شىنجاڭدىكى بارلىق قىزىق نۇقتىلىق مەززىلىك تائاملار ئىچىدە، چوڭ- چوڭ دانىلىق گۈرۈچ ئىشلىتىلىپ، قىزغۇچ، سېرىق سەۋزە ئارىلاشتۇرۇلۇپ، چوڭ- چوڭ پارچىلىق قوي گۆشى سېلىپ ئېتىلگەن پولو قارىماققا ئاددىيدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ تائاملار شاھىدۇر.
قوي پاچىقى پولۇسى، توخۇ پاچىقى پولۇسىدىن قۇرۇتۇلغان گۆش پولۇسى، ئۇمرۇتقا گۆش پولۇسىغىچە.. پولۇنىڭ ھەر خىل تۈرلىرىنى كىشىلەر ياقتۇرۇپ يەيدىغان بولۇپ، قىزغىنلىققا تولغان ھەربىر پەيتتە پولۇ شىنجاڭلىقلارغا ھەرۋاقىت ھەمراھ.
ئۇنىڭ زادى قانداق جەلپ قىلىش كۈچى بار؟ پولۇ نېمە ئۈچۈن مەززىلىك تائاملارنى يېيىشكە ئامراق، يېيىشكە ئۇستا، يېيىشكە ھېرىسمەن شىنجاڭلىقلارنى قايىل قىلالىدى؟
01
[پولۇنى ئەتكەندە بالدۇر تۇتۇش قىلىمىز]
بىر كۈندە بىر قازانلا ئېتىلىدۇ، سېتىلىپ بولغاندىن كېيىن يەي دېسىڭىزمۇ يوق.
شىنجاڭ كوچىلىرىنى ئايلانسىڭىز، ھەربىر پولۇخانىنىڭ ئالدىدىكى C ئورۇندا چوڭ بىرقازاندا ئىسسىق پولونىڭ بارلىقىنى كۆرىسىز.
تاماق بۇيرۇتقاندىن كېيىن، ئاشخانا لوبىنى چەبدەسلىك بىلەن بىر تەخسە پولۇنى ئۇسۇپ، ئاندىن ئۈستىگە ئوخشاش بولمىغان گۆشلەرنى سېلىپ، دەرھال ئۈستەلگە ئېلىپ چىقىدۇ.
پولۇ قارىماققا ئىنتايىن ئادەتتىكىدەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئېتىلىش جەريانى ئازراقمۇ ئاددىي ئەمەس.
ماتېرىيال تاللاشتىن باشلاپلا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىلىدۇ.
يېڭى سويۇلغان پاقلاننىڭ قوۋۇرغا ياكى ئارقا پۇت گۆشىدىن مۇۋاپىق ئېلىنىدۇ؛ سېرىق، قىزىل رەڭلىك ئىككى خىل سەۋزە ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىلىدۇ: سېرىق سەۋزىنىڭ تەمى تاتلىق بولۇپ، پۇلوغا تەم كىرگۈزىدۇ، قىزىل سەۋزە ئاساسلىقى رەڭ تەڭشەيدۇ، ئىككىسىنىڭ بىرىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ؛ پىياز پولونى تەملىك ھەم يۇمشاق قىلىدۇ.
قوي مېيىنى قازاندا قورۇپ ئېرىتىۋالىمىز، ئاندىن ئىككى خىل سەۋزىنى چوكا توملۇقىدا قەلەمچە قىلىپ تەكشى توغرايمىز، ئاق پىيازنى ئۇششاق توغرايمىز، بۇ پولۇنى تېخىمۇ خۇش پۇراق قىلىدۇ.
ماتېرىياللارنى تەييارلاپ بولغاندىن كېيىن، ياغنى چۈچۈتۈش، قورۇش، قاينىتىش، پىشۇرۇش، دۈملەشتىن ئىبارەت ئىش تەرتىپىنى بىر- بىرلەپ باشلىساق بولىدۇ، بىر قازان پولۇنى ئېتىپ بولۇشقا بىرنەچچە سائەت ۋاقىت كېتىدۇ. نۇرغۇن ئاشخانىلاردا بىر كۈندە بىر قازانلا ئېتىدۇ، سېتىلىپ بولغاندىن كېيىن شۇ كۈنلۈك پولۇ تۈگەيدۇ.
