مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى مەنزىرىسى سىزىپ چىقىلدى
10:45:26 2024-12-18 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

− شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ ئىسلاھات- تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولغانلىقى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ شىيا

يىل ئاخىرى يېقىنلىشىپ قالدى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىگە جايلاشقان توققۇز يىللىق ئىزچىل تۈزۈمدىكى يېڭىدىن قۇرۇلغان مەكتەپ قەرەلىدە پۈتتى، بۇ مەكتەپنىڭ ئومۇمىي يەر كۆلىمى 55 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، ئوقۇتۇش بىناسى، ئۇنىۋېرسال بىنا، زال ئىچى تەنتەربىيە سارىيى قاتارلىقلار بار، كېلەر يىلى ئەتىيازدا، ئەتراپتىكى ئوقۇغۇچىلار بۇ يەردە يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىنى باشلايدۇ. «يىراققا بېرىشنىڭ ھاجىتى قالمىدى، بالام ئىشىك ئالدىدىلا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيالايدىغان بولدى» دېدى بۇ ناھىيەنىڭ ئاھالىسى سانا خاسمەنك خۇشاللىقىنى باسالمىغان ھالدا.

مائارىپ دۆلەتنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى، پارتىيەنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى. بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مائارىپنىڭ نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلىرىنى تەتقىق قىلىپ پىلانلاش، بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى سىجىل ياخشىلاپ، ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مائارىپنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە ئومۇملىشىشى، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى مەنزىرىسىنى سىزىپ چىقتى.

ياش- ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان «ئاساس سېلىش» قۇرۇلۇشى پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى

ئوقۇتۇش بىناسى ئىچىدە كۆرگەزمە قىلىنغان ھۆسنخەت ئەسەرلىرى، كارىدورنى بېزەپ چاپلانغان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى قەغەز قىيمىلىرى، مەكتەپنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقاق ئېسىلغان 24 مەۋسۇم ھېكايىسى... كورلا شەھەرلىك لىشياڭ باشلانغۇچ مەكتىپىدە، جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئامىللىرىنى ھەممىلا يەردە كۆرگىلى بولاتتى ھەم دەرسخانا ئوقۇتۇشىغا سىڭدۈرۈلگەنىدى.

«بىز <لىشياڭ رۇنشىن> ماركىسىنى ۋاسىتە قىلىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى، ئىنقىلابىي مەدەنىيەت، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى مەكتەپ باشقۇرۇش، مەكتەپنى ئىدارە قىلىش ۋە ئوقۇتۇش، ئادەم تەربىيەلەشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈردۇق.» كورلا شەھەرلىك لىشياڭ باشلانغۇچ مەكتىپى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لى جۈن مۇنداق دېدى: ئۈن- تىنسىز تەسىر كۆرسىتىش داۋامىدا، مەكتىپىمىز بالىلارنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارنى كىشىلىك ھاياتتىكى تۇنجى تۈگمىنى ياخشى ئېتىشكە يېتەكلىدۇق.

ئادەم تەربىيەلەشنىڭ ئاساسى ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتە. ئاپتونوم رايونىمىز جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ياش- ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان «ئاساس سېلىش» قۇرۇلۇشى ۋە «دەۋر يېڭى كىشىلىرى روھنى تاۋلاش قۇرۇلۇشى»نى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئىدىيەۋى- سىياسىي دەرسنى ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتىكى ئاچقۇچلۇق دەرس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يەرلىكنىڭ ئىدىيەۋى- سىياسىي دەرس قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتىنى قۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر بويىچە يەرلىكنىڭ ئىدىيەۋى- سىياسىي دەرس قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە يېتەكچىلىك قىلىش لايىھەسىنى تۈزدى، ئاپتونوم رايون بويىچە «چوڭ ئىدىيەۋى- سىياسىي دەرس» قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ھەرىكىتى، دەرسلىككە ئىدىيەۋى- سىياسىي نەزەرىيەنى سىڭدۈرۈش يۇقىرى سۈپەتلىك قۇرۇلۇشى ھەرىكىتى قاتارلىق ئون تۈرلۈك ھەرىكەتنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، ئالغا سىلجىتتى، ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى دەۋردىكى مەكتەپ ئىدىيەۋى- سىياسىي دەرس قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنىنى تەشكىللەپ ئاچتى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا جۇشقۇن قانات يايدۇرۇلغان ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى- سىياسىي دەرسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى مائارىپ بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز پۈتۈن ئاپتونوم رايوننى قاپلىغان ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى- سىياسىي دەرسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش بىرلەشمىسىدىن 35نى قۇرۇپ، مەكتەپلەردە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشقا مۇستەھكەم ئاساس سالدى. ھەرقايسى ئوقۇتۇش باسقۇچى بويىچە بىرلىكتە تەتقىق قىلىش، بىرلىكتە ئۆگىنىش، بىرلىكتە ئوقۇتۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مائارىپچىلارنىڭ ئىقتىدارى ۋە ساپاسىنى ئۆستۈردى، بىر تۈركۈم «ئاساس سالىدىغان» نادىر دەرسلەر بارلىققا كەلدى، تەدرىجىي ھالدا ئالغا سىلجىتىش، ئىقتىدار ئارقىلىق بىر- بىرىنى تولۇقلاش، ماسلىشىپ ئادەم تەربىيەلەش نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

كېڭەيتىش، ئەلالاشتۇرۇش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق مائارىپ ئادىللىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

بۇ يىل كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدە، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى پەرزەنتلىرى مەكتىپى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 80- باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپ گۇرۇھىغا قوشۇلدى، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى) مائارىپ ئىدارىسى شىنجاڭ تېببىي داشۆسى پەرزەنتلىرى مەكتىپىگە قارىتا ئوخشاش سۈپەتلىك باشقۇرۇشنى يولغا قويدى.

