بىر كۈنى ئەتىگەن سائەت 5تە، مەخسۇس ئاپتوموبىل چاقىرتىپ ئايرودۇرۇمغا بارماقچى بولدۇم. شوپۇرنىڭ چېھرىدىن كۈلكە يېغىپ تۇراتتى، مەخسۇس ئاپتوموبىل شوپۇرلىرىنىڭ ئادەتتىكى سوغۇقراق مۇئامىلىسىگە سېلىشتۇرغاندا، بۇ شوپۇرنىڭ چېھرى تولىمۇ يېقىملىق كۆرۈندى.
«كىرىمىڭىز چوقۇم خېلى يۇقىرىغۇ دەيمەن؟» دەپ سورىدىم ئۇنىڭدىن. «يامان ئەمەس»، دېدى ئۇ. «ئۇنداقتا چوقۇم بەك كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىسىزغۇ دەيمەن؟»، دەپ سورىدىم يەنە. ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ: «باشقىلارغا ئوخشاش تىرىشچانلىق كۆرسىتەلمىدىم، ئۇلار 12 سائەت ئىشلەيدۇ. مەن سەككىز- توققۇز سائەتلا ئىشلەيمەن، ئەتىگەن سائەت 5تىن سائەت 9غىچە ئىشلىگەندىن كېيىن، سائەت 9 بولۇشى ھامان ئۆيگە قايتىپ ئۇخلاپ، سائەت 12دە ئورنۇمدىن تۇرىمەن، چۈشتىن كېيىن دوستلىرىم بىلەن كۆرۈشۈپ بىللە چاي ئىچىمىز، كەچتە تاماق يەپ بولۇپ سائەت يەتتە- سەككىزدىن سائەت 12 گىچە ئىشلەيمەن».
«سىز نېمىشقا بۇ ۋاقىت بۆلىكىنى تاللىدىڭىز؟»، دەپ سورىدىم ئۇنىڭدىن. «بىرىنچىدىن، مۇشۇ ئىككى ۋاقىت بۆلىكىدە قاتنىغانلارغا شىركەت ياردەم پۇلى بېرىدۇ، ئىككىنچىدىن، مەن قاتناش ئەڭ قىستاڭچىلىق مەزگىلىدە ئاپتوموبىل ھەيدىمەيمەن. بۇنداق بولغاندا، ئۇيقۇمنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، يەنە شەخسىي كۆڭۈل ئېچىشقىمۇ ۋاقىت ئاجرىتالايدىكەنمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە يول راۋان بولغاچقا كەيپىياتىم ياخشى بولىدىكەن ھەم پۇل تاپالايدىكەنمەن، سىزنىڭچە مەن بەك ئەقىللىقمىكەنمەن؟»، دېدى ئۇ. «سىز ھەقىقەتەن مەن ئۇچراتقان ئەڭ ئەقىللىق شوپۇر ئىكەنسىز جۇمۇ»، دېدىم ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ كۈلۈپ تۇرۇپ.
شۇ كۈنى ئايرودۇرۇمغا بارغۇچە يولبويى گۈزەل مەنزىرىلەرنى كۆرۈپ، روھىي ھالىتىم ئىختىيارسىز جانلىنىپ كەتتى. شۇنداق، «دونكىخوت» ناملىق روماندىكى سانچو زىياپەت ئۈستىلىدىكى ئەزىز مېھمانلار ئورنىدا مۇلايىم، ئەدەپ-قائىدە بىلەن ئولتۇرۇشنى، جۈملىدىن ئۆرپ- ئادەت چەكلىمىسى سەۋەبىدىن بارلىق زېھنىنى خورىتىۋېتىشنى پەقەتلا خالىمايدۇ. ئەكسىچە، ئۇ زالنىڭ بۇلۇڭىدا بەھۇزۇر ئولتۇرۇپ ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان بولكا بىلەن سۇڭپىياز يېيىشنى بەكرەك ئارزۇلايدۇ. باشقىلارنىڭ نام- مەنپەئەت قوغلىشىۋاتقان ھاياتىغا سوغۇققانلىق بىلەن نەزەر سېلىش ئۆزگىچە بىر مۇكەممەللىك ۋە تەمكىنلىكنىڭ ئىپادىسى، بۇ دۇنيادىكى نام- مەنپەئەت قوغلىشىدىغان سانسىزلىغان نادانلارنىڭ ئەخمىقانە ئىشلىرىدىن كۆپ ئەۋزەل.