ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز «چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىدىكى 100 كارخانىنىڭ شىنجاڭ سەپىرى»دىكى كارخانىچىلار ۋە سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى- جەمئىيىتى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى
20:19:45 2024-12-20 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) 12- ئاينىڭ 19- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچىدە شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىش، تەكشۈرۈشتە بولۇشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن كەلگەن «چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىدىكى 100 كارخانىنىڭ شىنجاڭ سەپىرى»دىكى كارخانىچىلار ۋە سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى- جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى، سېلىنما ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ جۇ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

 ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن، ھەرقايسى كارخانىچىلارنىڭ شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىش، تەكشۈرۈشتە بولۇشقا كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى، جۇڭگو خەلقئارا سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتى ۋە ھەرقايسى كارخانىلارنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى تېپىلغۇسىز تارىخىي پۇرسەتنى كۈتۈۋېلىپ، تېخىمۇ پارلاق ئىستىقبالنى نامايان قىلدى. بىز يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى مەھكەم ئىگىلەپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مول ئېنېرگىيە بايلىقىغا تايىنىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، «ئون چوڭ كەسىپ توپى»نى يېتىلدۈرۈپ، راۋاجلاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ خاس، ئەۋزەل زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلدۇق. شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىكى شارائىتى ناھايىتى ياخشى، ھازىر تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىدا كەسىپلەر جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، تىجارەت- سودا مۇھىتى كۈندىن- كۈنگە ياخشىلىنىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولۇپ، تۈرلۈك كارخانىلارنى تېخىمۇ كەڭ سەھنە، تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى، شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىشنىڭ دەل پەيتى كەلدى، ئىستىقبالى پارلاق. بىز چاڭجياڭ دېلتىسى رايونى ھەم پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كارخانىچىلارنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ، تەكشۈرۈشتە بولۇپ، ئۇدۇللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىدە تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىق نۇقتىسى، مەنپەئەت بىرىكىش نۇقتىسىنى تېپىپ، تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك تۈرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر- بىرىنى تولۇقلاش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قارشى ئالىمىز. شىنجاڭ بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت- سودا مۇھىتىنى سىجىل بەرپا قىلىپ، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئامىل كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئەلا سۈپەتلىك مۇلازىمەت كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

 جۇڭگو خەلقئارا سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چېن جيەنئەن مۇنداق بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭدا سىياسەت راۋان، خەلق ئىناق بولدى، كەسىپلەر گۈللەندى، ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى بولدى. ھەرقايسى كارخانىچىلارنىڭ شىنجاڭنى كۆپرەك ئايلىنىپ، كۆپرەك كۆرۈپ، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو خەلقئارا سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتى شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پائال مۇلازىمەت قىلىپ، ئالاقە كۆۋرۈكى سېلىپ، ھەمكارلىق سۇپىسى بەرپا قىلىپ، تۈرلۈك كارخانىلارنىڭ شىنجاڭ بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، گۈزەل شىنجاڭدا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

 قىسمەن كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرى سۆز قىلىپ، كارخانىلارنىڭ تىجارەت تەرەققىياتى ۋە كەسىپنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، ئۆز ئارتۇقچىلىقلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزئارا تولۇقلاش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ كارخانا كۈچى قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 چېن ۋېيجۈن، قادېن كەبىن، قەيسەر ئابدۇكېرىم، جۇ لىفەن، جىن جىجېن، لى يۇڭخۇڭ، جۇڭگو خەلقئارا سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، كارخانىچىلار ۋە سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى- جەمئىيىتى ۋەكىللىرى، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەندىكى ئالاقىدار ئورۇن، كارخانىلاردىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125