ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يايۈن
2024- يىلى شىنجاڭ كانچىلىق تەرەققىيات تارىخىدا بەلگە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل بولدى.
بۇ بىر يىل، «كىشىلەر تېخى بىلمەيدىغان» بولۇشتىن «جاھاندىكى ھەممە بىلىپ كېتىش»كىچە، شىنجاڭ كانچىلىقى «يۈز ياپقۇ»سىنى ئۈزلۈكسىز قايرىۋېتىپ، «ئۈچ تاغ، ئىككى ئويمانلىق»قا چوڭقۇر يوشۇرۇنغان تېخىمۇ كۆپ قېزىلما بايلىقنى ئويغاتتى.
مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى بەرپا قىلىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا يۈكلىگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نىڭ بىرى.
كانچىلىق ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش سالمىقىنى زورايتىپ، تېز كان تېپىش، چوڭ كان تېپىش، ياخشى كان تېپىشنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇش شىنجاڭنىڭ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي بىخەتەرلىكىنى قوغدىشىدىكى مۇقەررەر تەلەپ، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئېشىپ كېتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق تىرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى مەھكەم ئىگىلەش» توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىسلىسىز سالماق بىلەن ئېنېرگىيە بايلىقى ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىپ، كانچىلىق ھوقۇقىنى تەستىقلاش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ كۈچ قوشۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، نۇقتىلىق قېزىلما بايلىقلارنى چارلاش- ئېچىش ۋە يېشىل كانچىلىق تەرەققىياتىنى ئەلالاشتۇرۇشقا، كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولدى.
تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈلدى
ھاراق ياخشى بولسا خېرىدارغا يول يىراق بىلىنمەيدۇ
تاغلارنىڭ ھەممىسىدە ئالتۇن، مىس، تۆمۈر بار، ئويمانلىقلارنىڭ ھەممىسىدە كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز بار.
ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تېتىستىن ئىبارەت ئىككى چوڭ دۇنيا دەرىجىلىك كان تۈزۈلمە رايونىدىن توغرىسىغا كېسىپ ئۆتكەن شىنجاڭدا 153 خىل قېزىلما بايلىق بايقالدى، بۇ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 173 خىل قېزىلما بايلىقنىڭ %88ىنى ئىگىلەيدۇ، مەملىكەت بويىچە قېزىلما بايلىق تۈرلىرى بىرقەدەر تولۇق بولغان ئاز ساندىكى بىرقانچە ئۆلكىنىڭ بىرى.
«كۆمۈر تېغى» «نېفىت دېڭىزى» «ئوبرازى»دىن باشقا، شىنجاڭدا يەنە 1 مىليارد توننا دەرىجىلىك تۆمۈر، 10 مىليون توننا دەرىجىلىك تىتان، 1 مىليون توننا دەرىجىلىك لىتىي- بېرىللىي، 10 مىليون توننا دەرىجىلىك فىتورىتتىن ئىبارەت مول بايلىق زاپىسى بار.
ھالبۇكى، شىنجاڭدىكى ئاساسلىق قېزىلما بايلىقلاردا بايلىقلارنى ئومۇمىي گەۋدە بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش نىسبىتى ئوتتۇرىچە %20كىمۇ يەتمەيدۇ، بۇ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ%40 − %35كىچە بولغان ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن خېلىلا تۆۋەن. دۇنيا بويىچە ئېنېرگىيە ۋە مېتال قېزىلما بايلىق مۇھىم مول رايون، دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىم قېزىلما بايلىق ئىز باسما رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭ قېزىلما بايلىقلارنى چارلاپ تەكشۈرۈش- ئېچىشتا قېزىلما بايلىقلارنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش نىسبىتى تۆۋەن بولۇش، ھەقلىق بېرىلگەن رايون بۆلەكلىرىدىن جەمئىيەتنىڭ خەۋەردار بولۇش نىسبىتى يېتەرلىك بولماسلىقتەك قىيىن ئەھۋالغا دۇچ كەلدى.
