لى مۇشى: ياشلىق باھارى مەڭگۈ ئۇرغۇپ تۇرغۇسى
22:19:21 2024-12-15 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 بۇ جايدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئۈرۈمچىلىكلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، خۇڭسەن ئايلانمىسىنى، شۇنداقلا ئايلانما يېنىدىكى ئىلگىرىكى شىنجاڭ گېزىتخانىسىنى بىلمەيدىغانلار بولمىسا كېرەك. ئۇزاقتىن بۇيان، بۇ جاي ئۈرۈمچىدىكى داڭلىق يەر بەلگىسىنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن.
 كۆپ يىللار ئىلگىرى، مەن شىنجاڭ گېزىتى تور بېكىتىنىڭ مۇھەررىرى ئىدىم، بۇ جايدا قىسقىغىنا ئىككى يىل ئىشلىگەن بولساممۇ، بۇ جەرياندا شىنجاڭ گېزىتىنىڭ نوپۇزى، ئەستايىدىللىقى ۋە ئېھتىياتچانلىقىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدىم. ئاشۇ ۋاقىتلاردا، مەن مۇھەررىرلىك خىزمىتىنى قىلىش بىلەنلا توختاپ قالماي، بەلكى ئىجتىمائىي خەۋەرلەر ئوبزورى ئىجادىيىتىگە پائال قاتنىشىپ، «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ ئوبزور بېتىدە نۇرغۇن ماقالە ئېلان قىلدىم، بۇ، مېنىڭ ھازىرقى سېنارىست بولۇش ھاياتىمغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ھەقىقەتەن ئاز ئۇچرايدىغان قىممەتلىك كەچۈرمىش ھېسابلىنىدۇ.

 كېيىنچە، تەجرىبەمنىڭ ئۈزلۈكسىز بېيىشىغا ئەگىشىپ، مەن كىنو سېنارىستى بولدۇم، لېكىن ھازىرغىچە ھەر كۈنى «شىنجاڭ گېزىتى»نى ئوقۇش ئادىتىمنى ئۆزگەرتمىدىم، ھەتتا نۇرغۇن چاغلاردا بۇ خەۋەرلەر ماڭا ئىجادىيەت ئىلھامى بەردى. فىلىم تەشۋىقات خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجى بىلەن مەن دائىم شىنجاڭ گېزىتىنىڭ مۇخبىرلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ ئالاقىلىشىپ تۇرۇۋاتىمەن، ئۇلار زىيارەت قىلىپ يازغان شىنجاڭنىڭ كىنوچىلىقىغا ئالاقىدار خەۋەرلەرنىڭ ھەممىسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىمەن ۋە تەسىراتقا ئىگە بولىمەن.

 مېنى تەسىرلەندۈرگىنى شۇكى، ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرىنىڭ ھەربىر قېتىملىق زىيارەتكە تولىمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىدۇر، بۇ خىل كەسىپنى قەدىرلەيدىغان ۋە كەسپىي ئاخبارات ساپاسى يەنە ئىزچىل مېنىڭ قەلبىمدىكى «شىنجاڭ گېزىتىنىڭ بەلگىسى» ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن: «قاناتلانغان ناخشا ئاۋازى» «كوئىنلۇندىكى قېرىنداشلار» «تەكلىماكاندىكى ناغرا ساداسى» قاتارلىق كىنولارنى سۈرەتكە ئېلىش ۋە قويۇشتا، ئۇلار ئېكراننىڭ ئالدى ۋە ئارقىسىدىكى نۇرغۇن ھېكايىلەرنى قېزىپ چىقىپ، سۈرەت، يېزىق، سىن قاتارلىق كۆپ خىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق گەۋدىلەندۈرۈپ، بۇ كىنولار ۋە ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى ھېكايىلەرنى ئوقۇرمەنلەر ۋە تورداشلارغا ئومۇميۈزلۈك، تەپسىلىي ۋە ئېنىق قىلىپ تەسىرلىك نامايان قىلىپ بەردى.

