ما شىڭرۇي قاتناشتى، ئەركىن تۇنىياز ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ قاتناشتى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى ياڭ) شىنجاڭدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى 12- ئاينىڭ 16- كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي قاتناشتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ جۇ يىغىنغا قاتناشتى.
ئەركىن تۇنىياز ئاساسىي مەقسەت سۆزىدە شىنجاڭدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەتكە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى باشتىن- ئاخىر شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتىپ، شىنجاڭغا دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى ئالاھىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى يۈكلەپ، شىنجاڭنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى يېڭى مۇساپىسىدىكى ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈپ بەردى. ھازىر، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىيىتى ئىناق، مۇقىم، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولماقتا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەنمەكتە، دىن ساھەسى ئېجىل- رايىش بولماقتا، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلمەكتە. بىز باشتىن- ئاخىر ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەدىر- قىممىتى بىلەن ئەمگەك قىلىپ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشىغا ياردەم بەردۇق. باشتىن- ئاخىر ھەر مىللەت ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دەم ئېلىش- ئارام ئېلىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئومۇمىي خەلق سۇغۇرتىغا قاتنىشىش پىلانىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئەركىن، باراۋەر، بىخەتەر ۋە ئىززەت- ھۆرمىتى بولغان شارائىتتا قەدىر- قىممىتى بىلەن خىزمەت قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق. خەلقئارا ئەمگەكچىلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمىنى پائال ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ تۈرلۈك ھوقۇق- مەنپەئىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتۇق. خەلقئارادىكى جۇڭگوغا قارشى بىر قىسىم كۈچلەر ھە دەپ «قوش ئۆلچەم» قوللىنىپ، شىنجاڭدا ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەۋجۇت قاتارلىق مەسىلىلەرنى قەستەن ئويدۇرۇپ چىقاردى، ھەتتا شىنجاڭغا ئالاقىدار ناچار قانۇن لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شىنجاڭدىكى ئالاقىدار كەسىپ، كارخانىلارنى يولسىزلارچە باستى، جازالىدى. بۇ خىل رەزىل قىلمىش خەلقئارا جەمئىيەتتىكى ھەققانىي كۈچلەرنىڭ قايتۇرما زەربە بېرىشىگە ۋە لەنىتىگە ئۇچرىدى، ئۇلارنىڭ سۇيىقەستى ھەرگىز ئەمەلگە ئاشمايدۇ. بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىش ۋە كەڭ پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، چوقۇم ئىدىيە ئۇچقۇنلىرىنى ھاسىل قىلىپ، كەڭ ئەمگەكچىلەرنىڭ قۇياش نۇرى ئاستىدا تېخىمۇ قەدىر- قىممىتى بىلەن ئەمگەك قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئەقىل- پاراسەت ۋە كۈچ قوشىمىز.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى جانىش كانە، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سىياسىي ئىشلار ياردەمچى باش كاتىپى يۈسۈف دۇبەيى سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو شىنجاڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتە شەخسلەرنىڭ سۇبيېكتىپ پائالىيەتچانلىقىنى جارى قىلدۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشنى قوللاش سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە تەربىيەلەش بىلەن تەمىنلەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن خىزمەت ئىشلىدى. بۇ تەدبىرلەر شۇ جايدىكى خەلقنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شىنجاڭنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، نامراتلارنى يۆلەش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ساھەسىدىكى تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىشنى ئۈمىد قىلىمەن.
پاكىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كالىر ھاشىمى، يەمەننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مۇھەممەد مېتامى سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىم جۇڭگو شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيە- زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى، خەلقنىڭ قىزغىن مېھماندوستلۇقى شۇنداقلا مۇقىم، ئىناق جەمئىيەت مۇھىتىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدۇق، تېخىمۇ مۇھىمى شىنجاڭنىڭ سېلىنمىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە گۇۋاھ بولدۇق. جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بولغان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز.