پۈتۈن مەملىكەتتىكى كانچىلىق كارخانىلىرى ياكى قېزىلما بايلىقلارنى چارلاپ تەكشۈرۈش- ئېچىش ئىرادىسى بار كارخانىلارنى شىنجاڭ كانچىلىقىنى ئېچىشقا پائال قاتنىشىشقا جەلپ قىلىپ، شىنجاڭنىڭ كانچىلىق بازىرىنى گۈللەندۈرۈش جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك قىيىن مەسىلە بولۇپ قالدى.
شىنجاڭنىڭ كانچىلىق ساھەسىدىكىلەر ھەرىكەتكە كەلدى.
بارلىق شەيئىلەر بىر- بىرىگە ھۆسن قوشىدىغان 6- ئايدا، 2024- يىلىدىكى تۇنجى مەيدان شىنجاڭ كانچىلىق ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش تۈرىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى خوتەندە ئۆتكۈزۈلدى، 127 تۈر مەركەزلىك تونۇشتۇرۇلدى، مەملىكەت بويىچە 310دىن ئارتۇق كانچىلىققا ئالاقىدار كارخانىدىكى 1000دىن ئارتۇق ئادەم جەم بولدى، 14 كارخانا نەق مەيداندا ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى.
ھاۋاسى كىشىگە راھەت بېغىشلايدىغان 9- ئايدا، 2- مەيدان شىنجاڭ كانچىلىق ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش تۈرىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئىلىدا ئۆتكۈزۈلۈپ، تونۇشتۇرۇلغان تۈر 182گە كۆپەيتىلدى، ھەقلىق بېرىلگەن رايون بۆلەكلىرىنىڭ سانى تېخىمۇ كۆپىيىپ، كان تۈرلىرى تېخىمۇ تولۇقلىنىپ، شىنجاڭ كانچىلىق تەرەققىياتىنىڭ ھاياتىي كۈچى ھەر تەرەپلىمە نامايان قىلىندى.
مېۋىلەر شېخىنى كۆتۈرەلمەي مەي باغلاپ پىشقان 10- ئايدا، 178 كانچىلىق ھوقۇقى ھەقلىق بېرىلىدىغان تۈر جۇڭگو خەلقئارا كانچىلىق يىغىنىنىڭ شىنجاڭ مەخسۇس مەيدان تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا مەركەزلىك نامايان قىلىندى. نەق مەيدان ئادەم بىلەن لىق تولغان بولۇپ، ھەتتا ئارىلىقتىكى بوشلۇقلارمۇ توشۇپ كەتتى.
«بىر ئورۇن تېپىشمۇ تەس بولۇش»تەك كۆرۈنۈش شەنشى شىڭگۇڭ مەبلەغ سېلىش پاي كونترول گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى ۋاڭ شۈلياڭنى چوڭقۇر ھاياجانلاندۇردى، «شىنجاڭنىڭ كانچىلىق تەرەققىياتىغا قاتنىشىش ئارزۇيۇم تېخىمۇ كۈچەيدى».
جەنۇبىي شىنجاڭدىن شىمالىي شىنجاڭغىچە، يەنە پۈتۈن مەملىكەت سەھنىسىگە يۈزلىنىشكىچە، ئۆلچىمى يۇقىرى، كۆلىمى چوڭ، تەسىرى كەڭ بولغان كانچىلىق ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش تۈرلىرىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنلىرىدا كانچىلىق ھوقۇقى ھەقلىق بېرىلگەن رايون بۆلەكلىرى قىزىق نۇقتا بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى كانچىلىق ئۇچۇر يوللىرى راۋانلاشتۇرۇلۇپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭ كانچىلىقىغا مەبلەغ سېلىش دولقۇنىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇندى.