«مەكتىپىمىز يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدەندى، لېكىن يەنىلا بەزى كەمتۈكلۈكلەر مەۋجۇت. مائارىپ گۇرۇھىغا قوشۇلغاندىن كېيىن، مائارىپ گۇرۇھى ھەمدە ئەزا مەكتەپ- رايوننىڭ ئەلا سۈپەتلىك بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، پۈتۈنلەي يېڭى بولغان باشقۇرۇش ئەندىزىسى، قوشۇننى بىرىكتۈرۈش، ئوقۇتۇش ئىدىيەسى قاتارلىقلار ئارقىلىق ئەتراپتىكى ئاممىنى تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپ بىلەن تەمىنلىيەلەيمىز» دېدى شىنجاڭ تېببىي داشۆسى پەرزەنتلىرى مەكتىپىنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى جۇ چېڭخۇا.

ئۈرۈمچى شەھىرى ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەر مائارىپ گۇرۇھىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇن قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، بۇ يىل ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ گۇرۇھىدىن ئوننى يېڭىدىن تەشكىللەپ قۇرۇپ، مائارىپ بايلىقىنىڭ مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئاقسۇ ۋىلايىتىدە يېڭىدىن قۇرۇلغان، ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىپ قۇرۇلغان يەسلى، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر قەد كۆتۈردى، بۇ ۋىلايەت مائارىپ سېلىنمىسىنى سىجىل زورايتىپ، شەھەر- يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى ياردەم پۇلى خىراجىتى چۈشۈرۈپ، ناھىيە (شەھەر)لەرنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى بايلىقىنى تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇرۇشىغا مەدەت بېرىپ، شەھەر- يېزا، رايونلار ئارىسىدىكى پەرقنى كىچىكلىتىپ، مائارىپ ساھەسىدىكى ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، شەھەر- يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك، تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

تېخىمۇ كۆپ بالىلارنى يېقىن ئەتراپتا ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىدىن بەھرىمەن بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئاممىنىڭ ئارزۇسى. ئۈرۈمچىنىڭ گۇرۇھلاشتۇرۇپ مەكتەپ باشقۇرۇشى، ئاقسۇنىڭ شەھەر- يېزا مەكتەپلىرى قىياپىتىنى يېڭىلىشى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى كېڭەيتىش، ئەلالاشتۇرۇش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويغانلىقىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى. بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون ئاساس مائارىپنىڭ ئاساسىي نۇقتىسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلىدى. ئوقۇش يېشىدىكى نوپۇسنىڭ ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلگەن خىرىسقا پائال تاقابىل تۇرۇپ، نوپۇس ئۆزگىرىشىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇلغان مائارىپ بايلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ تەقسىملەش مېخانىزمىنى تېزدىن تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋر ئاساسىي مائارىپ بويىچە كېڭەيتىش، ئەلالاشتۇرۇش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتى، مەجبۇرىيەت مائارىپى مەكتەپلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، يەسلى مەخسۇس مەبلىغىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى 1843 يەسلىنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى ياخشىلىشىغا مەدەت بېرىپ، 17 يەسلىنى يېڭىدىن قۇرۇپ، ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىپ قۇرۇپ، 4800 ئوقۇش ئورنىنى يېڭىدىن كۆپەيتىپ، «14- بەش يىل»لىق يەسلى مائارىپى تەرەققىياتى ھەرىكەت پىلانىدىكى ئاچقۇچلۇق كۆرسەتكۈچنى مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملىدى.

بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى سىجىل ياخشىلاپ، مەركەزنىڭ مەخسۇس تۈر مەبلىغىدىن 2 مىليارد 570 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى 350 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان مەكتەپ بىناسىنى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىپ قۇردى، دۆلەت دەرىجىلىك، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەجبۇرىيەت مائارىپى ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى تەجرىبە رايونى، تەجرىبە مەكتىپى قۇرۇلۇشىنى باشلىدى؛ مەركەز مەبلىغىدىن 422 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر، بولۇپمۇ ئەلا سۈپەتلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمى تەمىناتىنى ئاشۇرۇپ، قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق ئوقۇغۇچى مەنبەسى كۆرۈنەرلىك ئاشقان رايونلاردا بىر تۈركۈم ئۆلچەملەشكەن ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى يېڭىدىن قۇرۇش، ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىپ قۇرۇشقا مەدەت بېرىپ، ئاساسىي مائارىپتىكى «شەھەر- بازارلاردىكى مەكتەپلەر قىستاڭ بولۇش، يېزا- كەنتلەردىكى مەكتەپلەر ئاجىز بولۇش» ئەھۋالىنى كۈچەپ ياخشىلاپ، شەھەر- يېزىلار، رايونلار، مەكتەپلەر، كىشىلەر توپى ئارىسىدىكى ئوقۇش سۈپىتى پەرقىنىڭ تەدرىجىي كىچىكلىشىگە تۈرتكە بولدى. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايون بويىچە مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ مۇستەھكەملىنىش نىسبىتى %99.2كە يېتىپ، تېخىمۇ كۆپ بالا ئىشىكى ئالدىدىلا «مەكتەپتە ياخشى ئوقۇيالايدىغان» بولدى.

