جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتايلى
خەلق گېزىتى باش ماقالىسى
جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، جەزمەن يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدىن ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىشنى ئىدىيە ۋە ھەرىكەت يېتەكچىلىكى بىلەن تەمىنلىدى.
12- ئاينىڭ 17- كۈنىدىن 18- كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلغان مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ھازىرقى يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت ۋە خىرىس چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىپ، 2025- يىللىق يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى كونكرېت ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.
يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى، ئاساس پۇختىلاندى، ئومۇملۇق تەشەببۇسكارلىقى قولغا كەلتۈرۈلدى. بۇ يىلدىن بۇيان، تاشقى قىسىمدا بېسىم زورىيىپ، ئىچكى قىسىمدا قىيىنچىلىق كۆپىيىپ، ۋەزىيەت مۇرەككەپ، كەسكىن بولدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۈز مىليونلىغان خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، سالماقلىق بىلەن ۋەزىيەتكە ماسلىشىپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئىلگىرىلەپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشنى پۈتۈن پارتىيە خىزمىتىدە ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىدە تەستە قولغا كەلگەن، كىشىنى روھلاندۇرىدىغان نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى، ئاساسىي تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.
ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا نەزەر سالساق، بۇ يىل مەملىكەت بويىچە ئاشلىق ئومۇمىي ھوسۇلى 1 تىرىليون 413 مىليارد جىڭ بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 22 مىليارد 200 مىليون جىڭ ئېشىپ، تارىختىن بۇيان تۇنجى قېتىم 1 تىرىليون 400 مىليارد جىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش پەللىسىگە قەدەم قويدى؛ دېھقانلارنىڭ كىرىمىگە نەزەر سالساق، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 16 مىڭ 740 يۈەنگە يېتىپ، شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىدىكى نىسپىي پەرق داۋاملىق كىچىكلەپ، كەڭ دېھقانلارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى يەنىمۇ ئاشتى؛ يېزا- كەنت قۇرۇلۇشىغا نەزەر سالساق، يېزا- كەنت خاس كەسىپلىرى ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى سىجىل ياخشىلىنىپ، ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان ئىناق، گۈزەل يېزا- كەنت قۇرۇلۇشىدا پائال ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، يېزىلار خاتىرجەم ياشاپ خۇشال- خۇرام ئىشلەيدىغان ماكانغا ئايلاندى.
بىر يىلدىن بۇيانقى تەرەققىيات مۇساپىمىز ناھايىتى ئالاھىدە بولدى، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى خەلق قەلبىنى خاتىرجەم قىلىش، ئومۇمىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى «تۇراقلاشتۇرغۇچ»لۇق رولىنى جارى قىلدۇردى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، يېزىلارنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىپ، يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكى يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۈپ كاپالىتى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى توغرىسىدىكى چوڭ سىياسەت- فاڭجېنلىرى تامامەن توغرا، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە يېزا ئىگىلىكىگە ئەھمىيەت بېرىش، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش كىرىچىنى ھەرقانداق ۋاقىتتا بوشاشتۇرۇشقا بولمايدۇ.
سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتا، ئەڭ مۈشكۈل، ئەڭ ئېغىر ۋەزىپە يەنىلا يېزىلاردا. كېلەر يىلى «14- بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل. كېلەر يىللىق يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش «14- بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان- ۋەزىپىلەرنى يۇقىرى سۈپەتتە ئورۇنداپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ھازىر تاشقى مۇھىت ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلگەن پايدىسىز تەسىر چوڭقۇرلاشماقتا، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشى يەنىلا ئاز بولمىغان قىيىنچىلىق ۋە خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە، ئىقتىسادىي ۋەزىيەت قانچە مۇرەككەپ بولغانسېرى، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلارنى شۇنچە مۇقىم قىلىش كېرەك. بىز شەھەر- يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، يېزىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، دېھقانلارنى بېيىتىشنى قوللايدىغان تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك چارە- تەدبىرلەر ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، يېزىلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك.
