ، پۈتۈن بەدەندىكى ھەرقايسى توقۇلمىلارغا يەتكۈزۈلىدۇ.
ھەر خىل ئەھۋاللار ئوكسىگېننىڭ تەمىنلىنىشى ياكى پايدىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، مېڭە توقۇلمىلىرىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش ئېھتىياجىنىڭ ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەسىگە يېتەلمىگەندە، مېڭىدە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك كېلىپ چىقىدۇ. سىرتقى دۇنيا، فىزىيولوگىيەلىك ۋە پاتولوگىيەلىك ئامىللارنىڭ ھەممىسى قاندىكى ئوكسىگېن مىقدارىنىڭ يېتىشمەسلىكىنى، كاربون (Ⅳ) ئوكسىدىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
قاندىكى كاربون (Ⅳ) ئوكسىد نورمال قىممەتتىن يۇقىرى بولسا، نەپەسلىنىش مەركىزىنى غىدىقلاپ، ئادەمدە چوڭقۇر نەپەسلىنىش ھەرىكىتى بولغان ئەسنەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قاندىكى ئوكسىگېننى تېخىمۇ كۆپەيتىپ، كاربون (Ⅳ) ئوكسىدنى تېخىمۇ كۆپ چىقىرىپ تاشلايدۇ.
فىزىيولوگىيەلىك ئامىللار
جىددىيلىشىش، چارچاش، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش، كېچىدە ئۇخلىماسلىق، ئۇزاق مۇددەت ئەقلىي ئەمگەك قىلىش قاتارلىق ساغلام بولمىغان تۇرمۇش ئۇسۇللىرى چوڭ مېڭىنىڭ ئوكسىگېن سەرپىياتىنى ئاشۇرۇپ، فىزىيولوگىيەلىك مېڭىدە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكنى پەيدا قىلىپ، ئەسنەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
مۇھىت ئامىلى
ئىشىك- دېرىزىلەر ھىم ئېتىلگەن مۇھىت ياكى ئۆي ئىچىدە ھاۋا ئالماشتۇرۇش يېتەرلىك بولمىسا ئۆي ئىچىدە تۇرغان ئادەمنىڭ مېڭىسىدە ئوكسىگېن يېتىشمەي، ئاسانلا چارچاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئەسنىتىدۇ. مەسىلەن قاۋاقخانا، تورخانا، بازار، ئاممىۋى ئاپتوبۇس قاتارلىق ئادەملەر كۆپ مەيدان- سورۇندا.
دورا تەسىرى
بەزى دورىلار، مەسىلەن، خامۇشلۇققا قارشى دورىلار، تەشۋىشلىنىشكە قارشى دورىلار، زىيادە سەزگۈرلۈكنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدىغان گىستامىنغا قارشى دورىلار، شۇنداقلا بىر قىسىم ئاغرىق توختىتىش دورىلىرى قاتارلىقلارمۇ ئادەمنى توختىماي ئەسنىتىشى مۇمكىن.
كۆپ ئەسنەش كېسەللىكنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن
ئەگەر بىر ئادەم ھەمىشە ھارغىنلىق ھېس قىلىپ، توختىماي ئەسنىسە، چوقۇم ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈشى كېرەك، بۇ تۆۋەندىكى كېسەللىكلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.
مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى
مېڭىگە قان چۈشۈش، مېڭە تىقىلمىسى مېڭە ھۈجەيرىلىرىگە قان يېتىشمەسلىك، ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، ئىپادىسى مېڭە ئىقتىدارى زىيانغا ئۇچراش، يارتا پالەچ، يارتا بەدەن سېزىمى توسالغۇغا ئۇچراش، سۆزلىيەلمەسلىك، يارتا قارىغۇلۇق قاتارلىق كىلىنىكىلىق ئالاھىدىلىكلەر كۆرۈلىدۇ، يەنە دائىم ئەسنەش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.
ئۇخلىغاندا نەپەس ۋاقتىنچە توختاش يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى
كېچىدە ئۇخلىغاندا خورەك تارتىپ نەپەس توختاش، كۈندۈزى مۈگدەش، دائىم ئەسنەش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
نەپەس ۋاقىتلىق توختاپ قېلىش سەۋەبىدىن تەكرار قوزغىلىدىغان كېچىدە تۆۋەن ئوكسىگېنلىق ۋە يۇقىرى كاربوناتلىق قان كېسىلى يۇقىرى قان بېسىم، تاجسىمان يۈرەك كېسىلى، دىيابېت كېسىلى ۋە مېڭە قان تومۇر كېسىلى قاتارلىق ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا كېچىدە تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
يۈرەك كېسىلى
يۈرەك كېسىلىدە كىشىلەر ئادەتتە كۆپ ئەسنىمەيدۇ، لېكىن كېسەللىك ئەھۋالى يامانلىشىپ كەتسە، ئەسنەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
مەسىلەن، كېڭىيىش تىپلىق يۈرەك مۇسكۇلى كېسەللىكىدە يۈرەك زەئىپلىشىش جىددىي قوزغالغاندا، قان بېسىمى تۆۋەنلەش، قان يېتىشمەسلىك، ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك كۆرۈلۈپ، دائىم ئەسنەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بويۇن ئومۇرتقىسى كېسەللىكى
بويۇن ئومۇرتقىسىدا چوڭ مېڭىنى قاندىكى ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلەيدىغان بويۇن ئارتېرىيەسى ۋە بىر قىسىم نېرۋىلار بولىدۇ، ئەگەر بويۇن ئومۇرتقىسىدا مەسىلە كۆرۈلسە، مەسىلەن ئارتۇقچە ئۆسۈپ قېلىش ئەھۋالىدا قان بىلەن تەمىنلەش تەسىرگە ئۇچراپ، ئاسانلا ئەسنەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.