مۇ جىخۇي
سەھەردىكى قۇياش نۇرى قىزىمنىڭ بۇدرۇققىنە مەڭزىگە چۈشتى، ئۇ قاپقارا ئىككى كۆزىنى مۆلدۈرلەتكىنىچە مۈرەمگە يۆلىنىپ تۇراتتى، مەن ئۇنىڭ ئوماق تۇرقىغا قاراپ ئىختىيارسىز يۈرىكىمنى جىغىلداتقان ئاشۇ ئىشنى ئەسلەپ قالدىم.
ئۇ بىر جىمجىت چۈشتىن كېيىن ئىدى، مەن بىر خالتا بالىلار سۈت تابلىتكىسى سېتىۋالدىم. ئۇ چاغدا تۇنجى قېتىم ئانا بولۇشۇم بولغاچقا، بالىلارنىڭ يېمەك- ئىچمىكى جەھەتتە ئانچە تەجرىبىلىك ئەمەس ئىدىم. مەن خالتىدىن ئاستاغىنا بىر پارچىسىنى چىقاردىم، ئۇ يۇمران ئاغزىنى يوغان ئېچىپ، سۈت تابلىتكىسىنى بىراقلا ئاغزىغا سېلىۋالدى. مەن ئۇنىڭ يېڭى تەمنى تېتىۋالغاندىن كېيىن ئوڭ- سولغا گىلدىڭلاتقان كىچىككىنە بېشىغا قاراپ، ئۆزۈمنى تۇتالماي ئۇنى قۇچاقلاپ يۈز- كۆزلىرىگە سۆيۈپ كەتتىم.
تۇيۇقسىز، قىزىمنىڭ چىرايى بىر قىسما بولۇپ قالدى، ئۇ قولى بىلەن بوينىنى سىلايتتى، ئاپئاق يۈزلىرىمۇ قىزىرىپ كەتتى، مەن دەرھال ئۇنى كۆتۈرۈپ قارىدىم، كىچىككىنە سۈت تابلىتكىسى ئۇنىڭ گېلىغا تۇرۇپ قالغانىدى. داداممۇ قىزىمدىكى غەيرىيلىكنى بايقاپ، ئالاقزادىلىك ئىچىدە قولى بىلەن كوچىلاشقا ئۇرۇندى، سۈت تابلىتكىسى بارغانسېرى قاتتىق تۇرۇپ قالدى، قىزىمنىڭ كۆزىدىن تاراملاپ ياش تۆكۈلۈپ، ئازابلىنىپ ئىڭراشقا باشلىدى. ئۇنىڭ يۈزىنىڭ بارغانسېرى قىزىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، دەرھال دادامنى توستۇم. مەن ئۇنى قۇچاقلىغان پېتى ساراڭلارچە سىرتقا يۈگۈردۈم، بىر تەرەپتىن دادامغا دوختۇرخانا بىلەن ئالاقىلىشىشنى ئېيتقاچ، يەنە بىر تەرەپتىن بىر نەچچە قوشنىمىزنىڭ ئىشىكىنى چېكىپ، كىمنىڭ جىددىي قۇتقۇزالايدىغانلىقىنى سورىدىم. قوشنىلارنىڭ ھەممىسى ئامالسىز قالدى، مەن پۇتى كۆيگەن توخۇدەك تىپىرلاپ كېتىۋاتاتتىم. قىزىمنىڭ يۈزى كۆكىرىشكە باشلىدى، قىزىمنى كۆتۈرۈپ تۇرغان مېنىڭ كاللام قۇپقۇرۇق بولۇپ قالدى.
بۇ چاغدا بىر ئوغۇل بالىنىڭ قولىدىن تۇتۇپ تۇرغان قوشنام ئارىدىن چىقىپ: «مەن بىلىمەن، مەن قىلاي!» دېدى.
ئاددىي بۇ ئىككى ئېغىز گەپ ماڭا خۇددى چوڭقۇر ھاڭنىڭ تېگىدە يورۇقلۇقنى كۆرسەتكەندەك بولدى.
كۆپچىلىك دەرھال بالامنى ئۇنىڭ يېنىغا ئاپىرىشىپ بەردى، ھېلىقى قوشنام ئاۋايلاپ قىزىمنى ئېلىپ، ئۇنى كەينىدىن كۆتۈرۈپ، قولى بىلەن ئېڭىكىنى تۇتۇپ تۇردى. ئۇنىڭ ئۆلچەملىك ھەرىكەت ئىشلىشى بىلەن، قىزىم تاققىدە قىلىپ سۈت تابلىتكىسىنى قۇسۇپ چىقاردى. تۈرلۈك كەيپىياتلارنىڭ ئىسكەنجىسىدە تىترەك بېسىپ كەتكەن مەن يەرگە لاسسىدە ئولتۇرۇپلا قالدىم. بىر چەتتە ئوخشاشلا تىتىلداپ تۇرغان قوشنىلارمۇ خۇشاللىقىدىن چاۋاك چېلىشىپ كەتتى. مەن ئۆكسۈپ يىغلاپ تۇرۇپ قوشنامغا رەھمەت ئېيتتىم، ئۇ قولىنى پۇلاڭلىتىپ: «كىچىككىنە بىر ئىش، ئىدارىدە تەربىيەلىنىپ باققان. كېلەر قېتىم ئېھتىيات قىلىڭ»، دېدى.
ئۇنىڭ يىراقلاپ كېتىۋاتقان سىيماسىغا، ئاندىن تېخىچە قورقۇنچى بېسىلمىغان قىزىمغا قاراپ، يۈزى ياش يۇقى بولۇپ كەتكەن قىزىمنى قايتىدىن كۆتۈردۈم، ئۇ بېشىنى مەيدەمگە قويۇۋالدى، مەن چوڭقۇر تىنىپ، بۇ ھاياتنىڭ ۋەزنىنى ھېس قىلدىم.
ھازىر قىزىم ئىككى ياشقا كىرەي دەپ قالدى، تىلى چىقىۋاتىدۇ، ھەر قېتىم ئۇنىڭ سەبىي چىرايىغا قارىغىنىمدا، «مەن بىلىمەن، مەن قىلاي!» دېگەن ئاۋازنى ئەسلەپ قالىمەن، مېنىڭچە، قىزىم ئاستا- ئاستا غەرەز ئۇققۇدەك بولغاندىن كېيىن، مەن ئۇنىڭغا بۇ ئالاھىدە «كىچىك ئىش»نى سۆزلەپ بېرىمەن، شۇنداقلا ئۇنىڭ بۇ ئىللىقلىقنى داۋاملاشتۇرۇپ، باشقىلار ئېھتىياجلىق بولغاندا: «مەن بىلىمەن، مەن قىلاي!» دېيىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
(ئاپتورنىڭ ئادرېسى: ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى شىڭئەن ئايمىقى خورچىن ئوڭ قانات ئالدى خوشۇنى يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)
پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)