ئالدىنقى 11 ئايدا، شىنجاڭنىڭ كانچىلىق ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش سانى، پۈتۈشۈش سوممىسى ۋە خەزىنىگە كىرگۈزۈش سوممىسىدا يەنە تارىخىي يېڭى رېكورت يارىتىلدى، ئاپتونوم رايون مىنىستىرلىق، ئۆلكە ئىككى دەرىجىلىك كان چارلاش ھوقۇقىدىن 198نى ھەقلىق بەردى، ھەقلىق بېرىش پايدىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %47.16 ئاشتى.
«ئىلگىرى ئىشىك ئالدىغا كېلىپ رايون بۆلەكلىرىنى تىزىملاشنى كۈتەتتۇق، ھازىر تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ رايون بۆلەكلىرىنى ئىزدەيدىغان بولدۇق» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى سۈن جىجوۋ.
پائال تۈردە ئىچكى قىسىمغا يۈزلىنىپ «رايون بۆلىكى ئىزدەلدى». ئاپتونوم رايون بويىچە «بىر پارچە چوڭ خەرىتە» يېيىلىپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تۈرلۈك مالىيە مەبلىغى ئاجرىتىلغان گېئولوگىيەلىك چارلاش تۈرلىرى نەتىجىلىرىگە دائىر ماتېرىياللار توپلاندى، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەرگە يۈزلىنىپ، رايون بۆلەكلىرىگە دائىر يىپ ئۇچى ياكى تەكلىپلەر توپلاندى.
تۆۋەنگە يۈزلىنىپ «رايون بۆلەكلىرىنى سۈرۈشتۈرۈش»كە ئەھمىيەت بېرىلدى. ۋىلايەت، ناھىيە ئىككى دەرىجىلىك تەبىئىي بايلىق مەسئۇل تارماقلىرى رايون بۆلەكلىرىنى ھەقلىق بېرىشنى پائال ئىلتىماس قىلىشقا تەشكىللەندى، ئاپتونوم رايونلۇق گېئولوگىيە نەتىجىلىرى مەركىزى رايون بۆلەكلىرىنى چارلاش- تەكشۈرۈش نەتىجىسى، كان ئىزدەش ئىستىقبالىنى تەھلىل قىلىپ، ئەلا دەرىجىلىكلىرىنى ئايرىپ، گېئولوگىيەلىك ماتېرىيال خالتىسى تەييارلىدى.
تەشەببۇسكارلىق بىلەن يۇقىرىغا يۈزلىنىپ «رايون بۆلىكى» ئىلتىماس قىلىندى. تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى كانچىلىق ھوقۇقىنى باشقۇرۇش مەھكىمىسى، جۇڭگو گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، نېفىت- تەبىئىي گاز، سىلانېتس گازى، لىتىي، قەلەي، سۈرمە، كالىي تۇزى قاتارلىق كان تۈرلىرىنىڭ گېئولوگىيەلىك ماتېرىياللىرىنى تەھلىل قىلىش ۋە تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ھەقلىق بېرىشكە تەمىنلىنىدىغان رايون بۆلەكلىرى شەكىللەندۈرۈلدى.
شىنجاڭ ئەلا سۈپەتلىك قېزىلما بايلىق مەنبەسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئەمەلىي كۈچى بار، كەسىپ كۆلىمىگە ئىگە، يېتەكلەش كۈچى كۈچلۈك كارخانىلارنى كىرگۈرۈپ، قېزىلما بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە، تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇش يولىدا ئىسلاھاتنى ئۈزلۈكسىز تېزلىتىپ، مۇلازىمەتتە يېڭىلىق ياراتتى.
تەرتىپ قايتا تۈزۈلدى
نىشان ئېنىق بولسا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلگىرىلىگىلى بولىدۇ
تەكلىپ قىلىش پەقەت تۇنجى قەدەم، تېخىمۇ مۇھىمى مۇلازىمەتنى ياخشى قىلىش كېرەك.
