ۋېي رۇڭ
17 يىللىق ئاخبارات زىيارىتى قىلىش مۇساپەمدە خاتىرىلەنگەن دەقىقە بەك كۆپ. 2022- يىلى 9- ئايدا، شەنشى ئۆلكىسى ۋېينەن شەھىرى تۇڭگۇەن ناھىيەسى چىندۇڭ بازىرى بىڭخې باشلانغۇچ مەكتىپىگە تۇنجى قېتىم بېرىپ، بىر كۆرۈنۈشنى كۆرۈپ، قەلبىم ئىللىقلىققا چۆمدى.
شى مياۋلى ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە (سۈرەتنى ئاپتور ۋېي رۇڭ تەمىنلىگەن)
بىڭخې باشلانغۇچ مەكتىپى تۇڭگۇەن ۋېيخې دەرياسى بويىغا يېڭىدىن سېلىنغان يۇقىرى ئۆلچەملىك زامانىۋى يېزا مەكتىپى بولۇپ، مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا تۇرسىلا ئۈچ دەريا كېسىشكەن ھەيۋەتلىك مەنزىرىنى كۆرگىلى بولاتتى. شى مياۋلى مەكتەپنىڭ مۇدىرى بولسىمۇ، ئوقۇغۇچىلار ئۇنى «مەكتەپ مۇدىرى ئانا»، «مەكتەپ مۇدىرى ئاچا» دەپ ئاتاشقا ئادەتلەنگەنىدى.
بۇلتۇر 9- ئايدا، بىز شەنشى رادىيو- تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «يېڭى دەۋردىكى شەنشىنىڭ يېڭى جاۋاب قەغىزى خەلق تۇرمۇشى بەخت- سائادىتى كىشىلەر قەلبنى ئىللىتتى» پىروگراممىسىدا تۇڭگۇەننىڭ يېزا مائارىپى تەرەققىياتى توغرىسىدا بىر سان تېلېۋىزىيە مەخسۇس فىلىمى ئىشلەش ھەققىدىكى تەكلىپنى تاپشۇرۇپ ئالدۇق. بىڭخې باشلانغۇچ مەكتىپى ئالدىن تاللىنىپ، سۈرەتكە ئېلىش، زىيارەت قىلىشتىكى ئاساسلىق نۇقتا بولۇپ قالدى.
لايىھەنى ئالدىن تۈزۈۋالدۇق، سېنارىيەنى ياخشى پىلانلىدۇق، ئىلگىرىكى ئادەت ۋە تەجرىبىلەرگە ئاساسەن، سۈرەتكە ئېلىش، زىيارەت قىلىش جەريانى ئاساسەن بىزنىڭ پىلانىمىز بويىچە بولاتتى.
شى مياۋلى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەمتۈرتكە بولۇۋاتقان كۆرۈنۈشىنى سۈرەتكە ئېلىش ئۈچۈن، مەنمۇ دەرسخانا، تەنتەربىيە مەيدانى، ياتاق، ئېكران دىيالوگى قاتارلىق نۇرغۇن كۆرۈنۈشنى پىلانلىدىم. نەتىجىدە، مەن «تەجرىبىچىلىك» خاتالىقىنى ئۆتكۈزدۈم.
شى مياۋلى بىزنى دەرسخانىغا باشلاپ كىرگەندە، ئەسلىدە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن سۈرەتكە ئېلىش باشلانماقچىدى، كىم بىلسۇن، سىنىپ ئىچى بىردىنلا خۇشاللىققا چۆمۈپ، قاينام- تاشقىنلىققا چۆمدى. شى مياۋلى ئېغىز ئاچماي تۇرۇپلا، ئوقۇغۇچىلار يوپۇرۇلۇپ كېلىپ، خۇشال ھالدا شى مياۋلىنى ئورىۋالدى. «مەكتەپ مۇدىرى ئانا»، «مەكتەپ مۇدىرى ئاچا» دەپ چاقىرغان ئاۋاز دەرسخانىنى بىر ئالدى.
شۇ دەقىقىدە، مەن بۇ كۆرۈنۈشتىن چوڭقۇر تەسىرلەندىم. ئاخبارات سەزگۈرلۈكۈم مېنى دەرھال كامېرانى ئېچىپ، بۇ تەبىئىي ھەم ھەقىقىي كۆرۈنۈشنى چىڭ تۇتۇپ خاتىرىلەشكە ئۈندىدى.