 بۇ يىل يازدا، مەن فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسى بىلەن قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە «بازاردىكى خۇشاللىق» ناملىق فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىۋاتقاندا، ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسىدىكىلەرنى يوقلىغاچ زىيارەت قىلغىلى كەلدى، مەندە شۇ ھامان «ئۆز ئادەملىرىمىز»كەپتۇ، دېگەن تۇيغۇ پەيدا بولدى ھەم ئۇلار بىلەن بىللە زىيارەت قىلىش مۇھىم نۇقتىسى توغرىسىدا مۇزاكىرىلىشىپ، ئاساسلىق ئىجادىيەتچى بىلەن ئالاقىلىشىشكە ياردەم بېرىپ، زىيارەتكە قولايلىق يارىتىپ بەردىم... شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى سوئال سورىغاندا، ھەربىر جۈملىسى ناھايىتى مېغىزلىق بولۇپ، زىيارەت قىلىنغۇچىنىڭ ئىپادىلەش ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتۇپ، زىيارەت قىلىنغۇچى بىلەن بولغان ئارىلىقنى ناھايىتى تېز سۈرئەتتە يېقىنلاشتۇرىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن زىيارەت قىلىنغۇچىلار ئۆزى ئىگىلىگەن ئاچقۇچلۇق ئۇچۇرلارنى سۆزلەپ بېرىدىكەن، مەن ئىنتايىن قايىل بولدۇم.

 بۇ قېتىمقى زىيارەتكە ئالاقىدار خەۋەر ناھايىتى تېزلا گېزىتكە بېرىلىدى، سۈرەتكە ئېلىش نەق مەيدانىدىكى ھەقىقىي كۆرۈنۈشلەر مول، دەل جايىدا، راۋان، ئېنىق، تەسىرلىك قىلىپ ئەسلىي بويىچە ئىپادىلەنگەنىدى. ھەقىقەتەن مەيلى قانچىلىغان يىللارنىڭ ئۆتۈشىدىن قەتئىينەزەر، شىنجاڭ گېزىتىدىكىلەرنىڭ قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئاخبارات كەسپىي ساپاسى باشتىن -  ئاخىر تومۇرداش بولۇپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ كەلمەكتە.

 شىنجاڭ گېزىتىنىڭ نەشر قىلىنغانلىقىغا 75 يىل بولغان كاتتا خۇشاللىنارلىق كۈنلەرنى كۈتۈۋالغانلىقىنى ئاڭلاپ، خۇشال بولۇش بىلەن بىللە تېخىمۇ ھاياجانلاندىم. 75 يىل بىر كىشىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا بەلكىم بىر ئۆمۈر ھېسابلىنىشى مۇمكىن، ئەمما ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان، كۈنسېرى يېڭىلىنىۋاتقان گېزىتچىلىك گۇرۇھىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا دەل ياشلىق باھارى ئۇرغۇپ تۇرغان دەۋر ھېسابلىنىدۇ. شىنجاڭ گېزىتى 75 يىللىق مۇساپىدە، قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ قەتئىي ئالغا ئىلگىرىلەپ، «قوغۇشۇن ۋە ئوت» بىلەن خوشلىشىپ، «نۇر ۋە ئېلېكتىر»نى باشتىن كەچۈرۈپ، «رەقەم ۋە تور»غا قۇچاق ئېچىپ، «بۇلۇت ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش»قا قاراپ ئىلگىرىلەپ، باشتىن- ئاخىر «دەۋر بىلەن قەدەمداش بولۇش، ئوقۇرمەنلەر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش» ئىدىيەسىگە ئەمەل قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھپىسىنى ئۈزلۈكسىز پۈتمەكتە.

 بۇ يەردە، مەن ئۇنىڭغا مۇنداق سەمىمىي تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن: شىنجاڭ گېزىتىنىڭ كۈنسېرى يۈكسىلىپ، ياشلىق باھارىنىڭ مەڭگۈ ئۇرغۇپ، مەيلى ياڭزىجياڭ يولى 1- نومۇردا بولسۇن ياكى ھازىرقى خۇڭيۈەن شىمالىي يولى 500- نومۇردا بولسۇن، ھەممىسىدە ئوقۇرمەنلەر قەلبىدىكى مەڭگۈلۈك «يەر بەلگىسى»گە ئايلىنىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن!
 (ئاپتور جۇڭگو كىنوچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، تىيانشان كىنو ئىستۇدىيەسى كىنو-  تېلېۋىزىيە ئىجادىيەت مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125