يۆ يەنيۈن
يىل ئاخىرىدا، نۇرغۇن ئورۇن، تارماقلار «نەچچە ھەسسە» ئالدىراش ئەندىزىسىنى باشلىدى. ئەمما سەللا دىققەت قىلسىڭىز، بەزىلەرنىڭ ئۆزىنى قەستەن «ئالدىراش» قىلىپ كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بايقايسىز.
بەزىلەر «رەھبەر قايتمىسا مەنمۇ قايتمايمەن»دە چىڭ تۇرۇپ، رەھبەرلەرگە ئۆزىنى ئالدىراش كۆرسەتمەكتە؛ بەزىلەر خىزمەت ۋاقتىدا قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتنى كەينىگە سۆرەپ ئىشتىن چۈشۈشكە ئۈلگۈرۈپ ئىشلىمەكتە، يەنە تېخى دائىم ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگەن ھالەتنى ۋېيشىن «دوستلار چەمبىرىكى»گە يوللاپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ئۆزىنى ئالدىراش كۆرسەتمەكتە؛ يەنە بەزىلەر «كىچىك ئىشنى چوڭايتىپ»، خىزمەتتە بىر تەرەپ قىلىنغان كىچىك مەسىلىلەرنى خۇددى «ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش» قىياپىتىدە سۆزلەپ، ئۆزىنىڭ كۆپ بەدەل تۆلىگەنلىكىنى گەۋدىلەندۈرمەكتە ...
بۇنىڭدىن باشقا، خىزمەتداشلار ئارا كۆرۈشكەندە دائىم ئىشلىتىلىدىغان سۆزلەرمۇ «يېقىندىن بۇيان ئالدىراشمۇ» دېگەن سۆزلەر بولماقتا، ۋاھالەنكى، مەيلى قاچان، قەيەردە بولسۇن، ھەممىسىگە دېگۈدەك «ئالدىراش» دېگەن جاۋاپ قايتماقتا. بىردىنلا، ھەممىلا ئادەم ياكى ئالدىراش بولۇۋاتقاندەك، ياكى ئالدىراش بولۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتقاندەك ھالەت شەكىللەنمەكتە.
ناھايىتى ئېنىقكى، بەزى كىشىلەر ھەقىقىي ئالدىراش ئەمەس، بەلكى «ئويۇن قويۇش» بىلەن ئالدىراش بولۇپ، مۇشۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىنى نامايان قىلماقتا. ھالبۇكى، ھەقىقىي تىرىشچانلىق نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنى يېتەكچىلىك قىلىدىغان بولۇپ، «ئويۇن قويۇش»قا ئەمەس، بەلكى ئەمەلىيەت داۋامىدا بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشكە ئېھتىياجلىق. ھەمىشە ئېغىزدىلا دەپ، كۆرۈنۈشكىلا ئىشلەيدىغان، باشقىلارنىڭ بىلمەي قېلىشىدىن ئەنسىرەپلا تۇرىدىغان تىرىشچانلىقلارنىڭ ھەممىسى يالغان تىرىشچانلىقتۇر.
يالغان تىرىشچانلىق ماھىيەتتىن ئېيتقاندا شەكىلگىلا ئەھمىيەت بېرىپ، مەزمۇنغا ئەھمىيەت بەرمەيدىغان، جەريانغىلا ئەھمىيەت بېرىپ، نەتىجىگە ئەھمىيەت بەرمەيدىغان شەكىلۋازلىقتۇر. نۆۋەتتە، مەيلى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش بولسۇن ياكى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىش بولسۇن، قايسىبىر خىزمەت ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشكە ئېھتىياجلىق ئەمەس؟ ئەگەر يالغان تىرىشچانلىق كۆپ بولۇپ كەتسە، نۇرغۇن خىزمەت ئۈنۈمسىز ئايلىنىش ئىچىگە پېتىپ قېلىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قەلبىدىكى ئوبرازى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپلا قالماي، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك ئىشلارنىمۇ ئالغا سىلجىتىش تەسكە توختايدۇ.
كىشىنى ئويغا سالىدىغىنى شۇكى، بۈگۈنكى كۈندە، شەكىلۋازلىققا ھەممە ئادەم كوچىدىن ئۆتكەن چاشقاننى ئۇر-ئۇر قىلغاندەك قارشى تۇرىدىغان بولدى، «تۈگىمەس ھۆججەت، ئۈزۈلمەس يىغىن»، ھەممە يەردە ئىز قالدۇرۇش قاتارلىق شەكىلۋازلىقلار كۆرۈنەرلىك ئازايدى، ئەمما شەكىلۋازلىقنىڭ ئۆزگەرگەن تۈرى بولغان يالغان تىرىشچانلىقتىن نېمە ئۈچۈن نۇرغۇن كىشى يەنىلا زېرىكمەيدۇ؟
بۇنىڭ سەۋەبى ئاساسەن مۇنداق ئىككى خىل: بىرىنچىدىن، يالغان تىرىشچانلىقنىڭ ئۆزى ناھايىتى كۈچلۈك يوشۇرۇنچانلىققا ئىگە، چۈنكى نۇرغۇن كىشىنىڭ نەزىرىدە، تىرىشچانلىق مەيلى چوڭ ياكى كىچىك بولسۇن ماختاشقا ئەرزىيدۇ، شۇڭا يالغان تىرىشچانلىق نۇرغۇن سورۇندا كىشىلەرگە ناتوغرا بىلىنمەيدۇ، بۇ، خىزمەتتىكى ساندا بار ساپادا يوق بەزى كىشىلەرنى بىخەتەر ھالدا «نەنگو ئەپەندى»گە ئايلاندۇرىدۇ. ئىككىنچىدىن، بەزى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ سىياسىي نەتىجە قارىشى يەنىلا خاتا، ئادەتتە خىزمەتتە تاشقى شەكىلگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ.
شۇنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەسكى، يالغان تىرىشچانلىق نۇرغۇن شەكىلۋازلىققا ئوخشاش، «پۇرىسا سېسىق، يېسە مەززىلىك». ئەگەر بىز بۈگۈن بۇ خىل ئەھۋالنىڭ ئالدىنى ئالمىساق، كېيىن خىزمەتلەردە يامراپ كېتىشى مۇمكىن.
شەكىلۋازلىق پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ چوڭ دۈشمىنى. مەيلى قانداق شەكىلۋازلىق بولسۇن، بايرىقىمىز روشەن ھالدا قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك. يالغان تىرىشچانلىق ھەرقانچە راست ئوينالسىمۇ قولىدىن ئىش كەلمەسلىك، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالماسلىقتەك ماھىيىتىنى يوشۇرالمايدۇ. بىز يالغان تىرىشچانلىققا قارىتا ھەر ۋاقىت كاللىمىزنى سەگەك تۇتۇپ، كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ، ھوشيارلىقنى ساقلاپ، ئۇنىڭ ئەمەلىي ئىشلەش ئىستىلىنى بۇزۇشىغا، كۈرەش قىلىش روھىنى ئاجىزلاشتۇرۇشىغا قەتئىي يول قويماسلىقىمىز كېرەك.