ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ياخشى ئورۇندايلى
10:13:56 2024-12-20 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ياخشى ئورۇندايلى

 − مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

 خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

 مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا كېلەر يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كۆزدە تۇتۇلۇپ، توققۇز جەھەتتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپە ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بەشنى «جەزمەن بىرتۇتاش پىلانلاش»قا بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇش تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىز ئۈچۈن ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ بېرىلدى، ئەمەلىي يول كۆرسىتىپ بېرىلدى.

 كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئومۇمىي تەلىپىدىن قارىغاندا، مەيلى ئىقتىسادنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ساقلاش ياكى نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ- خەتەر ۋە تاشقى زەربىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇش بولسۇن، ھەممىسى بىزدىن تېخىمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ قېتىمقى يىغىندا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان نۇقتىلىق ۋەزىپىلەردە دىققەت نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، «ئىستېمالنى زور كۈچ بىلەن جانلاندۇرۇپ، سېلىنمىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئىچكى ئېھتىياجنى ھەر تەرەپلىمە كېڭەيتىش» باش ئورۇنغا قويۇلۇپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش، بەلگە خاراكتېرلىك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ ئورۇنلاشتۇرمىلاردا دۆلىتىمىز تەرەققىياتىدىكى گەۋدىلىك تۈگۈن مەسىلىلەر نەزەردە تۇتۇلۇپ، چوڭقۇر قاتلاملىق توسالغۇلار بۇزۇپ تاشلىنىپ، تۇراقسىز، ئېنىقسىز ئامىللار كۆپىيىۋاتقان تاشقى مۇھىتقا تاقابىل تۇرۇلۇپ، نىشان يۆنىلىشى بىلەن مەسىلە يۆنىلىشىنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش گەۋدىلەندۈرۈلدى. بىز ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش ئۈنۈمىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

 يىغىندا بىر قاتار مۇھىم تەدبىر ۋە كونكرېت تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، روشەن سىياسەت يۆنىلىشى گەۋدىلەندۈرۈلدى. بىز يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ئەستايىدىل ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشىمىز كېرەك. ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇشتىكى مۇھىم بىر تەرەپ دەل گەۋدىلىك تۈگۈننى ھەل قىلىش، بۇ مەسىلىلەر كۆپ ھاللاردا نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنىڭ ئورۇندىلىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.

 مەسىلەن، «<ئىچكى قىسىمدا رىقابەتلىشىش شەكلى>دىكى رىقابەتنى ئۇنىۋېرسال تۈزەپ، يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە كارخانىلارنىڭ ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك». بۇ، بۇ يىل 7- ئاينىڭ 30- كۈنى ئېچىلغان مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا «ساھە تەلەپچانلىقىنى كۈچەيتىپ، <ئىچكى قىسىمدا رىقابەتلىشىش شەكلى>دىكى يامان غەرەزدە رىقابەتلىشىشتىن ساقلىنىش كېرەك» دەپ كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، مەركەزنىڭ يەنە بىر قېتىم ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويۇشى. «ساقلىنىش»تىن «ئۇنىۋېرسال تۈزەش»كىچە، «ساھە تەلەپچانلىقى»نى تەكىتلەشتىن «يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە كارخانىلارنىڭ ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش»قىچە، «ئىچكى قىسىمدا رىقابەتلىشىش شەكلى»دىكى رىقابەتكە قارشى تۇرۇش پوزىتسىيەسى تېخىمۇ روشەن، قېلىپلاشتۇرۇش ئوبيېكتى تېخىمۇ ئېنىق بولدى.

 «ئىچكى قىسىمدا رىقابەتلىشىش شەكلى»دىكى رىقابەت ئادەتتە بىر تەرەپلىمە ھالدا تۆۋەن باھانى قوغلىشىدىغان زىيادە ئوخشاش سۈپەتلىك رىقابەتتە ئىپادىلىنىدۇ. يېڭى دەۋردىن بۇيان، دۆلىتىمىزدە يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش تېزلىتىلىپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، لىتىيلىق باتارېيە، يورۇقلۇق ۋولت مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق «يېڭى ئۈچ خىل مەھسۇلات»نىڭ ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك بولدى. لېكىن يېڭىدىن گۈللەنگەن ئايرىم كەسىپلەردە يەنە تەكرار ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە «ئىچكى قىسىمدا رىقابەتلىشىش شەكلى»دىكى رىقابەت مەۋجۇت، بۇ، بايلىقتىن پايدىلىنىش ۋە تەقسىملەش ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىپلا قالماي، بەلكى كەسىپنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ.

 يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتا مۇسابىقە يولى ناھايىتى كۆپ، «يېڭى ئۈچ خىل مەھسۇلات»قىلا ئېسىلىۋېلىشقا بولمايدۇ، داغدۇغا پەيدا قىلىشقا، داغدۇغا بىلەن ئىش باشلاپ، ئاخىرىدا نەتىجىسىز تارقىلىپ كېتىشكە بولمايدۇ، چوقۇم شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ھەر كىم ئۆز ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. ئۆزىنىڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ھەم ئۇلۇغۋار غايە، جەسۇرانە ئىرادە بىلەن تەرەققىياتنى پائال پىلانلاپ، ھەم مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇپ، پەرقلىق تەرەققىي قىلىشقا ماھىر بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۇتىشىدىغان ئۆرلەش مۇسابىقە يولىنى دەل جايىدا تېپىش كېرەك. مەيلى يەرلىك ھۆكۈمەت بولسۇن ياكى كارخانا بولسۇن، ھەممىسى قىسقا مۇددەتلىك مەنپەئەتنى دەپ باھانىڭ «تۆۋەنلىكىنى قوغلىشىش رىقابىتى» بىلەن شۇغۇللىنىپ، ساھەنىڭ ئومۇمىي تەرەققىيات مۇھىتىنىڭ ناچارلىشىشى ۋە ھەر قايسىسىنىڭ مەۋجۇت بولۇش بېسىمىنىڭ ئېشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارسا بولمايدۇ، بەلكى پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ۋە تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ ئىقتىدار، سۈپەت جەھەتتىكى «يۇقىرى ئۆرلەش رىقابىتى» ئارقىلىق ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

 مەسىلەن، «كارخانىلارغا ئالاقىدار قانۇن ئىجرا قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش»، بۇ ھەم يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم ۋەزىپە، ھەم ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر.

 تۈرلۈك كارخانا ۋە كارخانىچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە ئۈنۈملۈك، باراۋەر قوغداش، تۈرلۈك كارخانىنىڭ قانۇن- بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلىرىنى قانۇن بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش، قانۇندىن چەتنەپ ئىلتىپات قىلماسلىق، مانا بۇ قانۇنچىل ئىقتىساد، قانۇنچىل جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي تەلىپى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گۇڭئەن ئورگانلىرى باشقا جايدا دېلو بېجىرىش ھەمكارلىقىدا «ئالتىنى قاتتىق مەنئى قىلىش»، پايدا قوغلىشىپ قانۇن ئىجرا قىلىشنى مەنئى قىلىشتىكى «يەتتە تۈرلۈك بەلگىلىمە» قاتارلىق تۈزۈملەرنى يولغا قويغاندىن تارتىپ ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى «تەپتىش كارخانىلارنى قوغداش» مەخسۇس ھەرىكىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، «كىچىك خاتالىقلارنى ئېغىر جازالاش»نى تۈزىتىپ، «يىراق ئوكياندىن بېلىق تۇتۇش» شەكلىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ قانۇن ئىجرا قىلىشنى قاتتىق جازالاش قاتارلىقلارغىچە، بىز قانۇنچىللىق ئارقىلىق كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇشتا چىڭ تۇردۇق.

 كارخانىلارغا ئالاقىدار قانۇن ئىجرا قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشتا، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، كارخانىلارغا ئالاقىدار قانۇن ئىجرا قىلىشتىكى قانۇن- بەلگىلىمىگە خىلاپ تۈرلۈك قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، جەمئىيەتتە ئىنكاس كۈچلۈك بولغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا باشقا جايدا قانۇن ئىجرا قىلىش ۋە پايدا كۆزلەش خاراكتېرىدىكى قانۇن ئىجرا قىلىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، دېلو بېجىرىشنى مەنپەئەت بىلەن چېتىشنى چەكلەپ، كارخانىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك قوغداپ، تۈرلۈك تىجارەت سۇبيېكتلىرى ئۈچۈن ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىش كېرەك.

 يەنە مەسىلەن، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسى يىغىندا نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان ساھەلەرنىڭ بىرى. «ئىشقا ئورۇنلىشىش، مال باھاسى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشنى ساقلاش» «ئاھالە كىرىمىنىڭ ئېشىشى بىلەن ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنىڭ ماس قەدەمدە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش» نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشتىن «نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق كەسىپ، شەھەر- يېزىلاردىكى ئاساسىي قاتلام ۋە ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلاردا ئىشقا ئورۇنلىشىشنى قوللاش پىلانىنى يولغا قويۇش» تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقىچە، بۇنىڭدىكى مەقسەت تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى، تەرەققىياتنىڭ ئۇلىنى مۇقىملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت.

 ھازىر، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشى يەنىلا ئاز بولمىغان قىيىنچىلىق ۋە خىرىسقا دۇچ كەلدى، ئاممىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كىرىمىنى ئاشۇرۇش بېسىمغا دۇچ كەلدى. كېلەر يىلى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ئېھتىياجلىق ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ كۆلىمى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، «مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش»تا تېخىمۇ كۆپ نەتىجە يارىتىش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى خەلق تۇرمۇشىدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش سۈپىتىدە تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى قوللاش پىلانىنى يولغا قويۇپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتىدىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇق- مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، كەسىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىقلاردىكى يار- يۆلەك بولۇش سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا سۈپەتنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش بىلەن مىقدارنى مۇۋاپىق كۆپەيتىشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىدىن پۈتكۈل خەلققە تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل نەپ يەتكۈزۈشى كېرەك.

 ئىشلار قانچە كۆپ مۇرەككەپ بولغانسېرى، مۇھىم نۇقتىنى شۇنچە گەۋدىلەندۈرۈپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئاساسنى تۇتۇپ باشقا ئىشلارغا يول ئېچىپ تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ياخشى تاماملىساقلا، بىز چوقۇم كېلەر يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز.

 (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12- ئاينىڭ 17- كۈنى تېلېگراممىسى)

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125