− مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا
خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى
يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيەمىزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشىنى خۇلاسىلەپ، تاۋلاپ، ئۈنۈملۈك بازار بىلەن ياراملىق ھۆكۈمەت، ئومۇمىي تەمىنات بىلەن ئومۇمىي ئېھتىياج، يېڭى قۇۋۋەت يېتىلدۈرۈش بىلەن كونا قۇۋۋەتنى يېڭىلاش، ئاشۇرۇلما مىقدارنى ئەلالاشتۇرۇش بىلەن ساقلانما مىقدارنى جانلاندۇرۇش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش بىلەن ئومۇمىي مىقدارنى زورايتىشنىڭ مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت بۇ بەش مۇھىم مۇناسىۋەتنى جەزمەن بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاش كېرەك، دەپ كۆرسىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى ئىلمىي يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلىدى.
بۇ بەشنى «جەزمەن بىرتۇتاش پىلانلاش» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات قانۇنىيىتى توغرىسىدا ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم ھۆكۈمى بولۇپ ھەم ھازىرقى ئەمەلىيەتنى خۇلاسىلىدى، يىغىنچاقلىدى، تېخىمۇ مۇھىمى كەلگۈسى تەرەققىياتقا ئىلھام بېرىپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنى يەنىمۇ بېيىتتى ۋە راۋاجلاندۇردى. بىز شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، ئۈنۈملۈك بازار بىلەن ياراملىق ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى جەزمەن بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاش كېرەك، بۇ، ھەم «قويۇۋېتىپ جانلاندۇرىدىغان»، ھەم «باشقۇرغىلى بولىدىغان» ئىقتىسادىي تەرتىپنى شەكىللەندۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى؛ ئومۇمىي تەمىنات بىلەن ئومۇمىي ئېھتىياجنىڭ مۇناسىۋىتىنى جەزمەن بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاش كېرەك، بۇ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ئاساسى؛ يېڭى قۇۋۋەت يېتىلدۈرۈش بىلەن كونا قۇۋۋەتنى يېڭىلاشنىڭ مۇناسىۋىتىنى جەزمەن بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاش كېرەك، بۇ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئىچكى تەلىپى؛ ئاشۇرۇلما مىقدارنى ئەلالاشتۇرۇش بىلەن ساقلانما مىقدارنى جانلاندۇرۇشنىڭ مۇناسىۋىتىنى جەزمەن بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاش كېرەك، بۇ، بايلىق تەقسىملەش ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشنىڭ مۇقەررەر يولى؛ سۈپەتنى ئۆستۈرۈش بىلەن ئومۇمىي مىقدارنى زورايتىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى جەزمەن بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاش كېرەك، بۇ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماددىي ئاساسىنى پۇختىلاشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى.
دۆلىتىمىز ئىقتىسادى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئاچقۇچلۇق باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، قانچە داۋان ئېشىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يەڭگەنسېرى، شۇنچە تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىش، ئىلمىي ئۇسۇلنى ئىگىلەش، خىزمەتتىكى تەشەببۇسكارلىقنى ئاشۇرۇش كېرەك. بىز بەشنى «جەزمەن بىرتۇتاش پىلانلاش»نى چوڭقۇر ئىگىلەپ ۋە قوللىنىپ، يېڭى دەۋردىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى، پۈتكۈل جەريانىدا ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.
بۇ يەردە ئومۇمىي تەمىنات بىلەن ئومۇمىي ئېھتىياجنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاشنى مىسال قىلىپ تەھلىل قىلىمىز، چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز.