شىنجاڭ بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت- سودا مۇھىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن يارىتىپ، تېخىمۇ ئەلا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، تۈرلۈك بايلىقلارنى ئايلاندۇرۇش تۈرلىرىنىڭ تېز ئەمەلىيلىشىشى ۋە قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، كانچىلىق ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش ئىسلاھاتىدا ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشتىكى ئەڭ زور سەمىمىيىتىنى نامايان قىلدى.
قېزىلما بايلىقنى چارلاش- ئېچىشتا جەزمەن قانۇن بويىچە كانچىلىق ھوقۇقىغا ئېرىشىش كېرەك، بۇ ھەم كان چارلاش ھوقۇقىنى، ھەم كان ئېچىش ھوقۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
«ئادەتتە كان ئېچىش كىنىشكىسىنى بېجىرىشكە ئىككى يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت كېتەتتى، بىز ئۈچ ئايدىلا بېجىرىپ بولدۇق» دېدى شىنجاڭ گېئولوگىيە- قېزىلما بايلىق مەبلەغ سېلىش (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ۋاڭ شياۋبىڭ شىنجاڭنىڭ كانچىلىق ھوقۇقىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئېلىپ كەلگەن قولايلىقنى تەرىپلەپ.
مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ، دۇنيا بويىچە 6- ئورۇندا تۇرىدىغان شىنجاڭ خوشاۋيۈن قوغۇشۇن- سىنك كېنى 2023- يىلى 25 مىليارد يۈەن خەلق پۇلى باھاسى بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك خېرىدار چاقىرىپ ھەقلىق ئۆتۈنۈپ بېرىلدى ھەم شۇ يىلى ئۆتۈنۈپ بېرىش، شۇ يىلى ئېچىشنى باشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بۇ دۇنياۋى خەزىنىنىڭ داۋاملاشتۇرۇلۇپ ئېچىلىشى ئۈچۈن قىممەتلىك ۋاقىتنى قولغا كەلتۈردى.
رەسمىيىتى تولۇق بولمىسىمۇ قوبۇل قىلىندى، رەسمىيەت ئاددىيلاشتۇرۇلدى، بىرلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىلدى، بىر قاتار تەرتىپلەر ئەلالاشتۇرۇلۇپ، خوشاۋيۈن قوغۇشۇن- سىنك كېنىنى ئېچىشنىڭ تېز سۈرئەتتە ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇندى.
شىنجاڭ ئەلا سۈپەتلىك رايون بۆلىكى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ھوقۇق چېكىنى ئۈزلۈكسىز تەڭشەپ، كانچىلىق ھوقۇقىنى ئىشتىن بۇرۇن، ئىش داۋامىدا، ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىش- باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كانچىلىق ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش مېخانىزمى ۋە تەرتىپىدە يېڭىلىق يارىتىپ، قايتا تۈزۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پايدىنى بىر تەرەپ قىلىش ھەم باشقۇرۇشنى تېخىمۇ مۇۋاپىقلاشتۇردى ۋە ئىنچىكىلەشتۈردى.
كانچىلىق ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش تەرتىپى ئەلالاشتۇرۇلدى. ئىچكى قىسىمدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن تەكشۈرۈش تەرتىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، نازارەت، ئىدارىلەر ئارا ئالاقىلەشكۈچىلەر تۈزۈمىنى ئورنىتىش، ھەقلىق بېرىشنىڭ باشلىنىش باھاسىنى بېكىتىش شەكلىنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، كانچىلىق ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش پۈتۈن تەرتىپىنى تاماملاشقا كېتىدىغان ۋاقىت 156 خىزمەت كۈنىدىن 69 خىزمەت كۈنىگە قىسقارتىلدى.
ھەقلىق بېرىش سودا قائىدىسى تاكامۇللاشتۇرۇلدى. كانچىلىق ھوقۇقى سودا كاپالەت پۇلىنى بۆلەكلەرگە بۆلۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش، كەسمە باھا مەلۇم قىلىپ، كاپالەت پۇلىنى ئاشۇرۇش مېخانىزمىنى يولغا قويۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق يامان غەرەزدە باھادا رىقابەتلىشىش، ئېرىشكەندىن كېيىن مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماسلىق قىلمىشلىرى چەكلىنىپ، تېخىمۇ ئادىل كانچىلىق رىقابەت بازىرى بەرپا قىلىندى.