يېزا ئىگىلىكىنىڭ مۇقىملىقى دۆلەت مۇقىملىقىنىڭ ئاساسى، ئاشلىق بىخەتەرلىكى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىڭ مۇھىم تىرىكى. ئاشلىق، ياغلىق دان زىرائەتلىرىنىڭ بىرلىك ھوسۇلىنى كەڭ كۆلەمدە ئاشۇرۇش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشتىن يېزا ئىگىلىكىدە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكىچە، يەنە تېرىلغۇ يەرنى قوغداش ۋە ئۇنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى كۈچەيتىش، يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكا كۈچلىرىنىڭ ماسلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىشقىچە، يىغىندا كېلەر يىللىق يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇنىڭدا ئاشلىق قاتارلىق مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى سىجىل ئاشۇرۇش 1- ئورۇنغا قويۇلغان بولۇپ، دەل ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش سۈپىتىدە تۇتۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئىرادە ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق نامايان قىلىندى. «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى قەلبكە پۈكۈپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇشنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقىنى قاتتىق ساقلاپ، «ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى يەرگە باغلاش، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تېخنىكىغا باغلاش»نى ھەقىقىي جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىدىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭگونىڭ تاماق قاچىسىنى تېخىمۇ مەھكەم، تېخىمۇ پۇختا تۇتۇش كېرەك.
نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ تۆۋەن چەكتىكى ۋەزىپىسى. يىغىندا يېزىلاردا قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مېخانىزمى ۋە تۆۋەن كىرىملىك ئاھالىلەرگە، ئانچە تەرەققىي تاپمىغان رايونلارغا قاتلام، تۈر بويىچە يار- يۆلەك بولۇش تۈزۈمىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورنىتىش قاتارلىقلار توغرىسىدا ئېنىق تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ھەم مەۋقە ھازىرغا قويۇلۇپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەر ھەل قىلىندى، ھەم يىراق كەلگۈسى كۆزلىنىپ، تەرەققىيات ئاساسى پۇختىلاندى. ئىدىيەۋى تونۇشنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىپ كېتىش يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاش كېرەك.
يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش بىر تۈرلۈك سىستېمىلىق قۇرۇلۇش. كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش يېزا- كەنتلەرنىڭ ئىچكى تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىتىشنىڭ مەنبەسى، تېخىمۇ مۇھىمى يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنىڭ ئاساسى ۋە ئاچقۇچى. يىغىندا يېزا- كەنتلەردە خەلقنى بېيىتىدىغان كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قارىتا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، يېزا- كەنت كەسىپلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتىنى يېتىلدۈرۈش، دېھقانلار بىلەن ئالاقە باغلاش، دېھقانلارنى يېتەكلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ بىر قاتار سىياسەت- تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى چىڭ تۇتۇپ، خىزمەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشقان چوڭ كەسىپكە ئايلاندۇرۇپ، دېھقانلارنى «ئالتۇن ئەپكەش» كۆتۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. «مىڭ كەنت ئۈلگە كۆرسىتىش، ئونمىڭ كەنت تۈزەش» قۇرۇلۇشى تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ ۋە قوللىنىپ، يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېزىلاردىكى ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاش، يېزا- كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، يېزا- كەنت مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئەمەلىي كۈچ سەرپ قىلىپ، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، رايون خاسلىقىغا ئىگە يېزا- كەنت قۇرۇلۇشى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان ئىناق، گۈزەل يېزا- كەنت يېڭى مەنزىرىسىنى سىزىپ چىقىش كېرەك.
يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش نىشانىغا قاراپ پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەش ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىمىزنى سىنايدۇ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا چاقىرىدۇ. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىز غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، يېزا ئىگىلىك ئاساسىنىڭ تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىشى، يېزا رايونلىرىنىڭ تېخىمۇ گۈللىنىشى، دېھقانلار تۇرمۇشىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتايلى.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12- ئاينىڭ 18- كۈنى تېلېگراممىسى)
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)