شىنجاڭ مائارىپ يىغىنى ئېچىلدى
17:56:49 2024-12-18 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 مائارىپ كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن مائارىپ كۈچىنى قوشۇش كېرەك

 ما شىڭرۇي سۆز قىلدى  ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ قاتناشتى

12- ئاينىڭ 17- كۈنى، شىنجاڭ مائارىپ يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- جېڭۋېي ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

  ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) شىنجاڭ مائارىپ يىغىنى 12- ئاينىڭ 17- كۈنى ئېچىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- جېڭۋېي ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى، 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مائارىپ توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مائارىپ كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن مائارىپ كۈچىنى قوشۇش كېرەك.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ جۇ يىغىنغا قاتناشتى. مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، باش مائارىپ مۇپەتتىشى ۋاڭ جيايى يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

 ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مائارىپنى دۆلەتنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى، پارتىيەنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋر مائارىپ ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىلەر ۋە مۇھىم تەدبىرلەر سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ، بىزنىڭ يېڭى مۇساپىدە مائارىپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىز ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى، بۇرچ- ۋەزىپىسى، نىشان- تەلىپى ۋە ئىلمىي قانۇنىيىتىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، مائارىپنىڭ سىياسىي خاراكتېرى، خەلقچىل خاراكتېرى، ئىستراتېگىيە خاراكتېرىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ ۋە تونۇپ، باشتىن- ئاخىر مائارىپنى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەت سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي تۇتۇپ، مائارىپ كۈچلۈك رايونى قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك.

 ما شىڭرۇي يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭ مائارىپىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ۋە بىڭتۇەنگە ۋاكالىتەن، مائارىپ مىنىستىرلىقى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر، نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئالىي مەكتەپلەر ۋە مائارىپ سېپىدە كۈرەش قىلىۋاتقان كەڭ ئوقۇتقۇچىلار، مائارىپ خىزمەتچىلىرىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى مۇساپىدە، شىنجاڭ مائارىپنىڭ ئىستراتېگىيەلىك باشلامچىلىق ۋە تىرەكلىك، يېتەكچىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئاساسنى كۈچەيتىش، كۈچ قوشۇشقا جىددىي ئېھتىياجلىق. ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى- سىياسىي دەرسىنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتتە ئومۇميۈزلۈك يېتىشتۈرۈش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مائارىپ ساھەسىدىكى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئەمەلىي تۇتۇپ، ياش - ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان «ئاساس سېلىش» قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى مائارىپى ئوقۇتۇشى بىلەن تولۇق قاپلىنىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە يۈكسەلدۈرۈش كېرەك. ئاساسىي مائارىپنىڭ ئاساس نۇقتىسىنى پۇختىلاپ، مائارىپنىڭ ئاممىۋى مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، «ئىككىنى ئازايتىش» نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، مەكتەپ ئىچى مائارىپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مائارىپ، پەن- تېخنىكا، ئىختىساسلىقلارنىڭ تەرەققىياتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت ئىستراتېگىيەسى ۋە شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ ۋە كاپالەتلىك قىلىپ، «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشى قاتارلىق مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجنى چۆرىدەپ، ئالىي مەكتەپلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئەلالاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، پەن ۋە كەسىپلەرنىڭ تەسىس قىلىنىشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پەن تەتقىقات ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا كۈچ قوشۇپ، زامانىۋى كەسپىي مائارىپ سىستېمىسى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، كەسپىي تولۇق كۇرس مائارىپىنى پۇختا قەدەم بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. يۇقىرى سەۋىيەلىك مەكتەپ رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، مەكتەپنىڭ شۇجىلىقىغا، مەكتەپ مۇدىرلىقىغا ئەلالارنى تاللاپ، كۈچلۈكلەرنى سەپلەپ، مائارىپچىلار روھى ئارقىلىق روھنى تاۋلاش، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى كۈچەيتىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، ئوقۇتقۇچىلار بايلىقىنى تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم ئوقۇتقۇچىلار پىلانى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار، ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرى، غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرى قاتارلىق بايلىقلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئورنى، جەمئىيەتتىكى ئورنى، كەسىپ جەھەتتىكى ئورنىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش كېرەك. مائارىپ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پايدىلىق تۈزۈلمە - مېخانىزملارنى بەرپا قىلىش كېرەك. يۇقىرى سەۋىيەلىك مائارىپنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى مەدەنىيەت- پەن- مائارىپ مەركىزى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، شىنجاڭ مائارىپىنىڭ خەلقئارا تەسىر كۈچى ۋە جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭ مائارىپىنى زور كۈچ بىلەن ياخشى باشقۇرۇپ، ئاساسىي مائارىپ خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئالىي مائارىپنى يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى باشقۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كەسپىي مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرنى جەنۇبىي شىنجاڭدا يىلتىز تارتىشقا يېتەكلەپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىبارەت «شاھمات كۆزى»نى جانلاندۇرۇشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك. پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، مائارىپ مىنىستىرلىقى بىلەن كېڭىشىش، نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر بىلەن ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مائارىپ كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىنى ماس ئالغا سىلجىتىشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