دۆلىتىمىز يەرشارى بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ، تۈرلىرى ئەڭ تولۇق ياسىمىچىلىق سىستېمىسىغا ئىگە، 500 خىل ئاساسلىق سانائەت مەھسۇلاتى ئىچىدە 220 خىلدىن ئارتۇق مەھسۇلاتنىڭ مەھسۇلات مىقدارى يەرشارى بويىچە 1- ئورۇندا تۇرىدۇ. كۈچلۈك تەمىنلەش ئىقتىدارى دۆلىتىمىز تاشقى سودىسىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئېشىشىغا تىرەك بولۇپلا قالماي، مال ئېكسپورتىنىڭ خەلقئارا بازاردىكى ئۈلۈشى ئۇدا 15 يىل يەرشارى بويىچە 1- ئورۇندا تۇرۇشنى ساقلاپ كەلدى، شۇنداقلا ئۈزلۈكسىز تۈردە يۇقىرى سۈپەتلىك تەمىنات ئارقىلىق ئۈنۈملۈك ئېھتىياجنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئۈزۈلمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى.
تەمىنات ئېھتىياجنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. تەمىنات سىستېمىسىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈرگەندە، يېڭى ئېھتىياجنى بارلىققا كەلتۈرگىلى ۋە قوزغاتقىلى بولىدۇ. يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنى مىسالغا ئالساق، يىلىغا 10 مىڭدىن ئارتۇق ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىشتىن يىلىغا تۇنجى قېتىم 1 مىليوندىن ئارتۇق ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىشقىچە ئالتە يىل ۋاقىت سەرپ قىلىندى. ئوخشاشلا پەقەت ئالتە يىل ۋاقىت سەرپ قىلىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسپىدە يەنە يىلىغا 1 مىليون ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىشتىن 10 مىليون ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىشقىچە بولغان ھالقىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. 7- ئايدىن بۇيان، يېڭى ئېنېرگىيەلىك يولۇچىلار ئاپتوموبىلىنىڭ پارچە سېتىلىش مىقدارى ماي يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىلدىن ئېشىپ كەتتى. يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ بازاردا ئالقىشقا ئېرىشىشى، ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى بىر تەرەپتىن پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق سۈپەتنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرگەنلىكىدىن، يەنە بىر تەرەپتىن خەلق ئاممىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇشقا بولغان ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلاشقانلىقىدىن بولغان.
تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يادروسى پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت. بۇ قېتىمقى مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىشنى چۆرىدەپ مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى مەھسۇلات، يېڭى ھالەتنى كەڭ كۆلەمدە قوللىنىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەمىنات ئارقىلىق يېڭى ئېھتىياجنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئىستېمالنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولغاندا، ياخشى ئايلىنىش، ماسلىشىپ كۈچەشنى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
ئېھتىياج تەمىناتنى يېتەكلەيدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش بىلەن تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشتىن ئىبارەت بۇ ئىستراتېگىيەلىك ئاساس نۇقتىنى مەھكەم ئىگىلەپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنىڭ تېخىمۇ راۋان بولۇشى، ئىچكى- تاشقى بازارنى تۇتاشتۇرۇشنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشىنى ئىلگىرى سۈردى. بولۇپمۇ بۇ يىلدىن بۇيان، «ئىككى مۇھىم» «ئىككى يېڭى» سىياسەت سىجىل كۈچەپ، ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىپ، سېلىنمىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى. ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتى ئالاقىدار مەھسۇلاتلارنىڭ سېتىلىش سوممىسىنىڭ 1 تىرىليون يۈەندىن ئېشىشىغا ئومۇمىي جەھەتتىن تۈرتكە بولدى. 1- ئايدىن 10- ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.4 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئۇل ئەسلىھە سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.3 ئېشىپ، ئالدىنقى توققۇز ئايدىكىدىن 0.2 پىرسەنت پوئېنت تېزلەشتى؛ ياسىمىچىلىق سېلىنمىسى %9.3 ئېشىپ، ئالدىنقى توققۇز ئايدىكىدىن 0.1 پىرسەنت پوئېنت تېزلەشتى.