جۇڭگو خەلقئارا قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى، پىروفىسسور خۇاڭ جىن، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى خەلقئارا قانۇن تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، تەتقىقاتچى ليۇ خۇاۋېن، ئەنگلىيە خان جەمەتى ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى روبېرت ۋالكېر قاتارلىقلار سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش جۇڭگونىڭ خەلقنى مەركەز قىلغان كىشىلىك ھوقۇق ئىدىيەسىنىڭ ئىپادىسى. شىنجاڭ جۇڭگونىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى جانلىق ئەمەلىي مىسالى. ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرى شىنجاڭغا ئالاقىدار قارالمىلارنى يامان غەرەزدە ئويدۇرۇپ چىقىپ، ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» دېگەن يالغان- ياۋىداق سۆزلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىپ، يەككە تەرەپلىك جازالاشنى يولغا قويدى، ئۇلارنىڭ قىلمىشى سىياسىي شەخسىي غەرەز ۋە بىر تەرەپلىمە قاراشلارغا تولغان بولۇپ، پاكىت، ھەقىقىي ئەھۋالغا ئېغىر خىلاپ.
يىغىندا، ھۆججەتلىك فىلىم «قۇياش نۇرى ئاستىدىكى ئەمگەك» كۆرسىتىلدى. خوتەن شەھىرى تەيدا كىيىم- كېچەك چەكلىك شىركىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باش دىرېكتورى فەن گاۋيىن سۆزىدە ئامېرىكا ۋە غەربنىڭ شىنجاڭغا يەككە تەرەپلىك جازالاشنى يولغا قويۇش، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئەمگەك ھوقۇقى، ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىي قىلىش ھوقۇقىغا دەخلى- تەرۇز قىلىشتەك قەبىھ قىلمىشىنى ئېچىپ تاشلىدى. ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ ئاقىللار ئامبىرى ۋەكىللىرى، غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، ئالىي مەكتەپلەردىكى چەت ئەللىك پىروفېسسورلار، داڭلىق تور ۋېيبو ئىگىلىرى قاتارلىقلار سۆزىدە ئامېرىكا ۋە غەربنى باشقىلارغىمۇ، ئۆزىگىمۇ زىيان يەتكۈزىدىغان قورۇقچىلىق، يەككە تەرەپلىك جازالاشنى چۆرۈپ تاشلاشقا دەۋەت قىلدى ھەم ئادىل مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي شىنجاڭنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە تونۇشتۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى مۇقىم، گۈللەنگەن، ھاياتىي كۈچكە تولغان، ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان گۈزەل شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك، ئوبيېكتىپ چۈشىنىش، تونۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
شۇ كۈنى يەنە «شىنجاڭدىكى ئەمگەك، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» «شىنجاڭدىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇق- مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش» «يەككە تەرەپلىك جازالاشنىڭ تەسىرى ھەم ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش» مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ قېتىمقى خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنىنى جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ھوقۇق- مەنپەئەتنى كاپالەتلەندۈرۈش بۆلۈمى، جۇڭگو خەلق تاشقى دوستلۇق جەمئىيىتى بەنگۇڭتىڭى، جۇڭگو سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتى قانۇن بۆلۈمى، جۇڭگو خەلقئارا قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتى، دۇنيا كېسىم مەركىزى (شياڭگاڭ)، شېنجېن خەلقئارا كېسىم مەھكىمىسى، ئۈرۈمچى خەلقئارا كېسىم مەھكىمىسى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزدى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالدى. 44 دۆلەت، رايون ۋە خەلقئارا تەشكىلاتتىن كەلگەن ۋەكىللەر، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئالاقە بۆلۈمى، جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ۋەكىللىرى يىغىنغا قاتناشتى.
چېن ۋېيجۈن رىياسەتچىلىك قىلدى، ۋاڭ جيەنشىن، قادېن كەبىن، مۇقىيات جارمۇقامەت، گاۋ جىمىڭ، دۇ خۇڭيەن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە كارخانىلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.