تۇرمۇش تەسىراتلىرى | ئانام
16:38:46 2024-12-20 شىنجاڭ گېزىتى ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى
 قاراڭ، ماڭا قاراپ كېلىۋاتقان ئوتتۇرا بويلۇق، چېھرىدىن تەبەسسۇم يېغىپ تۇرىدىغان بۇ ئايال مېنىڭ ئانام، شۇنداقلا قەلبىمدىكى قەھرىمان.

 بىر ياشتىن ئاشقان ۋاقتىمدا، ماڭا يىلىك خاراكتېرلىك مۇسكۇل يىگلەش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان دەپ دىياگنوز قويۇلغانىدى. بۇ كەمدىن كەم ئۇچرايدىغان كېسەللىك ئىدى، پۈتۈن بەدىنىمدىكى مۇسكۇللار كۈچسىز بولغاچقا يەرگە دەسسىيەلمەيتتىم. ئىش ئۇققىدەك بولغان ۋاقتىمدىن باشلاپلا ئانام ماڭا: «يەرگە دەسسىيەلمىسەڭ ھېچقىسى يوق، مەن پۇتۇڭ بولىمەن، نەگە بارغىڭ كەلسە، سېنى قۇچۇقۇمدا كۆتۈرۈپ شۇ جايغا ئېلىپ بارىمەن» دەيتتى. ئانام ئون يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، مېنى كۈن بويى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ، نورمال بالىلارغا ئوخشاش ئۆزۈم قىلماقچى بولغان ئىشلارنى قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى. ئۇ مېنى كۆتۈرۈپ مەكتەپكە، رەسىم سىزىش كۇرسىغا، كىتابخانىلارغا ئېلىپ باردى، يەنە مېنى نۇرغۇن قېتىم تاغقا كۆتۈرۈپ ئېلىپ چىققانىدى. شۇ چاغلاردا ئۆزۈمنىڭ باشقا بالىلارغا ئوخشىمايدىغانلىقىمنى ھېس قىلىپ باقمىغانىدىم، ئەكسىچە نۇرغۇن ساۋاقدىشىم تولىمۇ مۇلايىم ئانامنىڭ بارلىقىغا ھەۋەس قىلىشاتتى.

 مەن ئىلگىرى باشقا بالىلاردەك مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇيالمايمەن، دەپ ئويلىغانىدىم، لېكىن، مەكتەپ يېشىغا يەتكەندە، ئانام مېنى مەكتەپتە ئوقۇتۇشتا چىڭ تۇردى ھەم مەكتەپتىمۇ ماڭا ھەمراھ بولۇشنى داۋاملاشتۇردى. ئوقۇش باشلانغان تۇنجى كۈنى، ئانام مېنى مەكتەپكە ئاپارغان چاغدىكى مەنزىرىنى مەڭگۈ ئۇنتۇيالمايمەن. ئۇ ھارۋىنى ئىتتىرىپ مەكتەپ ھويلىسىغا كىرگەندە، يول بويىدىكى ياۋا گۈللەرنىڭ خۇش پۇراق تارىتىپ زەپمۇ چىرايلىق ئېچىلىپ كەتكەنلىكىنى، ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ كارىدورىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ياپيېشىل ياشىرىپ تۇرغانلىقىنى، سىنىپلارنىڭ شۇنچىلىك پاكىز ۋە يورۇق ئىكەنلىكىنى كۆردۈم. بۇلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇشقا بولغان ئوتتەك ئىنتىلىشىمنى يېلىنجاتقانىدى.
 ئېسىمدە قېلىشىچە، بىر قېتىم ئاپامنىڭ پۇتى قايرىلىپ كەتكەن ئەھۋالدىمۇ يەنىلا ئاغرىققا بەرداشلىق بېرىپ مېنى يۈدۈپ ئوقۇتۇش بىناسىغا ئېلىپ چىققانىدى ۋە ئېلىپ چۈشكەنىدى. پۇرچاقتەك تەر تامچىلىرىنىڭ ئانامنىڭ مەڭزىنى بويلاپ دومىلاپ چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا بەكمۇ ئىچىم ئاغرىدى. ئۇ: «ھېچقىسى يوق، بەرداشلىق بېرەلەيمەن»، دېدى. كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە مەن 4- يىللىققا چىقاي دەپ قالدىم، ئانام يەنىلا مېنى كۈندە يۈدۈپ مەكتەپ بىلەن ئۆينىڭ ئارىلىقىدا قاترىماقتا ئىدى. بۇ ئۈچ يىلدا ئانام قان- تەرى بەدىلىگە مېنى بىلىم ئىگىلەش ۋە مېھىر- مۇھەببەتتىن بەھرىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. ئۇ ماڭا پۇت- قولنىڭ مېيىپ بولۇشىنىڭ قورقۇنچلۇق ئەمەسلىكىنى، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ تىرىشىپ ئۆگەنسەملا، ھامان كۈچلۈكلەردىن بولالايدىغانلىقىمنى ئۆگەتتى. 
مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125