ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز شىنجاڭدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنىغا كەلگەن ئەزىز مېھمانلار بىلەن كۆرۈشتى
17:54:15 2024-12-16 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز شىنجاڭدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنىغا كەلگەن ئەزىز مېھمانلار بىلەن كۆرۈشتى

زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى

12- ئاينىڭ 15- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچىدە شىنجاڭدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىشقا كەلگەن جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك ئەزىز مېھمانلار بىلەن كۆرۈشتى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 12- ئاينىڭ 15- كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە شىنجاڭدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىشقا كەلگەن جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك ئەزىز مېھمانلار بىلەن كۆرۈشتى.

 ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ جۇ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

12- ئاينىڭ 15- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچىدە شىنجاڭدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىشقا كەلگەن جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك ئەزىز مېھمانلار بىلەن كۆرۈشتى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

  ما شىڭرۇي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن، ھەرقايسى ئەزىز مېھمانلارنىڭ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى، ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭغا كۆڭۈل بۆلۈپ، قوللاپ كېلىۋاتقان ھەر ساھە زاتلارغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى باشتىن- ئاخىر شىنجاڭغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، قوللاپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتىپ، شىنجاڭغا ئالاھىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى يۈكلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلدى. كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ بوشاشماس ئىنتىلىشى. شىنجاڭ جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات يولىنىڭ ئالتە ماددىلىق ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلىرىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى تەتبىقلاپ، شىنجاڭنىڭ رايون ئەھۋالى ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. بىز خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپ بىلىپ، «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى» ئىكەنلىكىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇپ، تىجارەت سۇبيېكتلىرىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ باراۋەر ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئۆز ئالدىغا كەسىپ تاللىشى، كىرىمنى مۇقىم ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ قاتلاملىق ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈردۇق. ئامېرىكا قاتارلىق غەربتىكى بەزى دۆلەتلەر جۇڭگو شىنجاڭدا ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەۋجۇت دېگەن يالغان- ياۋىداق سۆزنى ئاساسسىز ئويدۇرۇپ چىقاردى، بۇ، تامامەن ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس. جۇڭگو شىنجاڭ مۇقەررەر بەلگىلەنگەن نىشانغا قاراپ چوڭ قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ. بىز ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىشقا داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كېڭەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئىشقا ئاشۇرىمىز.

 شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى جانىش كانە مۇنداق بىلدۈردى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي كاپالەت، زوراۋانلىق- تېررورلۇققا زەربە بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىزچىل كۈچ چىقاردى. بۇ قېتىمقى ئېكسكۇرسىيە- زىيارەتتە، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت جەھەتتىكى كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئىگىلىدىم. خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى ئارقىلىق ئالماشتۇرۇش ۋە مۇھاكىمىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تەجرىبە ۋە ئۇسۇللىرىنى ئۆگىنىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئارزۇ قىلىمەن.

 پاكىستاننىڭ جۇڭگودىكى باش ئەلچىسى كالىر ھاشىمى مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دانا رەھبەرلىكىدە، ئادەمنى ئاساس قىلىش ئىدىيەسى جۇڭگو شىنجاڭدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلدە كۆرسىتىلدى. شىنجاڭ ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش، سىغدۇرۇشچان تەرەققىي قىلىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈۋاتىدۇ. پاكىستان يېقىن قوشنا بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭ بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ دۇنياغا جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ كۆپ ھەقىقىي ئەھۋالىنى تارقىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 يەمەننىڭ جۇڭگودىكى باش ئەلچىسى مۇھەممەد مېتامى مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەرەققىيات ئارزۇسى ۋە قەتئىي ئىرادىسىنىڭ جانلىق نامايەندىسى بولۇپ، جۇڭگو رەھبىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يىراقنى كۆرەرلىكىنى ئىسپاتلىدى. شىنجاڭنىڭ ئىناق، تىنچ بولۇشى ۋە گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشى ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق ئەمەس، ئۇ ئىلمىي تەدبىر ئارقىلىق يېتەكلەشنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، رايون تەرەققىياتى ۋە ھەمكارلىقى ئۈچۈن ئۈلگە تىكلەپ بەردى.

 مەركىزىي مىللەتلەر داشۆسىنىڭ ئامېرىكىلىق پىروفېسسورى مارك لىۋېن، تۈركىيە- جۇڭگو سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئادنان ئاكفېرات قاتارلىق ئەزىز مېھمانلارمۇ سۆز قىلدى.

 44 دۆلەت، رايون ۋە خەلقئارا تەشكىلاتتىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلار، دۆلىتىمىزنىڭ ئالاقىدار مىنىستىرلىق- كومىتېتلىرى ۋە ئاپپاراتلىرىدىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

 چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ جيەنشىن، قادېن كەبىن، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار ئورۇن ۋە كارخانىلاردىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125