جەنۇبىي شىنجاڭدا تولۇق كۇرس مائارىپى بىلەن تولۇق قاپلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى

بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون قەشقەر داشۆ قاتارلىق ئۈچ مەكتەپنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، سىغىمىنى كېڭەيتىشىگە زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولدى، شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى، شىنجاڭ تىيانشان كەسپىي تېخنىكا داشۆسىنىڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى مەكتەپ رايونى كەينى- كەينىدىن قۇرۇلدى، جەنۇبىي شىنجاڭدا تولۇق كۇرس مائارىپى بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، بۇ، شىنجاڭنىڭ ئالىي مائارىپ تەرەققىياتىدىكى بەلگە خاراكتېرلىك، ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە چوڭ ئىش بولۇپ قالدى.

شىنجاڭ بىر تاختا شاھمات، جەنۇبىي شىنجاڭ شاھمات كۆزى. جەنۇبىي شىنجاڭ ئالىي مائارىپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپ ۋە گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئارزۇسىنى قاندۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئاپتونوم رايونىمىز جەنۇبىي شىنجاڭ ئالىي مائارىپ تەرەققىياتىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى مەكتەپلىرىنى پىلانلاش، قۇرۇشنى تېزلىتىپ، تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى بويىچە كەسپىي ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش نىسبىتىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، پەن قۇرۇلۇشىدىكى ئالدىن كۆرەرلىك ۋە كەسىپلەرنىڭ ماس كېلىش دەرىجىسىنى كۈچەيتتى، جەنۇبىي شىنجاڭ ئالىي مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى كەيپىيات نامايان بولدى.

«بىز جەنۇبىي شىنجاڭغا نۇقتىلىق جايلاشتۇرۇلىدىغان تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى تۈرىدىكى، ئەمەلىي تىپتىكى تولۇق كۇرس ئالىي مەكتەپلىرىنى قۇرۇپ، ئالىي مائارىپنىڭ شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تىرەك بولۇش ئىقتىدارى ۋە تۆھپە قوشۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈردۇق.» ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: ئاپتونوم رايون ئالىي مائارىپ تەرەققىياتىنى جەنۇبىي شىنجاڭ مائارىپ خىزمىتىدىكى باشلامچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەكتەپلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇش قۇرۇلمىسى ۋە مائارىپ بايلىقىنى تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ساپا، ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى تۈرىدىكى پەن، كەسىپلەرنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىشەنچلىك ئىختىساسلىقلار كاپالىتى ۋە ئەقلىي كۈچ تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايون ئالىي مائارىپ بايلىقىنى تەقسىملەشنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، «ھەممە جايدا تولۇق كۇرس مائارىپى بولۇش» نىشانىنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇردى. شىنجاڭ داشۆنىڭ «قوش ئالدىنقى قاتار» قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كەسپىي تېخنىكا داشۆسىنى يېڭىدىن تەسىس قىلدى، باشقا كەسپىي تېخنىكا داشۆلىرىنى قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش خىزمىتىنى تېز ئالغا سىلجىتتى.

ئالىي مائارىپ يۇقىرى ساپالىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش ۋە يەرلىكنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىشتىن ئىبارەت مۇھىم بۇرچنى زىممىسىگە ئالغان. ئاپتونوم رايون ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەسىگە ئورگانىك جىپسىلىشىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشى، «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ، پەنلەرنىڭ تەسىس قىلىنىشىنى جانلىق تەڭشەپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، يۇقىرى ساپالىق تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئىختىساسلىقلىرى بىلەن تەمىنلەشنى كۆپەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، پەن تەتقىقات بىلەن مائارىپنىڭ يۇغۇرۇلۇشىغا چوڭقۇر تۈرتكە بولۇپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنىڭ جەمئىيەت ئېھتىياجىغا ماسلىشىش دەرىجىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مائارىپ كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتتى.

ئادىل ھەم سۈپەتلىك بولۇش يېڭى دەۋر مائارىپقا يۈكلىگەن يېڭى بۇرچ. ئاپتونوم رايونىمىز شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مائارىپ توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى، بولۇپمۇ مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تىرىشىپ خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى باشقۇرۇپ، مائارىپتا خەلققە نەپ يەتكۈزۈش نۇرى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ كۆپ ئىللىقلىق يەتكۈزىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125