بۇ قېتىمقى مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا كېلەر يىللىق خىزمەتلەردىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلغىنى دەل «ئىستېمالنى زور كۈچ بىلەن جانلاندۇرۇپ، سېلىنمىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئىچكى ئېھتىياجنى ھەر تەرەپلىمە كېڭەيتىش»، نامايان قىلىنغىنى دەل ئومۇمىي تەمىنات بىلەن ئومۇمىي ئېھتىياجنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرتۇتاش پىلانلاش بولۇپ، بۇ ئىقتىسادىي قانۇنىيەتنى چوڭقۇر تەتبىقلىغانلىق. ئىستېمالنى جانلاندۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش، «ئىككىنى يېڭىلاش» سىياسىتىنى يولغا قويۇش دائىرىسىنى كۈچەپ كېڭەيتىش، تېخىمۇ زور سالماق بىلەن «ئىككى مۇھىم» تۈرنى قوللاشتىن ئىبارەت بۇ سىياسەت، تەدبىرلەردە مەۋقە ھازىرغا قويۇلغان، ھەم يىراق كەلگۈسى كۆزلەنگەن بولۇپ، جەزمەن ئىچكى ئېھتىياجنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك قوزغىتىپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى زورايتىشنى پۇختىلاپ، دۆلەت ئىچى، خەلقئارا قوش ئايلىنىشقا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولىدۇ.
ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئايلىنىشى نۇرغۇن قىيىنچىلىق ۋە خىرىسقا دۇچ كەلدى، دۆلەت ئىچىدىكى ئېھتىياج يېتەرلىك ئەمەس، تاشقى ئېھتىياج خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى مۇقىمسىز، ئېنىقسىز ئامىللار كۆپىيىشنىڭ پايدىسىز تەسىرىگە دۇچ كەلمەكتە. جەزمەن شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىش كېرەككى، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ھەم ئىقتىسادنىڭ مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك، ھەم ئىقتىسادىي بىخەتەرلىككە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ۋاقىتلىق تەدبىر ئەمەس، بەلكى ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر. مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە، ئومۇمىي تەمىنات بىلەن ئومۇمىي ئېھتىياجنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاش ئىنتايىن تەخىرسىز ھەم مۇھىم بولۇپ قالدى.
ئەمەلىيەت بىزگە شۇنى ئۇقتۇرىدىكى، خەلق ئىگىلىكىنىڭ ياخشى ئايلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا جەزمەن تەمىنات بىلەن ئېھتىياجدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپتىن ماسلىشىپ كۈچەپ، ھەرىكەتچان تەڭپۇڭلۇقتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. بىر تەرەپتىن تەمىنات تەرەپنى چىڭ تۇتۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىلگىرىلەشمۇ، چېكىنىشمۇ بولۇش، كاپالەتمۇ، بېسىممۇ بولۇش، تەمىنات بىلەن ئېھتىياجنىڭ ماسلىشىشچانلىقى، تەڭپۇڭلۇقىنى كۈچەيتىش كېرەك. يەنە بىر تەرەپتىن دىققەتنى ئېھتىياج تەرەپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىچكى ئېھتىياج بولۇپمۇ ئىستېمال جەھەتتىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاشنى تېزلىتىپ، ئىچكى ئېھتىياجنى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە مۇقىملاشتۇرغۇچقا ئايلاندۇرۇش كېرەك.
قانۇنىيەت بويىچە ئىش قىلغاندىلا، تېخىمۇ ياخشى خىزمەت ئەمەلىي ئۈنۈمى ۋە نەتىجىسىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. بەشنى «جەزمەن بىرتۇتاش پىلانلاش» ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مۇھىم قانۇنىيەتلىك تونۇش بولۇپ، پۇختا ئىگىلەش كېرەك. شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى ئۆزلەشتۈرۈپ، ياخشى تەتبىقلاپ، ئىلمىي ئۇسۇل ئارقىلىق ئىقتىساد خىزمىتىنى پىلانلاش ۋە ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرغاندا، بىز چوقۇم تەرەققىياتتا تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەپ، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12- ئاينىڭ 15- كۈنى تېلېگراممىسى)