كانچىلىق ھوقۇقىنى بازارغا سېلىش ۋاقىت تەرتىپى دەل جايىدا ئىنچىكىلەشتۈرۈلدى. رايون بۆلىكىنى ھەقلىق بېرىش پىلانى تۈزۈلۈپ، قېزىلما بايلىق بازىرىنى كۆزىتىش، كەسىپ تەرەققىياتى ۋە تەمىنلەش- ئېھتىياج ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىش قانات يايدۇرۇلۇپ، پەسىل، ئاي بويىچە تۈركۈم- قېتىمغا بۆلۈپ بازارغا سېلىنىپ، يولغا قويۇش جەريانىدا ئېھتىياجغا ئاساسەن ھەرىكەتچان تەڭشىلىپ، تەرتىپلىك ھالدا ھەقلىق بېرىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
دۆلەت كارخانىلىرى بىلەن پۇقراۋى كارخانىلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىندى. شىنجاڭدا نېفىت- تەبىئىي گاز چارلاش- ئېچىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، جۇڭگو نېفىت- تەبىئىي گاز گۇرۇھى، جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھىدىن باشقا، يېڭىدىن كىرگۈزۈلگەن نېفىت- تەبىئىي گاز چارلاش كارخانىسى 24كە يەتتى، پۇقراۋى كارخانىلار %90تىن كۆپرەكنى ئىگىلىدى.
7- ئايدا، تارىم ئويمانلىقى ۋە جۇڭغار ئويمانلىقىدىن ئىبارەت ئىككى نېفىت- تەبىئىي گاز رايون بۆلىكىنىڭ كان تەكشۈرۈش ھوقۇقى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ۋىۋىسكا ئېسىلىپ ھەقلىق بېرىلدى، بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ نېفىت- تەبىئىي گاز رايون بۆلىكىنى ھەقلىق بېرىشتە كەسمە باھا مەلۇم قىلىپ، كاپالەت پۇلىنى ئاشۇرۇش مېخانىزمى قايتا قوزغىتىلدى.
9- ئايدىن 11- ئايغىچە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ۋە ئاممىۋى بايلىق سودا مەركىزىدە، تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتىنىڭ ھاۋالىسى بويىچە ھەقلىق بېرىلگەن ئالتە تۈركۈم- قېتىمدىكى 34 كان چارلاش ھوقۇقىنىڭ پۈتۈشۈش سوممىسىدا ئارقا- ئارقىدىن يۇقىرى پەللە يارىتىلدى.
بۈگۈنكى كۈندە، دېڭىز يۈزىدىن 5000 مېتىردىن كۆپرەك ئېگىزلىكتىكى خوشاۋيۈن قوغۇشۇن- سىنك كېنى مەشغۇلات رايونىدا، ئاساسلىق توشۇش يولى ۋە رۇدا دۆۋىلەش مەيدانىنىڭ قۇرۇلۇش خىزمىتى تاماملاندى، كان سانائەت مەيدانى، پارچىلاش پونكىتى، يەر گىرى، نېفىت ئىسكىلاتى، ماي قاچىلاش پونكىتى، كان لاگېرى، ئاساسىي قۇرۇلۇشنى ئايرىش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلىۋاتىدۇ. يېشىل، ئاقىل كان قۇرۇلۇشىدا زۆرۈر بولغان كان رايونى مەخسۇس يولى، ئېلېكتىر تورى- ئالاقىلىشىش ئەسلىھەلىرى، شوپۇرسىز كان يۈك ئاپتوموبىلى قاتارلىق يۇمشاق، قاتتىق دېتال يانداش قۇرۇلۇشلارمۇ ماس قەدەمدە ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.
