ئۈرۈمچى شەھىرى ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىستېمال بازىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى سىجىل ئۇرغۇتۇپ، سىياسەتتىن نەپ ئېلىش دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى، بۇنىڭ بىلەن ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنى كۆتۈرۈلدى.
مۇخبىرنىڭ 12- ئاينىڭ 13- كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، پۈتۈن شەھەر بويىچە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم پۇلى پائالىيىتىنىڭ ئاخىرلىشىش ۋاقتى 2024- يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە ئىكەن. ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئىستېمالچىلار 12- ئاينىڭ 31- كۈنىدىن بۇرۇن ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم پۇلىنى ئىلتىماس قىلىپ ئېلىشقا قاتناشسا بولىدىكەن.
بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتوموبىلنى بىراك قىلىش ياردەم پۇلىنى ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن، 12- ئاينىڭ 31- كۈنىدىن بۇرۇن (شۇ كۈننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئاپتوموبىلنى بىراك قىلىش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بولۇشى ۋە ئۇنىڭغا سېتىۋالغان يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ تالونىنى قوشۇپ، 2025- يىلى 1- ئاينىڭ 10- كۈنى سائەت 24:00تىن بۇرۇن ئىلتىماس سۇنۇشى كېرەككەن.
ئاپتوموبىلنى ئالماشتۇرۇش ياردەم پۇلىنى ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن، 2024- يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنى سائەت 24:00تىن بۇرۇن سېتىۋالغان يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ «موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى تىزىملىغانلىق ئىسپاتى»، «موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ يول يۈرۈش كىنىشكىسى»گە ئېرىشىشى كېرەككەن.
ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى دۆلەت ياردەم پۇلى، ئۆي بېزەش، ئاشخانا، ھاجەتخانىلارنى «يېڭىلاش»، توكلۇق ۋېلىسىپىت ياردەم پۇلىنى ئىلتىماس قىلىشتا شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىستېمالچىلار ياردەم پۇلى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا، تالون كېسىپ بېرىلگەن ۋاقىت 2024- يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنىدىن بۇرۇن (شۇ كۈننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بولۇشى، ئىلتىماسنى تاپشۇرۇش ۋاقتى 2024- يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنى سائەت 24:00تىن بۇرۇن بولۇشى كېرەككەن.
ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشنىڭ نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولدى. 12- ئاينىڭ 12- كۈنىگىچە پۈتۈن شەھەر بويىچە 4482 ئاپتوموبىلغا بىراك قىلىش، يېڭىلاش ياردەم پۇلى ئىلتىماسى، 15 مىڭ 101 ئاپتوموبىلغا ئالماشتۇرۇش، يېڭىلاش ياردەم پۇلى ئىلتىماسى، 101 مىڭ 841 ئائىلە ئېلېكتىر سايمىنىغا دۆلەت ياردەم پۇلى ئىلتىماسى، 46 مىڭ 694 ئائىلە ئېلېكتىر سايمىنىغا ئاپتونوم رايون ياردەم پۇلى ئىلتىماسى، 535 توكلۇق ۋېلىسىپىتقا ياردەم پۇلى ئىلتىماسى تاپشۇرۇلدى، ئۆي بېزەش، ئاشخانا، ھاجەتخانا ياردەم پۇلى ئىلتىماسىدىن 6958ى تاپشۇرۇلدى. تۈرلۈك ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش جەمئىي 3 مىليارد 400 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ئىستېمالغا تۈرتكە بولدى. (مۇخبىر گو لىڭ)