باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى
يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى، مۇھىت قوغداش ۋە ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش مۇھاكىمە قىلىندى
ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 12- ئاينىڭ 19- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يولداش چياۋ شى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە يېقىنقى مەزگىلدىكى مۇھىم تەبرىك خېتىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، مەركەز شىنجاڭ خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى خىزمەت تەلىپى مۇھاكىمە قىلىندى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، تارىمنى چۆرىدىگەن ئىقتىساد بەلبېغى تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزۈش ئەھۋالىدىن بېرىلگەن دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە- نىزاملار ۋە قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى مەركەزلىك ئېنىقلاش، شىنجاڭنىڭ مۇھىت قوغداش ۋە ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بەش دەرىجىلىك شۇجىلارنىڭ يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى تۇتۇش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى پۇختىلاپ، شىنجاڭدا يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىش كېرەك. دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى پۇختا زىممىگە ئېلىپ، تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقىنى قاتتىق ساقلاپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئاشلىقتا ھوسۇلنى مۇقىملاشتۇرۇش، ھوسۇلنى ئاشۇرۇشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى مۇھىم تەمىنات بازىسى بەرپا قىلىش كېرەك. يېزا- كەنت خاس كەسىپلىرىنى سىجىل يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش خىزمىتىنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يېزا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، يېزىلارنىڭ مۇقىملىقى، خاتىرجەملىكىنى قوغداش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، يولداش چياۋ شى قاتارلىق ئەۋلادمۇئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئىنقىلابىي روھى ۋە ئالىيجاناب خىسلىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكا- جۇڭگو سودا ئىشلىرى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 2024- يىللىق تەبرىكلەش مۇراسىمى كەچلىك زىياپىتىگە، «2024- يىللىق سۇڭدۇ خەلقئارا مۇنبىرى»گە، 2024- يىللىق دۇنيا ئەنئەنىۋى تېبابەت- دورىگەرلىك يىغىنىغا، 2024- يىللىق «جۇڭگونى چۈشىنىش» خەلقئارا يىغىنى(گۇاڭجوۋ)غا ئەۋەتكەن مۇھىم تەبرىك خېتىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئەمەلىي ھەمكارلىقنى سىجىل كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرگە يۈزلىنىپ «تەكلىپ قىلىش» «سىرتقا چىقىش» خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 4- قېتىملىق «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، نەتىجىلەرنى خۇلاسىلەپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تېپىپ چىقىپ، «بىرىگە تەگسە ھەممىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان» ئاچقۇچلۇق نۇقتىنى دەل جايىدا تېپىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتا تېخىمۇ چوڭ قەدەم تاشلاش كېرەك. تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، «ئون چوڭ كەسىپ توپى»نى چىڭ كۆزلەپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئەسلىھەلەرنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە قۇرۇپ، نۇقتىلىق ئېچىۋېتىلگەن سۇپىنىڭ قۇرۇش، يۈرۈشتۈرۈش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ زور سالماق بىلەن ھەرقايسى ساھەلەردىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: تارىم ئويمانلىقىنى چۆرىدىگەن ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىبارەت «شاھمات كۆزى»نى جانلاندۇرۇشنىڭ جىددىي ئېھتىياجى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭ جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداپ، كەسىپ تەرەققىياتى ئارقىدا قېلىش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۆزلەپ، ئارتۇقچىلىقلارنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مۇھىم كەسىپ، نۇقتىلىق كەسىپ زەنجىرى، چوڭ- چوڭ تۈرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ خاسلىقى ۋە ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىدىغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ تەرەققىياتىدىكى يېڭى ئېشىش قۇتۇپىنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچلۈك تىرەك بولۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە- نىزاملار ۋە قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى ئېنىقلاش خىزمىتىنى كەم- كوتسىز ياخشى ئىشلەپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ ئېنىقلاش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە- نىزاملار بىلەن پارتىيەنىڭ سىياسىتىنىڭ بىردەكلىكى ۋە نوپۇزلۇقلۇقىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك.
يىغىندا 2- قېتىملىق مەركەزنىڭ ئېكولوگىيە- مۇھىت قوغداشنى نازارەت قىلىش بويىچە قايتما ئىنكاس پىكرىگە ئاساسەن تۈزىتىش ۋە تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەش، شىنجاڭ بويىچە كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى تۈزەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى سىجىل چوڭقۇر ئۆگىنىپ تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش يۈكسەكلىكىدىن شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە- مۇھىتنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. 2025- يىللىق قايتما ئىنكاس پىكرىگە ئاساسەن تۈزىتىش ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، تۈزىتىلگەن مەسىلىلەرنىڭ قايتا كۆرۈلۈشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، ئېكولوگىيە- مۇھىتنى قوغداش ئۇزاق ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چوڭقۇر، سىستېمىلىق مۇھاكىمە قىلىپ، پىلانلاپ، تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىنى قاشالاش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، قۇم تىزگىنلەش ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، قۇم تىزگىنلەش تۈرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش؛ رايون ئاتموسفېرا بۇلغىنىش مەنبەسىنى دەل جايىدا ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاپ رەتكە تۇرغۇزۇش ۋە نىشانلىق تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھاۋانىڭ ئېغىر بۇلغىنىشىنى ئەڭ زور چەكتە ئازايتىش؛ كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى تۈزەش بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە- مۇھىتىنى قوغداشتىكى تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى تاماملاش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ئىلمىي، ياخشى پىلانلىشى كېرەك. بۇ يىلنىڭ ئاخىرى، كېلەر يىلىنىڭ بېشىدىكى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە بىخەتەرلىك، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى زور يوشۇرۇن خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك چىرىكلىك ۋە ناتوغرا ئىستىللارنى قەتئىي تۈزەش كېرەك.