ئېچىپ پايدىلىنىش لايىھەسى بويىچە، كەلگۈسى بەش يىلدا، شىنجاڭ خوشاۋيۈن قوغۇشۇن- سىنك كېنىنىڭ يۇقىرى- تۆۋەن ئېقىن كەسىپ زەنجىرىدە 50 مىليارد يۈەنلىك مەھسۇلات قىممىتى كۆلىمىنى شەكىللەندۈرۈپ، 5300 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.
كاپالەت مۇكەممەللەشتۈرۈلدى
شەرق شامىلىغا تايىنىپ مۇۋاپىق پەيتتە يەلكەن چىقىرىلدى
دۆلەت ئىستراتېگىيەسى، كەسىپ تەقەززاسى، بازار ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ، قېزىلما بايلىقلارنىڭ تېگى- تەكتىنى ئېنىقلاپ، دىققەتنى مۇھىم قېزىلما بايلىقلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، كان رايونىنىڭ كان ھوقۇقىنى تەسىس قىلىش، ھەقلىق بېرىش ئەھۋالىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك رايون بۆلەكلىرىنى ھەقلىق بېرىشنى تېزلىتىش قېزىلما بايلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى.
بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ مەبلەغ سېلىنمىسى، تېخنىكا كۈچى، تۈر مەدىتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلەرگە نۇقتىلىق مايىللىشىپ، شىنجاڭ كانچىلىقىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.
تۈزۈم جەھەتتە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى «كانچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى بىرقانچە تەدبىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، ئەمەلىي قىممىتى يېتەرلىك بولغان ئون تۈرلۈك تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى گېئولوگىيەلىك كان ئىزدەش، كانچىلىق ھوقۇقىنى باشقۇرۇش، بايلىقنى ئېچىپ پايدىلىنىش، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىقلاردا كۆرۈلۈۋاتقان كانچىلىق ساھەسىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، بايلىق كاپالىتى ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈردى.
ئۇسۇل جەھەتتە، ئاپتونوم رايونلۇق گېئولوگىيە ئىدارىسىنىڭ ئاقسۇ گېئولوگىيە چوڭ ئەترىتى 1 مىليون 100 مىڭ يۈەن مەبلەغ جۇغلاپ، تىك ئۇچار ئايروپىلاندا خادىم ۋە ماددىي ئەشيالارنى توشۇپ، يەر شەكلىنىڭ كېسىلىش دەرىجىسى كۈچلۈك، يول يۈرۈش قولايسىز، بىخەتەرلىك خەۋپ- خەتىرى يۇقىرى بولغان باي ئاقتوسور قەلەي مىس كېنىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق بەش نۇقتىلىق خىزمەت رايونىدا گېئولوگىيەلىك كان ئىزدەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭدىكى گېئولوگىيەلىك چارلاپ تەكشۈرۈش كەسپىي ئورۇنلىرىنىڭ «ئۆزى پۇل چىقىرىپ» كان ئىزدەش شەكلىدە يېڭىلىق ياراتتى.
مەبلەغ جەھەتتە، شىنجاڭ ئومۇمىي كۆلىمى 1 مىليارد 801 مىليون يۈەنلىك چارلاپ تەكشۈرۈش سېلىنمىسى خەۋپ- خەتەر فوندىنى ئىجادىي تەسىس قىلىپ يۈرۈشتۈرۈپ، ئىككى رايون بۆلىكىنىڭ كان چارلاش ھوقۇقىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قولغا كەلتۈرۈپ، 131 تۈرنى دەلىللەشنى قانات يايدۇردى. 2024- يىلى ئاپتونوم رايون مالىيەسىدىن چىقىرىلغان مەبلەغ ئىلگىرىكى 150 مىليون يۈەندىن 500 مىليون يۈەنگە كۆپەيدى، 108 گېئولوگىيەلىك چارلاش تۈرىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ يولغا قويدى.
