مائارىپ كۈچلۈك رايونى قۇرۇپ چىقىش نىشانىغا قاراپ پۇختا قەدەم تاشلايلى
10:30:55 2024-12-19 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

  گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

رايوننى كۈچەيتىشتە جەزمەن ئالدى بىلەن مائارىپنى كۈچەيتىش كېرەك. شىنجاڭ مائارىپ يىغىنىدا پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى، 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مائارىپ توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ مائارىپ خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەندى، ۋەزىيەت چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىپ، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مائارىپ كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىدىكى يەتتە تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپە ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، بۇ، ناھايىتى كۈچلۈك يېتەكلەشچانلىققا، قاراتمىلىققا ۋە مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە. بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ روھىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىزنىڭ مائارىپ كۈچلۈك رايونى قۇرۇپ چىقىش نىشانىغا قاراپ پۇختا قەدەم تاشلاپ، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈشىمىزدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

بۇ يىلقى مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇملۇقى ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ چىقىشنىڭ قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى باشلامچى ۋەزىپە، پۇختا ئاساس، ئىستراتېگىيەلىك تىرەك ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر كۆرسىتىپ بەردى، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە ۋە مۇھىم تەدبىرلەرنى سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. بىز مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى، بۇرچ- ۋەزىپىسى، نىشان- تەلىپى ۋە ئىلمىي قانۇنىيىتىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، مائارىپنىڭ سىياسىي خاراكتېرى، خەلقچىل خاراكتېرى، ئىستراتېگىيە خاراكتېرىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ ۋە تونۇپ، مائارىپنى باشتىن- ئاخىر شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەت سۈپىتىدە تۇتۇشىمىز كېرەك.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى پەن- مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتتى، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇردى، تىرەك كاپالىتىنى كۈچەيتتى، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، مائارىپ ئادىللىقى تولۇق نامايان بولۇپ، تەرەققىياتقا تىرەك بولۇش تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇپ، مائارىپ ئىسلاھاتى پۇختا ئالغا سىلجىتىلىپ، كاپالەت سالمىقى سىجىل زورىيىپ، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى. بۇ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى نېگىزىدىن ئېيتقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئالاھىدە غەمخورلۇقىدىن بولدى، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدىن بولدى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئالىي مەكتەپلەرنىڭ شەخسىيەتسىز ياردىمىدىن بولدى، شۇنداقلا ئۇ بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكتىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ۋە مائارىپ سىستېمىسىنىڭ ئورتاق كۈرەش قىلغانلىقى، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلىگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى.

«ۋەزىيەتنى كۆزىتەلىگەنلەر دانا، ۋەزىيەتكە ماسلىشالىغانلار ئاقىل». ھازىر، بىز جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش يېڭى مۇساپىسىگە قەدەم قويدۇق، مائارىپ كۈچلۈك رايونى قۇرۇشنى تېزلىتىش يېڭى باسقۇچىغا كىردۇق، مائارىپنىڭ ئىستراتېگىيەلىك باشلامچىلىق ۋە تىرەكلىك، يېتەكچىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئاساسنى كۈچەيتىش، كۈچ قوشۇشقا جىددىي ئېھتىياجلىق. بىز شۇنى كۆرۈپ يېتىشىمىز كېرەككى، مائارىپ كۈچلۈك رايونى قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، شىنجاڭ تارىختىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك شارائىتقا، ئەۋزەللىككە ئىگە. بىز ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش پىكىر يولى ۋە ئىسلاھات روھى ئارقىلىق مائارىپ كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشى ئۇلۇغۋار پىلانىنى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

مائارىپ كۈچلۈك رايونى قۇرۇپ چىقىش نىشانىغا قاراپ قەدەم تاشلاشتا ۋەزىپە مۈشكۈل، خىزمەت ئىنتايىن مۇرەككەپ، چىگىش، ئاچقۇچ يېڭى دەۋردىكى مائارىپنىڭ مەسئۇلىيەت ـ بۇرچىنى مەھكەم ئىگىلەپ، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مائارىپ ساھەسىدىكى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى پۇختا تۇتۇش؛ ئاساس مائارىپنىڭ ئاساسىي نۇقتىسىنى پۇختىلاپ، مائارىپ ئاممىۋى مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش؛ مائارىپ، پەن- تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت ئىستراتېگىيەسى ۋە شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىش؛ يۇقىرى سەۋىيەلىك مەكتەپ رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ئوقۇتۇش، ئادەم تەربىيەلەش ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش؛ مائارىپ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پايدىلىق تۈزۈلمە- مېخانىزم بەرپا قىلىش؛ يۇقىرى سەۋىيەلىك مائارىپنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى مەدەنىيەت- پەن-مائارىپ مەركىزى قۇرۇشنى تېزلىتىش؛ جەنۇبىي شىنجاڭ مائارىپىنى زور كۈچ بىلەن ياخشى باشقۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىبارەت «شاھمات كۆزى» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى كۈچلۈك مەدەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش مائارىپنى ياخشى باشقۇرۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى. سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، پارتىيە كومىتېتى بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان، تارماقلار ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان مائارىپ رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ ماس ئالغا سىلجىتىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مائارىپ مىنىستىرلىقى بىلەن كېڭىشىشنى كۈچەيتىپ، نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مائارىپ كۈچلۈك رايونى قۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

ئۇزاق مۇددەتلىك زور ئىشتا مائارىپ ئاساس. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىمىزگە ئېلىپ، مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسىدە باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىدا جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، دۆلەت ئىستراتېگىيەسى ۋە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىمىز ۋە تىرەك بولۇشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125