− مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا
خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى
12- ئاينىڭ 11- كۈنىدىن 12- كۈنىگىچە، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزنى مۇھىم قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.
بىر يىلدىن بۇيان، بىزنىڭ تەرەققىيات مۇساپىمىز ناھايىتى ئالاھىدە بولدى، تاشقى قىسىمدا بېسىم زورىيىۋاتقان، ئىچكى قىسىمدا قىيىنچىلىق كۆپىيىۋاتقان مۇرەككەپ، كەسكىن ۋەزىيەت ئالدىدا، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، ئالدىنقى مەزگىلدە يۇقىرى بولۇش، ئوتتۇرا مەزگىلدە تۆۋەن بولۇش، ئاخىرقى مەزگىلدە ئۆرلەش ۋەزىيىتى نامايان بولدى، بۇ تەستە قولغا كەلگەن، كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ.
توپلاشتۇرۇلغان توك يولى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، كىۋانت پەن- تېخنىكىسى قاتارلىق پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا مۇھىم ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشتىن تارتىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش ۋە رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىشقىچە، يەنە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ يىللىق مەھسۇلات مىقدارى تۇنجى قېتىم 10 مىليوندىن ئېشىش، ئاشلىق ھوسۇلى تۇنجى قېتىم 1 تىرىليون 400 مىليارد جىڭدىن ئېشىشقىچە... يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى مۇھىم تىرەك بىلەن تەمىنلىدى، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى ئاساسلىق نىشان- ۋەزىپىلەر پات ئارىدا ئوڭۇشلۇق تاماملىنىدۇ. پۈتكۈل يەرشارىغا نەزەر سالساق، دۆلىتىمىز يەنىلا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى مۇھىم موتور بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشىغا تېخىمۇ كۆپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە ئېنىقلىق قوشتى.
بولۇپمۇ 2-، 3- پەسىلدە تۆۋەنلەش بېسىمىنىڭ زورىيىشى، ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەرنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشى ئالدىدا، 9- ئاينىڭ 26- كۈنى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا بىر قاتار ئاشۇرۇلما مىقدار سىياسەتلىرى كەسكىن ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، جەمئىيەت ئىشەنچىنى ئۈنۈملۈك ئۇرغۇتتى، ئىقتىساد كۆرۈنەرلىك قايتا ئۆرلىدى ھەم پۈتۈن يىللىق نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلدى، شۇنداقلا كېلەر يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا ياخشى ئاساس سېلىندى. بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھۆكۈمىنىڭ دەل جايىدا بولغانلىقى، تەدبىر بەلگىلىشىنىڭ كەسكىن بولغانلىقى، ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ كۈچلۈك بولغانلىقى، تەدبىرىنىڭ ئۈنۈملۈك بولغانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلاپ، پارتىيەمىزنىڭ ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن ۋاقتىدا، ئىلمىي، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، سىياسەتلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەمتۈرتكە بولۇشقا، سىياسەت «بىرىكمە تەدبىرى»نى شەكىللەندۈرۈپ مەركەزلىك كۈچەشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى. تارىخىي مۇساپىدىن قارىغاندا، بۇ قېتىمقى يىغىن ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.
«بوران- چاپقۇن ئالدىدا تەمكىن تۇرۇش». بىر يىلدىن بۇيانقى تەرەققىيات نەتىجىلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان ۋەزىيەتتە ئىقتىساد خىزمىتىنى تىزگىنلەشتىكى ئەقىل- پاراسىتى ۋە ئىقتىدارىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈردى. بۇ قېتىمقى يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكى ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۈپ كاپالىتى، ئاچقۇچلۇق پەيت، مۇھىم تۈگۈنلەردە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋەزىيەتكە دەل ۋاقتىدا ھۆكۈم قىلىپ، تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چىقىرىپ، دۆلىتىمىز ئىقتىساد پاراخوتىنىڭ دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلىشى، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.» بۇ، يېڭى دەۋردىن بۇيان پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ئەمەلىيىتىنىڭ مۇپەسسەل يىغىنچاقلىشى، مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممەيلەننىڭ يۈكسەك ئورتاق تونۇشى.