تېخنىكا جەھەتتە، پەن- تېخنىكا تىرىكى ۋە دالا تېخنىكا كاپالىتى كۈچەيتىلدى. قاتناش- تىرانسپورت كاپالىتى، دالا تۇرمۇشى كاپالىتى، مۇساپە ئارىلىقىدا دەم ئېلىش ۋە تەرتىپكە سېلىش مۇلازىمىتى قاتارلىق ئىقتىدارلارنى چۆرىدەپ، ئۈرۈمچى دالا ئۇنىۋېرسال كاپالەت بازىسى قاتارلىق «1+5+N» دالا ئۇنىۋېرسال كاپالەت سىستېمىسى كۈچەپ بەرپا قىلىندى.
ھازىر، شىنجاڭ خېرىدار چاقىرىش، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش، ۋىۋىسكا ئېسىش شەكلىدە ئاشكارا رىقابەتلەشتۈرۈپ ھەقلىق بېرىش ئارقىلىق ئەۋزەللىكى بار كارخانىلارنى قېزىلما بايلىقلارنى چارلاش، ئېچىشقا مەنبەدىن قاتنىشىشقا جەلپ قىلىپ، خاسلىق ۋە ئەۋزەللىكنى نامايان قىلىدىغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈۋاتىدۇ.
ئېچىلىۋاتقان ۋە قۇرۇلۇۋاتقان ئوندىن ئارتۇق كانغا ئىگە شىنجاڭ رەڭلىك مېتال سانائىتى (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ لىتىي، مانگان، نىكېل، مىس قاتارلىق بايلىق زاپاس مىقدارىنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىسادىي قىممىتى 1 تىرىليون 300 مىليارد يۈەن بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك بايلىق تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش بىخەتەرلىكىنى پۇختا ئاساس بىلەن تەمىنلەش شارائىتىغا ئىگە.
ئون نەچچە كانچىلىق ھوقۇقىغا ئىگە شىنجاڭ 1- ئاۋغۇست پولات- تۆمۈر چەكلىك شىركىتىنىڭ يىللىق تۆمۈر رۇدىسى قېزىش كۆلىمى يىلىغا 17 مىليون توننىغا يېتىدۇ، شىركەت يېشىل، ئاقىل بولغان قېزىش، رۇدا تاللاش تۈرى قاتارلىق نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ ۋە پۈتتۈرۈپ، رايوننىڭ تۆمۈر رۇدىسى بايلىقى بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈۋاتىدۇ.
يېڭى بىر نۆۋەتلىك كان ئىزدەشتە بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ھەرىكىتىدە، دۆلەت شىنجاڭدا نۇقتىلىق كان ئىزدەش رايونىدىن 120نى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، چوڭ تىپتىكى بايلىق بازىسىدىن 22نى قۇرۇشنى بېكىتتى.
مەملىكەت بويىچە ئەمەلىي كۈچى بار گېئولوگىيەلىك چارلاپ تەكشۈرۈش ئورۇنلىرى، كانچىلىق كارخانىلىرى بەس- بەستە شىنجاڭغا كەلدى، «كان ئىزدەش چوڭ بىرلەشمە جېڭى»نىڭ دەسلەپكى شەكلى دەسلەپكى قەدەمدە نامايان بولدى، بىر تۈركۈم ئىستراتېگىيەلىك قېزىلما بايلىق ۋە ئەۋزەل قېزىلما بايلىقلارنى چارلاپ تەكشۈرۈش، ئېچىش زاپاس رايونى، ئىستراتېگىيەلىك داۋاملاشما رايونى تېز شەكىللەنمەكتە.
ئىسلاھات مەڭگۈ توختاپ قالمايدۇ. شىنجاڭ دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى بولۇشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى چىڭ كۆزلەپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، تىرىشىپ بايلىق ئەۋزەللىكىنى تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇپ، دۆلەت ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىش بىلەن بىللە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە تېخىمۇ ياخشى بەخت ياراتماقتا.