02
[پولونىڭ مەززىلىك بولۇشتىكى سىرى]
سۇ، گۈرۈچ، ياغنىڭ نىسبىتىنىڭ مۇۋاپىق تەڭشىلىشىگە يوشۇرۇنغان
گۈرۈچ پولۇنىڭ جېنى.
بىر پولوخانىنىڭ سەۋىيەسىنىڭ قانداقلىقىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، گۆشسىز پولۇ بۇيرۇتسىڭىزلا بىلەلەيسىز. گۆشسىز پولۇ ئايرىم ئېتىلمەيدۇ، چوڭ قازاندىن قىزىل، سېرىق سەۋزە ئارىلاشتۇرۇلغان پولۇ ئۇسۇپ بېرىلىدۇ، گۆش بېسىلمىغان بولغاچقىلا گۆشسىز پولۇ دېيىلىدۇ.
ئوخشىغان پولۇنى گۆشسىز يېسىڭىزمۇ بولىدۇ. پەقەت گۈرۈچنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىگە تايىنىپلا بىر ۋاخ تاماقنى ھازىرلىغىلى بولىدۇ.
گۈرۈچنى قازانغا سېلىشتىن بۇرۇن چوقۇم ئالدىن سۇغا چىلاپ قويۇش كېرەك، گۈرۈچنى سۇغا چىلىغاندا سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى ۋە ۋاقتىنى ياخشى كونترول قىلىش كېرەك، ۋاقىت يېتەرلىك بولمىسا دۈملەپ پىشۇرۇلغان گۈرۈچ قاتتىق بولۇپ قېلىپ، ئېغىزغا تېتىمايدۇ، چىلانغان ۋاقىت بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسە گۈرۈچ بەك يۇمشاق بولۇپ قېلىپ، دانە- دانە بولماي قالىدۇ.
پىشۇرۇش جەريانىدا قوي گۆشى، سەۋزىنىڭ شورپىلىق سۈيىگە گۈرۈچ سېلىنىدۇ، سۇ مىقدارى كۆپ بولۇپ كەتسە پولونىڭ مەززىلىك پۇرىقى سۇسلىشىپ، پولو قازانغا چاپلىشىپ قالىدۇ، سۇ مىقدارى ئاز بولسا گۈرۈچ تولۇق پىشمايدۇ، بۇ پۈتۈنلەي پولوچى ئاشپەزنىڭ مول تەجرىبىسىگە تايىنىپ تەڭشىلىدۇ.
پولونى ئۇسقاندا، چوقۇم چۆمۈچ بىلەن تولۇق ئارىلاشتۇرۇش كېرەك، شۇنىڭدا گۈرۈچ سۇس سېرىق رەڭلىك ياغ بىلەن تولۇق ئارىلىشىپ، دانە- دانە پىشىپ چىقىدۇ، يۇمشاق يېپىشقاق سەۋزە ئۇنىڭغا زىننەت قوشىدۇ، بۇنىڭغا ئازراق سوغۇق سەي قوشۇپ، بىر كاپام يېسىڭىزلا شىنجاڭلىقلارنىڭ خۇشاللىقىنى بىردەمدىلا ھېس قىلالايسىز.
مەيلى قانچىلىك ئېسىل، ئالىي دەرىجىلىك مەززىلىك نازۇ- نېمەتلەر بولسۇن ياكى تار كوچىلاردىكى ئاشپۇزۇللاردا بولسۇن، شىنجاڭلىقلارنىڭ يېمەكلىككە بولغان ئىنتىلىشى ئوخشاشلا قىزغىن.
شىنجاڭنىڭ يېيىشكە ئەرزىيدىغان بۇ مەززىلىك تائاملىرى شەھەرنىڭ سوۋغىسى بولۇپ، ئۇنىڭغا تۇرمۇشنىڭ شېرىن تەمى سىڭگەن.