 ۋاڭ جيايى سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭ مائارىپ ئىشلىرىنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، مائارىپ خىزمىتىگە تۈرتكە بولۇشتا بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مائارىپ توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنىڭ ۋە مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسنى پۇختىلاپ، مۇلازىمەتتىن ئىبارەت بۇ يۆنىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھاتتىن ئىبارەت بۇ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچتىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت بۇ ئاچقۇچنى ياخشى تۇتۇپ، مەكتەپ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىدىن ئىبارەت بۇ تۆۋەن چەكنى چىڭ ساقلاپ، مائارىپ كۈچلۈك رايونىنى بالدۇرراق قۇرۇپ چىقىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىگە كۈچ قوشۇش كېرەك. مائارىپ مىنىستىرلىقى مىنىستىرلىق بىلەن ئاپتونوم رايون(بىڭتۇەن) كېڭىشىش ۋە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش مېخانىزمىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرىكىدەكلا قوللاپ، سىياسەت جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش، ئۇنىۋېرسال ئىسلاھ قىلىش، خىراجەت جەھەتتىن قوللاش قاتارلىق جەھەتلەردە مايىللىشىپ، شىنجاڭ مائارىپىنىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.

 ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكتىكى ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار مائارىپ كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى، نىشان- ۋەزىپىسى، مۇھىم تەدبىرلىرىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ھەقىقىي تۈردە مەسئۇلىيەتچانلىقنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي گەۋدىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىسلاھات تەپەككۇرى ۋە شەكلى ئارقىلىق مائارىپ كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىشى كېرەك. ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، راستچىل- ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ماسلىشىشى، ھەمكارلىشىشىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ مائارىپى خىزمىتىگە بولغان قوللاش ۋە سېلىنما سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، نۇقتىلىق بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئارقىلىق ئومۇمىي گەۋدە بويىچە يۈكسەلدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. مۇھىم  ۋەزىپىلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ۋاقىت جەدۋىلى، يول خەرىتىسى، ۋەزىپىنامىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مىخ قېقىش روھى ئارقىلىق پۈتۈن شىنجاڭنىڭ مائارىپ سەۋىيەسىنى ئومۇمىي گەۋدە بويىچە ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت ئىستراتېگىيەسى ۋە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىگە تىرەك بولۇشقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. 

 يىغىندا، ما شىڭرۇي قاتارلىق رەھبەرلەر دۆلەت دەرىجىلىك شەھەر رايونى ئىشلەپچىقىرىش- ئوقۇتۇش بىرلەشمە گەۋدىسى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك شەھەر رايونى ئىشلەپچىقىرىش- ئوقۇتۇش بىرلەشمە گەۋدىسى ۋە ساھەلەر ئىشلەپچىقىرىش- ئوقۇتۇش يۇغۇرما ئورتاق گەۋدىسىگە ۋىۋىسكا بەردى. 

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق پەن- تېخنىكا نازارىتى، قومۇل شەھىرى، ئارال شەھىرى، خوتەن ۋىلايىتى، شىنجاڭ داشۆدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، كوناشەھەر ناھىيەسى توققۇزاق بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مەكتەپ مۇدىرى ۋە بىڭتۇەن 5- شى شۇاڭخې شەھىرى 88- تۇەن مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

 ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بېيجىڭ داشۆ، بېيجىڭ جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى داشۆسى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ۋە ئورۇنلار دۆلەت ئىچىدىكى ئالىي مەكتەپلەر بىلەن تەتقىقات ئورنىنى ئورتاق قۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى، بىڭتۇەن ۋە يەرلىكنىڭ مائارىپ تارماقلىرى شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ مائارىپ تارماقلىرى بىلەن شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىشنى سىجىل، چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى   ئىمزالىدى.            

 تيەن شياڭلى، ۋاڭ جيەنشىن، يۈسۈپجان مەمەت، قادېن كەبىن، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، بىڭتۇەننىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، مائارىپ مىنىستىرلىقىدىكى ئالاقىدار يولداشلار، دۆلەت ئىچىدىكى قىسمەن ئالىي مەكتەپلەر ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ مائارىپ تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى مائارىپ خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا ئەزا ئورۇنلار، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار ئورۇنلار، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ۋە بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسى شى، شەھەرلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەر، تېخنىكوم مەكتەپلىرى ۋە تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرى، پۇقراۋى ئالىي مەكتەپلەردىكى مەسئۇل يولداشلار، ئالاقىدار مەكتەپلەر ۋە ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللىرى ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلار، بىڭتۇەن ئورگىنى ۋە ھەرقايسى شى، شەھەر، تۇەن- مەيدانلاردا شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125