«مەكتەپ مۇدىرى ئاچا، مەن ئەتە سىزگە كەمپۈت ئېلىپ بېرەي». «مەكتەپ مۇدىرى ئانا»، مەن سىزنى كۆتۈرەلەيمەن». «ماڭا بىر بولكا بېرەمسىز؟» …… بالىلارنىڭ پوتلىسى شى مياۋلىنىڭ بەدىنىگە تېگىپ كېتىۋاتقان تەقدىردىمۇ، ئۇ يەنىلا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە بالىلارغا يېقىنلىشىپ، ھەر بىر بالىنىڭ گېپىنى ئېنىق ئاڭلاپ، ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.
ئوقۇغۇچى، مەكتەپ مۇدىرى ئون نەچچە مىنۇتقىچە قۇچاقلىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇشتى، كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان بۇ پەيتنى قولدىن بېرىپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ، پۈتۈن جەرياندا كامېرانى ئېتىۋەتمىدىم، پەقەت توختىماستىن تارتىش نۇقتىسىنى ئۆزگەرتىپ تۇردۇم.
مەكتەپتە ئوقۇغىنىمدىن تارتىپ خىزمەت ئىشلەۋاتقىچە، بۇنداق مەنزىرىنى ھەقىقەتەن ئاز كۆرگەنىدىم. مەن بۇ مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلار بىلەن مەكتەپ مۇدىرىنىڭ شۇنچە ئىناق، خۇشال، ئىللىق، مۇھەببەتلىك ئۆتىدىغانلىقىدىن ھەيران قالدىم.
ئەسلىدىكى سۈرەتكە ئېلىش پىلانىمىز يوق بولدى، تەپەككۇرنى ئۆزگەرتىپ، بىرىنچى كۆرۈش نۇقتىسىنى سۈرەتكە ئېلىشنى ئاساس قىلدۇق. نەق مەيداندا خىزمەتداشلىرىم بىلەن زىيارەت قىلىش، سۈرەتكە ئېلىش لايىھەسىنى قايتىدىن تەڭشىدۇق.
بىر كۆرۈنۈش بىر تەپسىلات، بىر تەپسىلات بىر ھېكايە ئىدى.
بىڭخې باشلانغۇچ مەكتىپىمۇ ياتاقلىق باشلانغۇچ مەكتەپ بولۇپ، مەكتەپتىكى 149 ئوقۇغۇچىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى ئۆيدە قالغان ئوقۇغۇچىلار ئىدى. شى مياۋلى يان تېلېفون ئارقىلىق بالىلارنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇشىنى خاتىرىلەشنى ياخشى كۆرىدىكەن، چۈنكى ئۇنىڭ قىسقا سىن مەستانىلىرى توپىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقان ئائىلە باشلىقلىرى بار ئىكەن.
بىر جۈملە سۆز، بىر ھەرىكەت، بىر كۆرۈنۈش ... شى مياۋلىنىڭ قىسقا سىن فىلىمى دائىم ئالقىشلىنىپ ياخشى باھا دولقۇنىنى قوزغايدىكەن. «مەكتەپنىڭ شارائىتى ياخشىلاندى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈشمۇ ئىنتايىن مۇھىم. ئائىلە باشلىقلىرى بالىلىرىنىڭ مەكتەپتىكى كۈندىلىك تۇرمۇشىنى كۆرسە، ئۇلارمۇ خاتىرجەم بولىدۇ. ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ بەرگەن باھاسىغا مەنمۇ ئىمكانقەدەر جاۋاب قايتۇرىمەن، بۇنداق بولغاندا ئۇلار تېخىمۇ خاتىرجەم بولىدۇ».
شى مياۋلىنىڭ خاتىرىسى ۋە سۈرەتكە ئېلىشى ھەقىقىي، چىن بولغاچقا، بالىلار قورقۇش ھېس قىلمىدى، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئوقۇغۇچىلار بىلەن مەكتەپ مۇدىرىلىق مۇناسىۋىتىدىن باشقا، كۆپچىلىكنىڭ مۇناسىۋىتىدە دوستلۇق، ئائىلە ئەزاسىدەك تەم شەكىللەندى.
بۇ «قۇچاقلىشىش» مېنىڭ مەخسۇس فىلىمىمدىكى ئەڭ قالتىس كۆرۈنۈشلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
ئاپتورنىڭ ئادرېسى: شەنشى ئۆلكىسى ۋېينەن شەھىرى تۇڭگۇەن ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى
پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)