بۇ قېتىمقى مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا زور مىقداردا سىياسەت پايدىسى قويۇپ بېرىلىپ، جەمئىيەت كۆزلىمىسى كۈچلۈك مۇقىملاشتۇرۇلدى، بازار ئىشەنچى ئۇرغۇتۇلدى. تۇنجى قېتىم تېخىمۇ ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «ئىككى مۇھىم» تۈر ۋە «ئىككى يېڭى» سىياسەتنى يولغا قويۇشقا سىجىل مەدەت بېرىپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش، زاپاس كۈچنى ئاشۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشتىن، 14 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم مۇۋاپىق كەڭ قويۇۋېتىلگەن پۇل سىياسىتىگە يۈزلىنىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى قوللاشنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكىچە؛ ئىستېمالنى زور كۈچ بىلەن جانلاندۇرۇپ، ئوتتۇراھال، تۆۋەن كىرىملىك كىشىلەر توپىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، يۈكىنى يېنىكلىتىشكە تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ زور سالماق بىلەن جەمئىيەت كاپىتالىنى ئىگىلىك تىكلەش، مەبلەغ سېلىشقا قاتنىشىشقا جەلپ قىلىشتىن، ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك مەبلەغنىڭ بازارغا كىرىشىدىكى بوغۇق نۇقتا، توسۇق نۇقتىلارنى راۋانلاشتۇرۇپ، مۇتلەق ۋە ياخشىلاش خاراكتېرلىك تۇرالغۇ ئېھتىياجىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قويۇپ بېرىپ، نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق كەسىپ، شەھەر- يېزىلاردىكى ئاساسىي قاتلام ۋە ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلاردا ئىشقا ئورۇنلىشىشنى قوللاش پىلانىنى يولغا قويۇشقىچە... مەيلى سىياسەت يۈزلىنىشى ياكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر بولسۇن، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ قىممىتى، ئاساسىي مەقسىتى ئىنتايىن ئېنىق، ئۇ بولسىمۇ ئىقتىسادنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت.
سىياسەت يۈزلىنىشىدىن قارىغاندا، مۇۋاپىق كەڭ قويۇۋېتىلگەن پۇل سىياسىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىلدى. پۇل سىياسىتى باش رىتىمى «مۇقىم، ساغلام» بولۇشتىن «مۇۋاپىق كەڭ قويۇۋېتىش»كە تەڭشىلىپ، 14 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئاكتىپ، ئېنىق سىگنال تارقىتىلدى. «مۇۋاپىق پەيتتە ئۆلچەمنى، ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىش» يۆتكىلىشچانلىقىنىڭ يېتەرلىك بولۇشىنى ساقلاپ، جەمئىيەتنىڭ ئۇنىۋېرسال مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن بولۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، ئىناۋەتلىك قەرزنىڭ ئېشىشىنى تېزلىتىپ، دۆلەت ئىچى ئېھتىياجىنى كېڭەيتىشنى قوللاش ئۈچۈندۇر. پۇل مۇئامىلە قورالىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىي بانكىنىڭ ماكرو جەھەتتە ئېھتىياتچان بولۇش ۋە پۇل مۇئامىلىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ مۇقىملىقىنى تېخىمۇ ياخشى قوغدايدۇ. پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى «بەش چوڭ ئىش»نى ياخشى قىلىشقا يېتەكلەش ۋە ئۇنىڭغا مەدەت بېرىش، بولۇپمۇ پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، يېشىل تەرەققىيات، ئىستېمال پۇل مۇئامىلىسى قاتارلىقلارنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىش قاراتمىلىق بولۇش، دەل جايىدا بولۇشنى تېخىمۇ نامايان قىلىدۇ.
نۇقتىلىق ۋەزىپىلەردىن قارىغاندا، «ئىستېمالنى زور كۈچ بىلەن جانلاندۇرۇش» ئىستېمالنىڭ ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىلگەنلىكىنى نامايان قىلدى. دۆلىتىمىزنىڭ ئىستېمال بوشلۇقى كەڭ، يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور. ئىستېمالنى جانلاندۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، «ئىككىنى يېڭىلاش» سىياسىتىنى يولغا قويۇشنىڭ دائىرىسىنى كۈچەپ كېڭەيتىپ، كۆپ خىللاشقان ئىستېمال ھالىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ، مەدەنىيەت- ساياھەت قاتارلىق مۇلازىمەت ئىستېمالىنى كېڭەيتىش يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دۆلىتىمىزنىڭ ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىدۇ. مەسىلەن، دۆلىتىمىزدە 60 ياشتىن ئاشقان نوپۇس 300 مىليونغا يېقىنلاشتى، پېنسىيەگە چىققان خادىملارنىڭ ئاساسىي ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلى ۋە شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلىنى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈپ، ياشانغانلارغا لايىقلاشقان تېخىمۇ كۆپ مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، ياشانغانلار ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرىدۇ، بۇ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشتىكى مۇھىم تەرەپ.
كېلەر يىلى «14- بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى زور. بىز ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىش قىلىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشەنچىمىزنى ئاشۇرۇپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئاكتىپ ئامىللارنى تەرەققىيات ئەمەلىي نەتىجىسىگە ئايلاندۇرساقلا، چوقۇم «14- بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان- ۋەزىپىلەرنى يۇقىرى سۈپەتتە تاماملاپ، «15- بەش يىل»نى ياخشى باشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالالايمىز.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12- ئاينىڭ 14- كۈنى تېلېگراممىسى)