ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچىنىڭ قىش پەسىللىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن سۆھبەتلەشتى
ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش مۇلازىمىتى كاپالىتىنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قىشنى بىخەتەر، ئىللىق ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك
جاڭ جۇ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 12- ئاينىڭ 18- كۈنى ئۈرۈمچىدىكى ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش كارخانىلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن سۆھبەتلىشىپ، قىش پەسىللىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى مۇھاكىمە قىلدى. ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئارقىلىق قىش پەسىللىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، قىش پەسىللىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش ۋە ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ جۇ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.
ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ ھەربىي مەشىق ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش پونكىتىغا كېلىپ، ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش ئەسلىھەلىرى ۋە كونترول قىلىش سىستېمىسىنىڭ يۈرۈشۈش ئەمەلىي ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، تۈرلۈك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش پارامېتىرىنى، ئاممىنىڭ ئىلتىماس- تەلەپلىرىنى ھەل قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: قىش پەسىللىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش خىزمىتى ھەممە ئائىلىنىڭ ھال- ئەھۋالى ۋە ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەشكە مۇناسىۋەتلىك خەلق تۇرمۇشى چوڭ ئىشى، جەزمەن پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي تۇتۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قىشنى بىخەتەر، ئىللىق ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاممىنىڭ ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش ئىلتىماس- تەلىپىنى ئىنكاس قىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن، ۋاقتىدا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش كېرەك. ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش ئۇچى ۋە خېرىدارلار ئۇچىدىن ئىبارەت ئىككى باشتىن كۈچەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش ۋە تۇرالغۇلارنى ئېنېرگىيە تېجەپ ئىسسىقلىق ساقلايدىغان قىلىش خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك.
12- ئاينىڭ 18- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچىدىكى ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش كارخانىلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن سۆھبەتلەشتى. سۈرەتتە: ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچى ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتىدە ئۈسكۈنىلەرنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىماقتا. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
ئارقىدىن ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچى ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ، ئۈسكۈنىلەرنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى ھەم ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش، يېقىلغۇ گاز كارخانىلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئۈرۈمچىنىڭ قىش پەسىللىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى مۇھاكىمە قىلدى.
ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: خەلقچىل ھېسسىياتنى چىڭ ساقلاپ، ھەر ۋاقىت ئاممىنىڭ ھال- ئەھۋالىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش مۇلازىمىتى كاپالىتىنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش ئۆلچىمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ھەرىكەتچان كۆزىتىش- ئۆلچەشنى كۈچەيتىپ، ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش توغرىسىدىكى ئىلتىماس- تەلەپلەرنى قوبۇل قىلىش، بېجىرىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆلچەمگە يېتىشى، ئاممىنىڭ رازى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۈسكۈنە ۋە تۇرۇبا تورىنى كۈندىلىك ئاسراشنى كۈچەيتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قائىدىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسىنىڭ مۇقىم يۈرۈشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، بىخەتەر تەرەققىيات تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاش كېرەك. «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا گاز ئىشلىتىش» «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش» قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، پاكىز ئېنېرگىيە بويىچە ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، رايوننىڭ ئاتموسفېرا مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا كۈچ قوشۇش كېرەك.
ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش ساھەسىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش كەسپىنىڭ تۈجۈپىلەشكەن تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، پار قازان، تۇرۇبا تورى قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى ئۆزگەرتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىسسىقلىق بىلەن يۇقىرى سۈپەتتە تەمىنلەشكە بولغان ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش كېرەك. ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش لايىھەسىنى چوڭقۇر، ئەمەلىي ئىشلەپ، تۈرلۈك ئىسسىقلىق مەنبەسى بويىچە ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش يوشۇرۇن كۈچىنى سىجىل قېزىپ، ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك. پاكىز ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرۈشنى ئۇزاق مەزگىللىك پىلان قىلىپ، كۆمۈر قاتلىمى گازى زاپىسىنى كۆپەيتىپ، مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.
ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى يىل، باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار خەلق تۇرمۇشى ھال- ئەھۋالىنى ھەر ۋاقىت كۆڭلىگە پۈكۈپ، مۇھىم خەلق تۇرمۇشى تاۋارلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە كۆمۈر، توك، ماي، تەبىئىي گاز، تىرانسپورت تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلىشى كېرەك. بۇ يىلنىڭ ئاخىرى، كېلەر يىلىنىڭ بېشىدا ھەرقايسى ساھەلەردە خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشنى كۈچەيتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە تۈزەشنى كۈچەيتىپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسە يۈزبېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى توسۇش كېرەك. ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى كۈچەپ تۈزەپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ مەسىلىلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.
قادېن كەبىن پائالىيەتكە قاتناشتى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)