ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ يەنفاڭ) 12- ئاينىڭ 15- كۈنى، «مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىپ، قەلبلەرنى ئوزۇقلاندۇرۇش» تۈرىنى باشلاش ۋە «ھۆسنخەت يېزىپ كىتاب ئوقۇپ، تىيانشاننى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» − جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر قەدىمىي كىتابلار مەدەنىيەت ئىجادىيىتى كۆرگەزمىسىنى باشلاش پائالىيىتى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مىنىستىر راۋ چۈەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ۋاڭ جيەنشىن باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
بۇ تۈرنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى دۆلەت كۇتۇپخانىسى قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن بىرلىكتە پىلانلاپ يولغا قويغان بولۇپ، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بېرىشىگە تۈرتكە بولۇشتىكى ئىجادىي تەدبىر.
تۈر مۇكەممەل بولغان ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسى ھەمدە دۆلەت كۇتۇپخانىسىنىڭ مول ساقلانما بايلىقى، ئىستېرېئولۇق ئوقۇش- كېڭەيتىش سۇپىسىغا تايىنىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى نۇقتىلىق تۈر بولغان «جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدىكى يۈز كىلاسسىك ئەسەر»نى يادرو قىلىپ، شىنجاڭنىڭ يەرلىك خاسلىقىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئەلا سۈپەتلىك مەدەنىيەت بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى يەنىمۇ بېيىتىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە تۈرتكە بولىدۇ.
تۈر مەخسۇس تېمىلىق كۆرگەزمە، داڭلىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ لېكسىيەسى، كىلاسسىك ئەسەرلەرنى دېكلاماتسىيە قىلىش، قەدىمكى ئەسەرلەر مۇزىكا كېچىلىكى، تەتقىقات- ئۆگىنىش ساياھىتى، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى بازىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ۋە بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسى شى، شەھەرلىرىدە نەچچە يۈز مەيدان پائالىيەت ئۆتكۈزۈلىدۇ، پائالىيەت 2025- يىلى 2- ئايغىچە داۋاملىشىدۇ.
شۇ كۈنى، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر قەدىمىي كىتابلار مەدەنىيەت ئىجادىيىتى كۆرگەزمىسى شىنجاڭ كۇتۇپخانىسى، ئارال شەھەرلىك مەدەنىيەت سارىيىدا بىرلا ۋاقىتتا باشلاندى.
ۋاڭ گوخې، باتۇ، لى جېنگو، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ئالاقىدار مەھكىمە، ئىدارىلىرىدىكى، دۆلەت كۇتۇپخانىسىدىكى ئالاقىدار يولداشلار باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.